مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ تۈركىيىدىكى ھايات پائالىيىتى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1949 – يىلىدىن كېيىنكى ھىجرەت ھاياتىنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىنى تۈركىيىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بىز نۆۋەتتە ئۇنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇپ ۋەتەن خەلقى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىزمەت پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1952 – يىلى تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلەر قۇرۇپ، دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن ئۇچراشقان. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى پۈتكۈل دۇنيا جاماەتچلىككە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھارماي تالماي ئىشلىدى. 1953 – يىلى ئىستانبۇلدا “تۈركىستان” ناملىق ئايلىق ژۇرنال نەشر قىلغان. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ داۋاسىنى ۋە جاپالىق كۈرەشلىرىنى تۈركىيە خەلقىگە ئاڭلاتقان. بۇ ژۇرنال كېيىنكى يىللاردا ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن توختاپ قالغان. 1956 – يىلى تۈركچە ۋە ئىڭىلىز تىلىدا “تۈركىستان ئاۋازى” ناملىق ژۇرنال نەشر قىلدى. ئۇ ئەرەب ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، بىر قانچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.

يېقىندا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى خاتىرىلەش يىغىنىدا، ئۇيغۇر زىيالىي ئېلى ئېلى ئوغلى، “مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ تۈركىيىدىكى پائالىيەتلىرى” دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن، ھەم رەھبەرلىك قىلغان لىدەر، سىياسىيون، يازغۇچى، ئۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەم ئىملىي جەھەتتە ھەم سىياسىي جەھەتتە ئايدىڭلىتىشقا تىرىشتى. خەلق ئاممىسىغا يېغىن ئۇيۇشتۇرۇپ نۇتۇق سۆزلەش ئارقىلىق، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىۋېرىسىتىلاردە ئاكادېيمكلار بىلەن پىكىرلىشىش ئارقىلىق خىزمەت قىلىپ كەلدى. سىياسىي رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشتى. بۇ نورمال بىر پائالىيەتلەر ئەمما ئوتتۇرىغا چىقمىغان بىر نوتقا بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ سىياسىي سەھنىدە ھەر زامان بىر مىللىي داۋا ئىكەنلىكىنى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سەۋەبىدىن، مىللىي ۋە ۋەتەن داۋاسىنىڭ خاراكتېىرى ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەمما بۇ بىر خەلقئارالىق مىللىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ھەر زامان ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن.

ئېلى ئېلىوغلى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1933 – يىلى خىتايغا قارشى ئۇرۇش قىلغان ۋە ئىككى قېرىنداشى بۇ ئۇرۇشلاردا شەھىد بولغان. ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن خىتاي مەركىزىگە بېرىپ سىياسىي خىزمەت قىلغان. كېيىن ئۇ يەردىن قايتىپ كېلىپ، ئافغانىستان چىگىرا ئەتراپلىرىدا قوراللىق ھەرىكەت قىلغان كېيىن يەنە قايتىپ بېرىپ ئۈچ ئەپەندىلەر بىلەن بىرلىكتە سىياسىي پائالىيەت قىلغان كېىينكى كۈنلەردە ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ قايتىدىن ھىجرەت قىلىپ تۈركىيىگە كەلگەن. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ پۈتكۈل بۇ جەرىيانلارغا قارايدىغان بولساق. سىياسىي ھاياتىنى ۋە پىكىر – چۈشەنچىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئېلى ئېلىوغلى سۆزىدە يەنە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خاتىرىلەتتى، “مەيلى مەدرېسىدە مۇدەررىس بولايلى، مەيلى پارلامنېت ئەزاسى بولايلى مەيلى ئاىلىدە بىر دادا بولايلى، قەيەردە بولساق، قانداق شارائىتتا ياشىساق ياشايلى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ياشاۋاتقان ئورۇندىكى يەرلىك سىياسىي ۋەزىيەتكە ۋە شاراىتقا باغلاپ يوقىتىپ قويمايلى، بۇ داۋانى تېخىمۇ يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېلىپ چىقىمىز كېرەك”.

ئېلى ئېلى ئوغلى سۆزىدە يەنە مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا تۈركىيە ئاۋامپالاتا ئەزاسى بولۇش توغرىسىدا كەلگەن تەكلىپنى رەت قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ مۇنداق دېدى: يۈنۇس بۇغرانىڭ دەپ بېرىشىچە، 1961 – يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئىستانبۇلنىڭ باھچېلى رايونىدىكى ئۆيىنىڭ ئالدىغا بىر كىچىك ماشىنا كېلىپ توختىغان، ئۇ ماشىنىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىدارىسىنىڭ بايرىقى قادالغان بولۇپ ئۇ ماشىنىدىن بىر قانچە كىشى چۈشۈپ ئۆيگە كىرگەن ۋە ئۆزلىرىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن شۇ دەۋردىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى جامال گۈرسەل، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى ئەنقەرەگە چاقىرتىپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاۋامپالاتا ئەزاسى بولۇش تەكلىپىنى سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەىسىگە تەشەككۈر ئېيتىپ ئۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بۇ تەكلىپ مېنى غۇرۇرلاندۇردى، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن رەت قىلىشقا مەجبۇرمەن، چۈنكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى يەرلىك سىياسەتكە قارىغاندا مۇھىم ۋە ئۇلۇغ بىر مەسىلە”

– بەلكى بەزى كىشىلەر شۇنداق پىكىر قىلىشى مۇمكىن، بەلكى شۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغان بولسا شەرقىي تۈركىستانغا تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلالىشى مۇمكىن ئىدى. بۇ خىل قاراشلار توغرا ئەمما بىر سىياسىي ئورگانغا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن ئىنسان شۇ ئورگاننىڭ خادىمى بولىدۇ، ئۇ ئورگاننىڭ قانۇن – تۈزۈم پرىنسىپلىرىغا بويسۇنۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا شەرقىي تۈركىستانغا خىزمەت قىلىش شاراىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا خىزمەت قىلىشنى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئەلا بىلىپ ئۇ تەكلىپنى رەت قىلغان، دېدى.

مىسال قىلىدىغان بولساق، بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۈركىيە، سەۇدىي ئەرەبىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى بار، بۇ جەمئىيەتلەر شۇ دۆلەتنىڭ شەرت – شاراىتىغا قاراپ، قانۇن – تۈزۈم بەلگىلەپ بەرگەن چەك – چىگىرادىن ھالقىمىغان ھالدا پائالىيەت قىلىدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستان داۋاسى يەرلىك سىياسىي ۋەزىيەت ئۈچۈن قۇربان قىلىشقا بولمايدىغان بىر ئۇلۇغ داۋا.

ئېلى ئېلىوغلى سۆزدە يەنە مۇنداق دېدى: مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ تۈركىيىدە ئېلىپ بارغان خىزمەت – پائالىيەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ 4000 پارچىدىن ئارتۇق مەكتۈب ۋە ماقالىلىرى ئارخىپلاردا ساقلانماقتا. ئۇ ھەر ساھەدىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقان. تۈركىيەنىڭ ئەينى زاماندىكى رەھبەرلىرىدىن ئىسمەت ئىمىنۇ، ئەدنان مەندىرىس ۋە جامال يۈكسەك پاشا بىلەن ئۇچراشقان. بۇ ئۈچ ئىسىم تۈركىيىدە ئۈچ گۇرۇپپىنى كۆرسىتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ناھايىتى ئۇلۇغ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ كونا داۋاسى. ھەتتا جاننى پىدا قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئۇلۇغ داۋادۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ داۋادا چىڭ تۇرۇش ۋە توغرا بىر شەكىلدە يۈرگۈزۈش كېرەك بولىدۇ.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1965 – يىلى 6 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئەنقەرەدە ۋاپات بولدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھاياتى بويىچە تىنىم تاپماي خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ۋەتەن ئوغلانى. مەرھۇمنىڭ روھىغا مەغپىرەت تىلەيمىز، ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/muhammad-emin-bughra-12252011205026.html/story_main?encoding=latin