ۋىكىلىكىس: قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى خىتايدا ئويۇن قۇيۇشنى رەت قىلدى

2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
ئاپتور: كامىل تۇرسۇن

“ۋىكىلىكىس”تور بېتى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئائىت مەخپىي ھۆججەتلەر ئىچىدە، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەت-ئالاقە ۋە دوكلاتلارمۇ خېلى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ.“5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى”يۈز بەرگەندىن كېيىن،قازاقىستاندىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خادىملىرى تەرىپىدىن ۋاشىنگتونغا يوللانغان “قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار خىتايغا ئويۇن قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى”ناملىق ئۇزۇن دوكلات بۇلاردىن بىرىدۇر.بۇ دوكلات 2009-يىلى 25-نويابىر كۈنى ۋاشىنگتونغا يوللانغان.

“قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار خىتايدا ئويۇن قويۇشنى رەت قىلدى”ناملىق بۇ دوكلاتتا،قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى،ئۇلارنىڭ قازاقىستان دائىرىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى،“ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى”سەۋەبى بىلەن خىتايغا بولغان نارازىلىقى، قازاقىستاندىكى مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە بولغان ئىنكاسى ۋە خىتاينىڭ سىياسىي زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان،ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنىڭ قازاقىستاندىكى ئەھۋالى،خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى سىياسىي تەسىرى ۋە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر دۆلەتنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە بولغان نارازىلىق قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلار قازاقىستان جەمئىيىتىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا

قازاقىستاندىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى “ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى”دىن كېيىن قازاقىستان “جۇمھۇرىيەتچىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى”نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغان روزاخۇنوۋ  ۋە قازاقىستان “دۆلەتلىك ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى”نىڭ رەئىسى تامارا خانىملار بىلەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، دوكلاتتا تۇرغان روزاخۇنوۋنىڭ “قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر تىلىدا مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈۋاتىدۇ،ئۇيغۇر باشقا مىللەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتىدۇ.ئۇيغۇرلار قازاقىستاندا تۆتىنچى، ئالمۇتادا ئۈچىنچى چوڭ مىللەت،پارلامېنتتا كۆزگە كۆرۈنگەن پەن-تېخنىكا ئالىملىرىمىز، تىجارەتچىلىرىمىز ۋە سىياسەتچىلىرىمىزدىن بولۇپ،16 نەپەر ۋەكىلىمىز بار ۋە قازاقىستان باش مىنىستىرى كارىم ماسىموۋمۇ ئۇيغۇر”،دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن.

دوكلاتتا يەنە،قازاقىستاندا تەخمىنەن 300 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشايدىغانلىقى،ئۇلارنىڭ 90% نىڭ ئالمۇتاغا مەركەزلەشكەنلىكى،ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايىۋ  ۋە باشقا سىياسىي ئەربابلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتىدىغانلىقى،ئۇيغۇرلارنىڭ مۆتىدىل قاراشتىكى ئىنسانلار ئىكەنلىكى شۇنداقلا ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە نارازى بولسىمۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ خىتاي قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرىدىغانلىقى،ئەسكەرتىلگەن.

ئۇيغۇرلار ۋە قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى

“جۇمھۇرىيەتچىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى”نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغان روزاخۇنوۋنىڭ “مەركىزىمىز سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئۇلارغا سىزىق سىزىپ بەرمەيدۇ. ئەمما پرېزىدېنت سايلىمىدا خەلقىمىزنىڭ 99 % نۇرسۇلتان نەزەربايىۋقا ئاۋاز بېرىدۇ…بىز ھۆكۈمەتنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى خالايمىزيۇ،لېكىن قازاقىستان دۆلىتىنى پارچىلايدىغان ھەرىكەتلەردە بولمايمىز..” دېگەن سۆزلىرىگە يەر بېرىلگەن بۇ دوكلاتتا،ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە باشقا سىياسىي ئەربابلار بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتلىرى نەتىجىسىدە،قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا مائارىپ،سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردە كۆپلىگەن ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقى،ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستان دۆلىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكى، بايان قىلىنىدۇ.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ

