خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى خىتايدا ئۇيغۇر ۋە تىبەت ژۇرنالىستلىرىغا زەربە بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى

خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى بۈگۈن، يەنى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا دۇنيا مىقياسى بويىچە قولغا ئېلىنغان ژۇرنالىستلارنىڭ سانىنىڭ 20 پىرسەنت ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي، بىرما، ۋېتنام، سۈرىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر ژۇرنالىستلارنىڭ ئەھۋالى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر بولۇپ، قولغا ئېلىنغان ژۇرنالىستلارنىڭ سانى 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىغا قارىغاندا، ھازىر ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئاز سانلىق مىللەت ژۇرنالىستلىرىنى ئەڭ كۆپ جازالىغان دۆلەت بولۇپ، مەۋجۇت مىللىي مەسىلىلەرنى يازغان ئۇيغۇر ۋە تىبەت ژۇرنالىستلار قاتتىق زەربە بېرىش نىشانى بولغان. خىتايدا تۈرمىگە قامالغان 27 ژۇرنالىستنىڭ 17 س مىللىي نارازىلىقلارنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىنتېرنېت تور بەت ساھىبىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى ياكى يازغۇچىلىرى ئىكەن.

دەرۋەقە 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاكتىپ يازغۇچىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانى بولغان.

دىلشات پەرھات، نىجات ئازاد، نۇرەلى ئوبۇل، غەيرەت نىياز، تۇرسۇنجان ھېزىم، گۈلمىرە ئىمىن قاتارلىق كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2008-يىلى قولغا ئېلىنغان شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى مەھبۇبە ئابلەشمۇ مىللىي مەسىلىنى يازغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارنىڭ بىرى ئىدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qisqa_xewerler/uchur-erkinlik-12082011183926.html/story_main?encoding=latin