كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى

يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2012 – يىللىق دوكلاتىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى قاتارىدا تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەخسۇس توختىلىنغان.

بۇ مەسىلىلەرگە ئائىت مەزمۇنلار بەك كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت بېتىدىكى مەزمۇنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدا 2009 – يىلىدىكى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ مەسىلىسى، تۈرمىلەردىكى قىيناش ۋە ئادىل بولمىغان سوت قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا يەنە 2011 – يىلى قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنىڭ چېقىلىشىنىڭ داۋاملىشىپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئاىلىلىرىنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرىۋېتىلىپ، خىتاي نوپۇسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن يېڭى شەھەر رايونى پەيدا قىلىنىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 2011 – يىلى، 18 – ئىيۇلدىكى خوتەن ۋەقەسى، 30 – 31 – ئىيۇلدىكى قەشقەر ۋەقەسى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلارمۇ ئەسلىنىپ ئۆتۈلگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ يىللىق دوكلاتلىرىدىن ئىزچىل ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qisqa_xewerler/kishilik-hoquq-01222012182124.html/story_main?encoding=latin