د ئۇ ق ئاخباراتى: تارىم نېفىتلىكى تارىم خەلقىگە بەخت ئەمەس، ئەكسىچە بەختسىزلىك ئېلىپ كەلمەكتە

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى

“شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى” نىڭ 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىم نېفىتلىكىدە بايقالغان تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى بىر تىرىليون 400 مىليارد كۇپمېتىر يەتكەن بولۇپ، بۇ، خىتاينىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنى 30 يىلغىچە بىخەتەر ھالدا تەمىنلەشكە يېتىدىكەن.

2009 – يىلى تارىم نېفىتلىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گاز مىقدارى 16 مىليارد 190 مىليون كۇپمېتىر يەتكەن بولۇپ، ئىچكى ئۆلكىلەردە تارىم نېفىتلىكىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىۋاتقان كارخانىلارنىڭ سانى 3000 غا، ئاھالىلەرنىڭ سانى بولسا 300 مىليونغا  يېقىن كىشىگە يەتكەن.

” غەربىنىڭ گازىنى شەرققە توشۇش تۇرۇبا لىنىيىسى ”  تاماملانغان  2004 – يىلىدىن بۇيان تارىم نېفىتلىكى خىتاينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسى ئۇلىغا ئايلانغان. 

http://www.chinanews.com.cn/ny/news/2010/01-14/2072262.shtml

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، تارىم نېفىتلىكى خىتاي سانائىتىنىڭ جان تومۇرى، ئەپسۇسكى، بۇ گۈزەل ۋادىدا ياشاپ كەلگەن ۋە تارىم نېفىتلىكىنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى ھېسابلانغان  ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئاچ – يالىڭاچلىق ئىچىدە جان تالاشماقتا.

خۇددى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنىدەك، تارىم نېفىتلىكى ئۇيغۇر خەلقىگە بەخت – سائادەت ئەمەس، بەلكى بالاسى – قازا ئېلىپ كەلمەكتە.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن 6 شەھەر دەپ ئاتالغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 530 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تارىختىن بۇيان تارىم ۋادىسى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاساسلىق مەركىزى بولۇپ كەلگەن، مەمۇرچىلىق قاپلىغان باياشات بىر رايون ئىدى.

بۈگۈن بولسا تارىم ئويمانلىقى خىتاي بويىچە ئەڭ مۇقىمسىز رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، تارىم ۋادىسىدىكى مىللىي ئىسيانلار ۋە قارشىلىق كۆرۈنۈش ھەرىكەتلىرى بىر – بىرىگە ئۇلىشىپ ئايىغى ئۈزۈلمەي داۋام قىلماقتا. تارىم ئويمانلىقىدا نېفىت قۇدۇقلىرى، تەبىئىي گاز ئېغىزلىرى ۋە زاۋۇت، كان – كارخانىلارنىڭ سانى كۆپەيگەنسېرى، بۇ ۋادىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ چۇقان ۋە ئىسيان سادالىرى شۇنچە كۈچىيىپ باردى.

مەسىلەن، بۈگۈن تارىم ئويمانلىقىدىكى نېفىت قۇدۇقلىرى، تەبىئىي گاز ئېغىزلىرى، كۆمۈر كانلىرى شۇ دەرىجىدە كۆپكى، خۇددى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى ئەسلىتىدۇ، نېفىت ۋە گاز تۇرۇبىلىرى خۇددى بوغماق يىلاندەك پۈتۈن ۋادىنى چىرماپ ئالغان، كورلىدىن تارتىپ تاكى خوتەنگىچە ئاساسلىق چوڭ ناھىيىلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى نېفىت – خىمىيە زاۋۇتلىرى، نېفىت قوماندانلىق شتابلىرى تەسىس قىلىنغان  بولۇپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قارايدىغان بۇ نېفىتلىك ۋە كان – كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان 100 مىڭلىغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى خىتايلاردىن ئىبارەت ۋە بۇلار ئۈچۈن سانسىزلىغان زامانىۋى ئولتۇراق رايونلىرى بەرپا قىلىنغان.

بۇ خىتاي ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاشى 5000 يۈەندىن كەم ئەمەس ۋە بۇ، جەنۇبى رايونلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ 3 – 4 يىللىق كىرىمى بىلەن تەڭ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا مودا ۋە ئېسىل كىيىم، ئاستىدا پىكاپ، يېيىشى گۆش – ماي، ئىچىشى شاراب، ئۆيى بىكارلىق، ئوتۇن قالايدىغان ئىش يوق، ھەممىسىنىڭ ئۆيىدە زامانىۋى گاز ئوچاقلىرى بار، سۇدىن، توكتىن غېمى يوق.

ئەپسۇسكى، ئۇلار كەيپ سۈرۈۋاتقان مۇھىتنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بېقىڭ:

كۆپىنچىسىنىڭ ئولتۇرىدىغىنى لاي – كېسەكتە سېلىنغان  خارابە ئۆيلەر، ئۆي – ئۆيلەردە قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولغان ئاتا – ئانىلارنىڭ يىغا – زارلىرى، ئوچاقتا قالايدىغانغا  گاز تۇرماق ھەتتا كۆمۈرمۇ يوق، كوچا – بازارلارنى ئۇچىسى جۇل – جۇل، قورسىقى ئاچ يەرلىك تىلەمچىلەر قاپلىغان، شەھەر – بازارلاردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىشسىز، ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ سۈر ساداسى ھەممە ياقنى قاپلىغان، يەرلىكلەرنىڭ كۆزلىرى تەشۋىش ۋە نەپرەتكە تولغان.

بۈگۈن خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ 90 پىرسەنتىگە يېقىنراقى يەنە جەنۇبى رايونلار دەپ ئاتالغان تارىم ۋادىسىدىكى دېھقان قىزلىرى بولۇپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە، ھەتتا پۈتۈن خىتاي بويىچىمۇ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئەڭ ناچار، كىرىمى ئەڭ تۆۋەن بولغانلارمۇ يەنە مۇشۇ تارىم ئويمانلىقىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن ئىبارەت !

مانا بۇ، بايلىققا تولغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ ھېقىقى ئىگىلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى، بۇ خىل ئېغىر ئادالەتسىزلىك ۋە قاتتىق ئېكسپىلاتاتسىيە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىر مۇھىتتا يەنە قانداقتۇر مۇقىملىق، تىنچلىق دېگەنلەردىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ ?

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى