باياناتچى دىلشات رىشىت قۇمۇل ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنغان تەكلىپىنى يوللۇق تەكلىپ دېدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى

ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-ئومۇمى يىغىنىدا، قۇمۇل ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى، بىر قىسىم ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭمۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ئاتچوت قىلىنىدىغان دورىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، قۇمۇل ۋەكىللىرى مەزكۇر تەكلىپنى سۇنغاندا، ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئاتچوت قىلىنماسلىقىنى، ئۇيغۇر مىللىي تېبابەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر توسالغۇ دەپ كۆرسەتكەن.

يىغىننى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، مەزكۇر يىغىندا گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي مەسىلىلىرى ۋە تۈپ مەنپەەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان بىر مەسىلىنىڭ بولسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى رايوندا ئېچىلىۋاتقان يىغىنلارنىڭ ئەنئەنىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭىلىق ۋە ئىلگىرىلەش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، «ئەگەر ۋەكىللەر قۇمۇل ۋەكىللىرىگە ئوخشاش ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەىتىنى تىلغا ئېلىشتىن ئەندىشە قىلمىغۇدەك بىر جاسارەتنى كۆرسىتەلىسە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يولسىزلىقلىرىنى قىسمەن بولسىمۇ چەكلىگىلى بولاتتى» دەپ كۆرسەتتى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qisqa_xewerler/qumul-wekilliri-01162012151915.html/story_main?encoding=latin