قەشقەردە 784 مىڭ 500 دېھقاننىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى

” تىيانشان تورى” نىڭ 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە 784 مىڭ 500 دېھقاننىڭ ئىچىملىك سۈيى بىخەتەر ئەمەس.

ئۈرۈمچىدە چاقىرىلىۋاتقان ” ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ” يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللىرى، ئىچىملىك سۈيىنىڭ بىخەتەر بولماسلىقى سەۋەبىدىن تۈرلۈك غەيرىي تىپتىكى كېسەللىكلەر كۆپىيىپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە جىددىي خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ۋە ھۆكۈمەتتىن بۇ جەھەتتە جىددىي تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 3 مىليون 830 مىڭ نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 2 مىليون 930 مىڭ نەپەر.
ئىچىملىك سۈيى پاكىز ۋە بىخەتەر بولمىغان دېھقانلارنىڭ سانى ئومۇمى ساننىڭ 27.4 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

http://www.tianshannet.com.cn/news/content/2010-01/14/content_4713439.htm

ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان كۆل ۋە دەريالارنى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى قىلىپ كەلگەن ئىدى، 1964 – يىلىدىن بۇيان توختىماي داۋام قىلىپ كەلگەن ئاتوم سىناقلىرى ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچ بىر مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرىنى ئالماي پىلانسىز ھالدا نېفىتلىك، كان، كارخانا ۋە زاۋۇتلارنى قۇرۇشى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ساپ ۋە گۈزەل مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشقا ئۇچرىدى، دەريا ۋە كۆللەرنىڭ سۇ مەنبەلىرى قۇرۇپ، ھەممە جاينى مىكروب قاپلىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھېچ بىر تەدبىر قوللانمىدى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى يېزا – قىشلاقلىرىدا قۇدۇق ۋە تۇرۇبا سۈيى بولمىغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇر خەلقى يەنىلا بۇرۇنقىدەك مەھەللىلەردىكى كۆل سۇلىرىنى ئىچىملىك سۇ ئورنىدا قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى، نەتىجىدە ھەرقايسى رايونلاردا ۋابا ۋە غەيرىي تىپتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر يامراشقا باشلىدى.

1986 – يىلى خوتەن رايونىدا غەيرىي تىپتىكى يۇقۇملۇق جىگەر كېسىلى تارقاپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھاياتىدىن ئايرىلدى، بۇ ھادىسە ئەينى چاغدا خەلقئارالىق سەھىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغىنى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى 1987 – يىلىدىن ئېتىبارەن” يېزا – قىشلاقلاردا زامانىۋى قۇدۇق بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش” دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، ئەمما ” شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان  يۇقىرىقى خەۋەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە ھېچ قانداق بىر ئەمىلى قەدەم باسمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا”.

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى