23 دۆلەت ۋە رايوندىكى 68 يەرلىك ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇر ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى

بۈگۈن، يەنى، 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى، دۇنيانىڭ 23 دۆلەت ۋە رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 68 يەرلىك ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ 20 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىنى مەجبۇرى ھالدا خىتايغا، شۇنداقلا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭمۇ لاۋھىمۇڭ مىللىتىدىن بولغان سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى لائوسقا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئاۋسترالىيە، بېنگال، كامبودژا، مىسىر، خوڭ كوڭ، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، لاۋان، مالايشىيا، نېپال، يېڭى زېللاندىيە، پاكىستان، فىلىپپىن، جەنۇبى ئافرىقا، جەنۇبى كورىيە، سىرلانكا، شۋېتسارىيە، تەيۋەن، تايلاند، تۈركىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 68 يەرلىك ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان  بىرلەشمە باياناتتا، كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ 2009 – يىلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا قارىماستىن بۇ دۆلەتلەردە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق، خەلقئارا پرىنسىپلارغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىنغانلىقى  ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.

باياناتتا، ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇندىن كېيىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى ئۆز دۆلەتلىرىگە مەجبۇرى قايتۇرۇپ بەرمەسلىكتەك خەلقئارالىق بۇ تۈپ پرىنسىپقا ۋە مۇساپىرلارنىڭ ئەڭ سىياسىي پاناھلىق تىلەشتەك بۇ ئاساسلىق ھەق – ھوقۇقىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىندى.

باياناتتا كامبودژادىن مەجبۇرى خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تەپسىلىي ئىزاھلاپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، خىتاي، كامبودژا، لائوس ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتە ئۆتكۈزگەن پرىنسىپال خاتالىقلىرى شەرھلەپ چىقىلدى ۋە ئۇلاردىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى كونكرېتنى ئىزاھلاپ ئۆتۈلدى.

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى