تۈركىيەنىڭ سالىھلى رايونىدا «شەرقىي تۈركىستان ۋە ئازادلىق كۈرىشى» نامىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى

يېقىندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن يىغىن ۋە مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.

2012‏-يىلى 1‏-ئاينىڭ 7‏-كۈنى تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى سالىھلى شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈركەلى باغچىسىنىڭ يىغىن زالىدا، تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100‏-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ۋە ئازادلىق كۈرىشى» دېگەن نامدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا سالىھلى رايونىدىكى قازاق تۈركلىرى ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سەرھات باشتاش، سالىھلى كوسوۋولۇقلار مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھادى گۈر، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى سالىھلى شۆبە باشلىقى نازىھ ئاتاوغلى قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر، تۈرك ئوجاقلىرى ئەزالىرى ۋە تۈركلەردىن ئەر-ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

بۇ يىغىن، جانىل ئەلانۇر ھاكىمنىڭ «تۈركىستان تۈركلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى» دېگەن تېمىدىكى شېىرىنى جاراڭلىق دېكلاماتىسىيە قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن تۈرك ئوجاقلىرى سالىھلى شۆبە باشلىقى ئەرسىن ئايبار ئەپەندى، 2012‏-يىلى تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەپ ئۆتكۈزمەكچى بولغان پروگراممىلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە بۇ پروگراممىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق پائالىيىتىنى «شەرقىي تۈركىستان ۋە ئازادلىق كۈرىشى» دېگەن نامدا يىغىن ئۆتكۈزۈش بىلەن باشلىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كۈننىڭ مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك بىر كۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىندا جەلال بايار ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق كۈرىشى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

دوكتور ئۆمەر قۇل سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ئاخىرقى نىشانىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆرۈش. بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىشىمىز ۋە ئۆزىمىزگە بىر نىشان تاللىشىمىز كېرەك. ھازىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بىر سىياسىتى يوق. 2003-يىلغىچە تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا سۆز قىلىش جىنايەت دەپ قارىلاتتى. ھازىر پەلەستىڭە بېرىلىۋاتقان ياردەم شەرقىي تۈركىستانغىمۇ بېرىلىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە دۇنيا ئىسلام قۇرۇلتىيى جاۋابكارلىق ئاستىدا، چۈنكى خىتاينىڭ تاشقى تىجارىتىنىڭ بەشتىن تۆت قىسمى ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولىدۇ. بۇ قورقۇنچلۇق بىر ۋەزىيەت. شەرقىي تۈركىستانغا زۇلۇم قىلغان، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا، دىنداشلىرىمىزغا ھەر تۈرلۈك زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالماسلىق بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ياردەم قىلالايمىز».

دوكتور ئۆمەر قۇل سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ رەھبەرلىرى ۋە تارىختا ئۆتكەن مۇھىم شەخسلىرىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم، بىر كۈن ئازاد بولغان شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە بېرىش».

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تۈرك ئوجاقلىرى سالىھلى شۆبە باشلىقى ئەرسىن ئايبار ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەرسىن ئايبار ئەپەندى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
-دۇنيانىڭ قەيىرىدە بىر تۈرك خەلقى بولسا ئۇ بىزگە ئالاقىدار بىر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. تۈرك ئوجاقلىرىنىڭ قۇرۇلۇش غايىسى، پەقەتلا تۈركىيىدە ياشايدىغان تۈركلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ قەيىرىدە بىر تۈرك خەلق بولسا ئۇلار ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر تەشكىلات. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا قېلىشىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايمىز. بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان ئازادلىققا ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلغان ۋە شۇنىڭغا ئىشەنگەن مىللەتپەرۋەر بىر خەلق. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۇزۇن زاماندىن بۇيان قوللاپ كېلىۋاتىمىز. بۇ مەقسەتتە بۈگۈن بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يىغىن ئۇيۇشتۇردۇق. يىغىن ناھايىتى ياخشى ئاخىرلاشتى. بىز دۇنيانىڭ قەيىرىدە بىر تۈرك خەلقى بولسا ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر خەلق. شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ قەلبىمىزنىڭ يارىسى. بىز داۋاملىق ئۈرۈمچىنىڭ، قەشقەرنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىلىرى بىزنىڭ مەسىلىمىز دەپ قارايمىز. مەن تۈرك ئوجاقلىرى سالىھلى شۆبە باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ياش ۋاقتىمدا ئوسمان باتۇرنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستانغا قىزىقىشقا، كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان. بىز شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق كۈرىشىنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ۋە بۈگۈن بولمىسا ئەتە ياكى بىر قانچە يىلدىن كېيىن بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

مەركىزى ئەنقەرەگە جايلاشقان تۈرك ئوجاقلىرى ناملىق تەشكىلات تۈرك مىللەتپەرۋەر كىشىلەر تەرىپىدىن 1912‏-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلات ئاساسلىقى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈرك دۇنياسى بىرلىكى قۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت-پاالىيەت قىلىدىغان مىللەتپەرۋەر بىر تەشكىلات. بۇ يىل بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100‏-يىلى بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھازىر 100-يىلىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن خىزمەت-پاالىيەتلەر باشلاندى. بۇ تەشكىلات ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر تەشكىلات، بۇ تەشكىلات تۈركىيەنىڭ 81 شەھەر ۋە رايونلىرىدا شۆبىلىرى بولغان تەسىرى كۈچلۈك بىر تەشكىلات بولۇپ، بۇ قېتىم 100-يىلىنى تەبرىكلەپ ئۇيۇشتۇرغان يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاساسى تېما قىلدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/turk-ojaqliri-01122012151838.html/story_main?encoding=latin