دوكلاتتا يەنە “جۇمھۇرىيەتچىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى”نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغان روزاخۇنوۋنىڭ، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ 60% نىڭ 1952-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە ئۇيغۇر رايونىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەنلىكى،ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن ئىجتىمائىي، تىل، مەدەنىيەت جەھەتلەردە يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ ئىسمى بولغان شەرقىي تۈركىستان دېگەن نامنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن شىنجاڭ دېگەن نامغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى، ئۇيغۇر رايونىدا ئۈچ-تۆت يىلدا بىر قېتىم چوڭ كۆلەملىك داۋالغۇشنىڭ يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدىكى نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ خىتاي دېگەندەك جىنايى ھەرىكەتلەر بولماستىن،ئەكسىچە ئەركىنلىك،كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان كۈرەش ئىكەنلىكى،خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنىڭ  ماھىيىتىنى بۇرمىلاپ،ئويدۇرما خەۋەرلەرنى تارقىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىگىمۇ يەر بېرىلگەن.

قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەت

“قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار خىتايدا ئويۇن قويۇشنى رەت قىلدى”ناملىق بۇ دوكلاتتا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش،ئىستراتېگىيىلىك ئورتاقلىق ۋە سودا شېرىنلىكىگە ئوخشاش يوللار بىلەن قازاقىستاندىكى تەسىرىنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى شۇنداق ئۇلارنىڭ قازاقىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىقىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقى، ئەمما بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستان خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇشقا ئۆزلىرىنىڭ قۇربى يېتىدىغانلىقىنىمۇ ياخشى بىلىدىغانلىقى، ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

دوكلاتتا يەنە،خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە،ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق پائالىيىتىگە قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ بىرئاز تەستە بولسىمۇ،ئىجازەت بەرگەنلىكى،ئەمما ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قازاقىستاننى قىيىن ئەھۋالدا قويمىغانلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ  دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە چاقىرغان تەكلىپىنىڭ “جۇمھۇرىيەتچىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى”نىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى تەرىپىدىن،بىردەك رەت قىلىنغانلىقى، شۇنداقتىمۇ خىتاي ئەلچىسىنىڭ قازاقلارنىڭ ۋاستىچىلىقى بىلەن نۇرغۇن پۇل بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئويۇن قۇيۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئەمما قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ئەلچىسىنىڭ بۇ تەكلىپىنىڭمۇ كەسكىن رەت قىلغانلىقى، بايان قىلىنغان.

قازاقىستاندىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى خادىملىرى تەرىپىدىن، ۋاشىنگتونغا يوللانغان بۇ دوكلاتتا، تامارا خانىم رەھبەرلىكىدىكى “دۆلەتلىك ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى” نىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلغانلىقى، ھازىرغىچە خېلى كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە يەرلەشكەنلىكى،لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى قازاقىستاندىكى، سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ،بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتقانلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىدارىسى تەرىپىدىن رەسمىي مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىرنەچچە يىل كېتىدىغانلىقى،رەسمىي سالاھىيەتكە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ ھەر زامان قازاقىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن ۋە قاقتى-سوقتى قىلىنىشقا ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

قازاقىستان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چېگراسى قاتتىق قامال قىلىنغان

دوكلاتتا،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەدىن كېيىن، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ قازاقىستانغا كىرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەنلىكى،لېكىن خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ چېگرانى قاتتىق قامال قىلىپ،قاچقۇنلارنىڭ قازاقىستانغا كىرىشىنى قاتتىق توسقانلىقى ھەتتا بۇ مەزگىلدە،قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېرىلىدىغان ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى توختاتقانلىقى،قىسقىسى قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ئالاھىدە ھەمكارلاشقانلىقى،ئەسكەرتىلگەن.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خىتاينى ئەيىبلىدى

دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە،قازاقىستاندىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى،د ئۇ ق نىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ۋە قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت تۇردىيېۋلار بىلەن، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا قارىتا، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ،قەھرىمان غوجامبەردى بۇ كۆرۈشۈشتە،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ،ئانا تىلدا مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى،ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى رەت قىلىۋاتقانلىقى، سىياسىي،ئىقتىسادىي ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قالدۇرۇۋاتقانلىقى قىسقىسى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىپ، يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقنى ئوتتۇرىغا قويغان.ئۇ سۆزىدە يەنە،1949-يىلىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى 261000 ئىكەنلىكى،بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ ساننىڭ 8 مىليون 400 مىڭغا يەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە،قەھرىمان غوجامبەردى،د ئۇ ق نىڭ ئۇيغۇر سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىش ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئورنىنى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتكە كۆتۈرۈش شەرتى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكى بىلدۈرگەن.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى قازاقىستاندا ئاۋارىچىلىككە يولۇققان

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەدىن كېيىن، قازاقىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى قەھرىمان غوجامبەردى ۋە ئابدۇرېشىت تۇردىيېۋلارنى ئاۋارە قىلىپ،ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى توسماقچى بولغان.ئۇلار ئالمۇتادا،5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئاچقاندا،ساقچىلار ئابدۇرېشىت تۇردىيېۋنى تۇتۇپ كەتكەن.قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ د ئۇ ق نىڭ ئالمۇتادا ئىشخانا ئېچىش پىلانىنىمۇ كۆپ قېتىم توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان.قەھرىمان غوجامبەردى بۇنى “قازاقىستان خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە زىيان يېتىشتىن ئەنسىرىدى،خىتاي بولسا،ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەقىقىي رېئاللىقنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارا بۆلىشىدىن قورقتى،”دەپ باھا بەرگەن.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى قازاقىستاننىڭ خىتايغا مايىل سىياسىتىدىن نارازى

“ۋىكىلىكىس”تور بېتى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان،ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئائىت بۇ دوكلاتقا قارىغاندا،قازاقىستاندىكى بەزى مەنپەئەت گۇرۇھلىرى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ باياناتچىسىغا ئايلانغان.بۇلاردىن بىرى پرېزىدېنت مەھكىمىسىگە قاراشلىق “قازاق ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتى”نىڭ مەسئۇلى كونىستانتىن سىيرويىژكىندۇر.بۇ شەخس 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا،خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى تەكرارلاپلا قالماستىن،بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن، ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا،1984-يىلى ماقۇللانغان ئاپتونومىيىلىك قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئاتا قىلغانلىقى ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسى،خىتاينىڭ شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ توربېتىدە “قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىس بۆلگۈنچىلەرنىڭ سەپسەتىسىنى مات قىلدى”سەرلەۋھە بىلەن ئېلان قىلىنغان.سىيرويىژكىن باشقا بىر سۆزىدە يەنە د ئۇ ق،4 نەپەر ئامېرىكالىق سېناتور، ئىككى نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ پىلانلىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكانىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئوڭدا قويغان رەڭ ئىنقىلابىنى خىتايدىمۇ ئېلىپ بارماقچى بولغانلىقىنى،ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە، قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ سىيرويىژكىننى بىر يىلنىڭ 6 ئېيىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزىدىغان ۋە خىتاينىڭ مەبلىغىگە ئېرىشكەن تەتقىقاتچى،دەپ ئاتىغانلىقى،تىلغا ئېلىنغان.

قىسقىسى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن،قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى مىللىي كىملىكنى چىقىش قىلىپ، سىياسىي سەپەرۋەرلىككە كەلگەن.قازاقىستان دائىرىلىرى بولسا،خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۆزدە تۇتۇپ،قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىسىدا بىرئاز سىياسىي بوشلۇق قالدۇرۇشقا تىرىشقان.