خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ 62 يىللىق ئىشغالى ۋە زۇلۇمىغا نەزەر

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2011 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى

( خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 62 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن )

2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچى شەھىرىدە، پۈتۈن دۇنيانى دەھشەتكە چۈشۈرگەن زور قانلىق قىرغىنچىلىق يۈز بەردى.

بۇ ھادىسە، شەرقىي تۈركىستان خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىشغالىغا ئۇچرىغان 1949 – يىلىدىن بۇيان بۇ رايوندا يۈز بەرگەن ئەڭ زور قانلىق تراگېدىيىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان فاشىست خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ 5 – ئىيۇلدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقى پۈتۈن دۇنيانى زىل – زىلىگە سالدى.

ئەمەلىيەتتە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتا 60 يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان زۇلۇم، بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىن ئىبارەت !

شەرقىي تۈركىستاننىڭ كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان 1949 – يىلىدىن بۇيانقى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇيغۇرلارنى ھاكىمىيەتكە قارشى ئىسيان قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقان ئامىللارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ روشەن كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى

كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى بولسا، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1949 – يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانغا قارىتىپ كېلىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ئۆزگەرمەس ئىستراتېگىيىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەقسىتى بولسا، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ۋەتىنىدە ئازسانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش، سان جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ۋە غايەت زور خىتاي قاينىمى ئىچىدە، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئېرىتىپ يوقىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىدى.

شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش ۋە خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدە تەشۋىقات نۇقتىلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق، خىتاي پۇقرالىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ يەرلىشىشكە قىزىقتۇرۇپ كەلمەكتە.

“شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسى” نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1949 – يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى ئەسكەرلەرنى قوشقاندا ئاران 291 مىڭ نەپەر بولۇپ، ئومۇمى نوپۇسنىڭ ئاران 3 – 4 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلاتتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بولسا 3 مىليون 291 مىڭ 100 نەپەر بولۇپ، ئومۇمى نوپۇسنىڭ 85 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلاتتى.

2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 21 – كۈنى  “ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسى “، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس ئەھۋالى ھەققىدىكى ئاخىرقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭدىن مەلۇم بولۇشىچە،ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 9 مىليون 650 مىڭ 600 نەپەر ۋە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 46.06 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

خىتايلارنىڭ سانى 8 مىليون 239 مىڭ 300 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 39.33 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمما ” ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسى “، بىڭتۇەن تەركىبىدىكى 3 مىليونغا يېقىن خىتاينىڭ بۇ ساننىڭ ئىچىدە بولۇپ – بولمىغانلىقىغا ئىزاھات بەرمىگەن.

” ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسى ” نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندىكى 15 ۋىلايەت ۋە ئوبلاستنىڭ ئىچىدە پەقەتلا تۆۋەندىكى 6 ۋىلايەتتىلا نوپۇس جەھەتتە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ:

ئاقسۇ ۋىلايىتى – 71.93 پىرسەنت؛

قىزىلسۇ ئوبلاستى – 63.98 پىرسەنت؛

قەشقەر ۋىلايىتى – 89.35 پىرسەنت؛

خوتەن ۋىلايىتى – 96.43 پىرسەنت؛

تۇرپان ۋىلايىتى – 70.01 پىرسەنت؛

ئاقسۇ ۋىلايىتى – 71.93 پىرسەنت؛

يۇقىرىقى 6 ۋىلايەتتىن باشقا 11 ۋىلايەتنىڭ ھەممىسىدە خىتايلار نوپۇس جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەكتە.

خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ 6 ۋىلايەتتىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئازسانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش مەقسىتىدە، ” ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش ” دېگەن نىقاب بىلەن، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنى شىمالى رايونلارغا، ھەتتا خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى يۆتكەشكە باشلىدى. خىتاينىڭ بۇ خىل تارقاقلاشتۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە جەنۇبى رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتىدە يىلدىن – يىلغا ئازلاش كۆرۈلمەكتە.

كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە جەنۇبى رايونلاردىن شىمالى رايونلارغا ۋە خىتايغا ھەيدەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى تەخمىنەن ئىككى مىليوندىن ئاشىدۇ.

ئەمدى شەھەرلەرنى ئېلىپ ئېيتساق، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەۋجۇت 20 گە يېقىن شەھەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتە كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان شەھەرنىڭ سانى پەقەتلا 4 بولۇپ، بۇلار :

تۇرپان شەھىرى – 70.38 پىرسەنت؛

ئاتۇش شەھىرى  – 79.75 پىرسەنت؛

قەشقەر شەھىرى – 77.36 پىرسەنت؛

خوتەن شەھىرى – 82.40 پىرسەنت.

قالغان  شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە يەنە خىتايلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلماقتا.

” ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” دەپ ئاتالغان بۇ رايوننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ بەربات بولۇپ، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاران 12 پىرسەنت، خىتايلار بولسا 75.30 پىرسەنت.

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تارقاقلاشتۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 10 پىرسەنتنىڭ ئاستىغىمۇ چۈشۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

شەرقىي تۈركىستاندىكى بىڭتۇەن ھەققىدە

بىڭتۇەن – شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن مىللىي زىددىيەت، مىللىي ئىختىلاپ، مىللىي توقۇنۇش، مىللىي ئىسيان ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ باش مەنبەسىدىن ئىبارەت.

چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل خانىدانلىق تىكلىۋالغان بىڭتۇەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەمۇرى، قانۇنى ۋە باشقا تۈرلۈك ھەق – ھوقۇقلىرىغا بىۋاسىتە دەخلى – تەرز يەتكۈزۈپ كەلمەكتە.

كېيىنكى يىللاردىن بۇيان بىڭتۇەننىڭ تېررىتورىيىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ بېرىشى، ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا جىددىي ئەندىشە ۋە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغاپ كەلمەكتە.

بىڭتۇەنلىكلەر بىلەن يەرلىكلەرنىڭ بىر – بىرىگە بولغان دۈشمەنلىكى ۋە ئۆچمەنلىكى، بىڭتۇەن تەركىبىدىكى خىتايلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ خىل دۈشمەنلىك پەقەتلا بىڭتۇەن قۇرۇلغان 54 – يىلىدىن كېيىن پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس، بەلكى 100 يىللىق ئۇزاق تارىخى جەريانغا ۋە ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، 1954 – يىلى بىڭتۇەن 175 مىڭ كىشى بىلەن قۇرۇلغان ئىدى.

ئۇنداقتا بۇ كىشىلەر كىملەر ؟

بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 100 مىڭغا يېقىنراقى بولسا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىپ ياتقان ھەربىي قىسىملىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىلگىرىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلمىغان زورلۇق – زومبۇللۇقلىرى قالمىغان، ئىككى قولى يەرلىك خەلقنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان يۈەن داخۇا، ياڭ زېڭشىڭ، جىن شۇرېن، شىڭ شىسەي قاتارلىق دىكتاتور مىلىتارىستلارنىڭ قالدۇق قىسىملىرى ئىدى.

بىڭتۇەننىڭ تەشكىل قىلغان خىتايلارنىڭ قالغان قىسمى بولسا 1949 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1952 – يىلىغا قەدەر خىتاينىڭ  شەنشى، خۇبىي، خېنەن، ئەنخۇي، جېجىياڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردىن يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي جىنايەتچىلىرى، يەنە كېلىپ بۇ جىنايەتچىلەر قاتىل، ئوغرى – بۇلاڭچىلاردىن تەركىب تاپقان جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرى ئىدى.

بۈگۈن بىڭتۇەننىڭ نوپۇسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 11 – 12 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئەمما، بىڭتۇەن تەرىپىدىن بىۋاسىتە كونترول قىلىۋېلىنغان يەر كۆلىمى، پۈتۈن رايوننىڭ ئومۇمى يەر كۆلىمىنىڭ يېرىمىغا يېقىنراقىنى تەشكىل قىلماقتا.

دېمەك بىڭتۇەن، يەرلىك خەلقنىڭ مەمۇرى جەھەتتىكى ھەق – ھوقۇقلىرىغىلا ئەمەس، ئىقتىسادى جەھەتتىكى ھەق – ھوقۇقلىرىغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلىپ كەلمەكتە.

بىڭتۇەننىڭ ھازىرقى ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 563 مىڭدىن كۆپرەك ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 13 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ھازىر بىڭتۇەن قارمىقىدا 14 دېۋىزىيە، 178 پولك بولۇپ، بۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى 16 ۋىلايەت ۋە بۇ ۋىلايەتلەر قارمىقىدىكى 69 ناھىيە تەۋەسى ئىچىگە جايلاشتۇرۇلغان.

دېمەك، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلق پۈتۈنلەي بىڭتۇەننىڭ قورشاۋى ئاستىدا.

بىڭتۇەننىڭ 58 پولكى مەخسۇس چېگرا بويلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن بىڭتۇەندىن ئاجرىتىلغان قوراللىق 100 مىڭ كىشى  چېگرادىكى مۇنتىزىم ئەسكەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ بىرگە ياشايدۇ.

بىڭتۇەن قارمىقىدا ھازىر 5300 دىن ئارتۇق سودا ۋە سانائەت شىركىتى بار.

شەرقىي تۈركىستاندىكى 16 چېگرا ئېغىزىنىڭ  توققۇزى بىڭتۇەن تەۋەسىدە ۋە بىڭتۇەننىڭ باشقۇرۇشىدا.

ھازىر بىڭتۇەننىڭ 75 دۆلەت بىلەن بىۋاسىتە سودا مۇناسىۋىتى بار.

بىڭتۇەننىڭ  1954 – يىلىدىكى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 77 مىڭ 300 گېكتار ئىدى، ھازىر بولسا 953 مىڭ 900 گېكتار.

بىڭتۇەننىڭ نۆۋەتتىكى  يىللىق تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكسپورت مىقدارى 1 مىليارد 618 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت مىقدارىنىڭ 24 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

1990 – يىلى 3 – ئاينىڭ 26 – كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى بىڭتۇەننى، ” مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇن ” دەپ قارار چىقارغان بولۇپ، ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ” نىڭ بىڭتۇەننى باشقۇرۇش ياكى ئۇنۇڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق.

بىڭتۇەن، باج ۋە  غەللە – پاراقنى ” ئاپتونوم رايون ” غا ئەمەس، بەلكى مەركىزى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ كەلمەكتە.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەنگە يۈكلىگەن ۋەزىپىسى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ، ” شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، چېگرانى قوغداش ” تىن ئىبارەت.

بىڭتۇەن  ھازىر  ئادەتتىكى بىر ئۆلكىدە بولۇشقا تېگىشلىك سىياسىي، ئىقتىسادى، مەمۇرى، قانۇنىي ۋە ھەربىي ئورگانلارنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ئىگە بولۇپ، ئىمتىياز جەھەتتە ھەرقانداق ئۆلكىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرماقتا.

كېيىنكى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى، ” بىڭتۇەننى قايتىدىن ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ” دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىڭتۇەننىڭ شىمال ۋە شەرقىي رايونلاردىكى تۇەن – مەيدانلىرىنى پەيدىن – پەي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى رايونلىرىغا كۆچۈرۈپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي  ۋە مەمۇرى جەھەتتىكى ئورنى  يىلدىن – يىلغا تۆۋەنلەپ بارماقتا

ئەگەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ رىيال ۋەزىيىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1949 – يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەمۇرى جەھەتتىكى ئورنىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن سىستېمىلىق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

ئەڭ ئاددىيسى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تېخى ” ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ” قۇرماي تۇرۇپلا، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاۋۋال ئاپتونومىيىلىك ھەق – ھوقۇقلارغا ئىگە قىلغانلىقى بۇنىڭ ئېنىق دەلىلى ئىدى.

مەسىلەن، ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” قۇرۇلۇشتىن بىر يىل بۇرۇن، يېن، 1954 – يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ” ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى “، ” بۇرىتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى “، ” سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى “، ” بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ” ، ” قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ” قاتارلىق 5 ” ئاپتونوم ئوبلاست “، يەنە ” چاپچال شېۋە ئاپتونوم ناھىيىسى “، ” تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى ” … قاتارلىق  6 ” ئاپتونوم ناھىيە ” تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 1955 – يىلى ” ئاپتونوم رايون ” قۇرۇلغاندا، ئۇيغۇرلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن مەمۇرى رايون پەقەتلا قۇمۇل، تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق 5 ۋىلايەت بىلەنلا چەكلەنگەن، شۇنداقلا ئەينى چاغدا ئومۇمى نوپۇسنىڭ 10 پىرسەنتىنىمۇ تەشكىل قىلمايدىغان قازاق، قىرغىز، موڭغۇل ۋە تۇڭگانلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئاپتونوم ئوبلاستلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن يەر كۆلىمى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى يەر كۆلىمىنىڭ 60 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلاتتى.

دېمەك، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەمۇرى ئورنىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى  ئاللىبۇرۇن ئېنىق بېكىتىلگەن ئۆزگەرمەس تۈپ سىياسەتلەرنىڭ بىرى ئىدى.

ھازىر قارايدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئاساسى جەھەتتىن خىتايلار تەرىپىدىن مونوپول قىلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەمۇرى ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ يىلدىن – يىلغا تۆۋەنلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى، كۆپلىگەن ۋىلايەت ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ پەيدىن – پەي ھوقۇقىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ يېرىنى خىتاي رەھبەرلەرنىڭ ئىگىلەشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

مەسىلەن، ” شىنجاڭ گېزىتى ” دە ئېلان قىلىنغان، ” ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرى قوشۇنى زورايماقتا ” دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىنغان بىر باش ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك مەمۇرى ئورگانلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان رەھبىرى كادىرلارنىڭ 59.3 پىرسەنتى خىتاي، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ 47.17 پىرسەنتى خىتاي، نازارەت دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ 64.26 پىرسەنتى، ناھىيە ۋە باشقارما دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ 71.54 پىرسەنتى خىتايلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئەگەر ” ئازسانلىق مىللەت رەھبىرى كادىرلىرى ” دەپ ئاتالغانلارنىڭ ئىچىدىكى تۇڭگان، مانجۇ، شېۋە .. قاتارلىق باشقا مىللەتلەرنى چىقىرىۋەتسەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا ئىگىلىگەن ئەمىلى نىسبىتى 10 پىرسەنتكىمۇ بارمايدۇ.

ھازىر تاشقى كۆرۈنۈشتىن قارىسىڭىز، ” ئاپتونوم رايون ” نىڭ رەئىسى، خېلى كۆپ ۋىلايەتلەرنىڭ ۋالىيلىرى، ناھىيە ھاكىملىرى ۋە يېزا باشلىقلىرى ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان، ئەمما بۇ 4 دەرىجىلىك مەمۇرى ئورگانلارنىڭ ھەممىسىدىلا  مەخسۇس پارتكوملار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ پارتكوملارنىڭ سېكرېتارلىرى  تامامەن خىتاي، ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا سىياسەت بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش ۋە قارار ئېلىش ھوقۇقى يوق بولۇپ، ئۇلار ھەرقانداق ئىشتا خىتاي پارتكوم سېكرېتارلىرىنىڭ ئېغىزىغا قارايدۇ ۋە شۇلارنىڭ بۇيرۇقى ۋە خاھىشى بويىچە ئىش كۆرىدۇ.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا، ” ئاپتونوم رايون ” دىن تارتىپ، تاكى ناھىيىلەرگىچە بولغان ھەر دەرىجىلىك پارتكوملاردا بىرىنچى سېكرېتار بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىرمۇ ئۇيغۇر يوق.

ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 66 مىڭ 800 بولۇپ، ھەتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدىكى سىياسىي ۋە مەمۇرى ھوقۇقلارمۇ پۈتۈنلەي كومپارتىيىنىڭ مۇتلەق مۇناپىقلىقى ئاستىدا تۇرماقتا.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئانا تىلىدىن، مىللىي يېزىقىدىن، مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئايرىش مەقسىتىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئاتالمىش ” قوش تىللىق مائارىپ ” سىياسىتى بولسا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ئىسيان ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە بىۋاسىتە سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىدىن ئىبارەت !

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ۋە 2009 – يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن ئىبارەت ئىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان بۇ سىياسىتىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى، ئاتالمىش ” قوش تىللىق ئوقۇتۇش ” سىياسىتىنى ئومۇمىي يۈزلۈك يولغا قويغان بىرقانچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش جەھەتتە كىشىنى جىددىي ئەندىشىگە سالىدىغان غايەت زور قەدەملەرنى باستى ۋە قىسقىغىنە بىرقانچە يىل ئىچىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپى تۈپ يىلتىزىدىن ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىلدى

خىتاينىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىرىدا، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا 3 – 6 ياش ئارىلىقىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى 1 مىليون 200 مىڭ نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ 720 مىڭ نەپىرى ئازسانلىق مىللەت بالىلىرىدىن ئىبارەت، ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزىلىرىنىڭ 60 پىرسەنتىدە ” قوش تىللىق يەسلى ” دەپ ئاتالغان خىتايچە يەسلىلەر قۇرۇلۇپ بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەرلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن خىتايچىسىنى چىقىرىپ بولۇشنى مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەن ۋە ئالدىمىزدىكى 5 يىل ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان پۈتۈن يېزا – كەنتلىرىدە ” قوش تىللىق يەسلى ” نى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇشنى جىددىي پىلان قىلماقتا

2009 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان بويىچە قوش تىللىق يەسلى  ۋە قوش تىللىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ مومى سانى 2 مىليون 369 مىڭ 300 نەپەرگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ” قوش تىللىق سىنىپ ” لاردا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ سانى 753 مىڭ 300 نەپەرگە يېتىپ، 2008 – يىلدىكىدىن 25.57 پىرسەنت ئاشقان، بۇ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئومۇمى سانىنىڭ 31.79 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش ” قوش تىللىق ئوقۇتۇش ” سىياسىتىنى، ” نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ زور ۋە ئەڭ جىددىي خەۋپ ” دەپ قارىماقتا.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان  دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى

شەرقىي تۈركىستاندىكى جامەلەرنىڭ ئىشىك – دەرۋازىلىرىغا ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئۇقتۇرۇشى چاپلانغان بولۇپ، بۇ ئۇقتۇرۇشتا، تۆۋەندىكى 5 خىل كىشىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىگە ۋە دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان:

بىرىنچىسى، پارتىيە – ئىتتىپاق ئەزالىرى؛

ئىككىنچىسى، دۆلەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققانلار؛

ئۈچىنچىسى، 18 ياشقا توشمىغان ياش ئۆسمۈرلەر،

تۆتىنچىسى، كەنت كادىرلىرى؛

بەشىنچىسى، ئاياللار؛

دېمەك، ئەنە شۇ كىچىككىنە بىر ئۇقتۇرۇش، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى دىنىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاۋاتقانلىقىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا كۆرسىتىپ تۇرماقتا. بۇلا ئەمەس، خىتاي ھاكىمىيىتى ھەتتا ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئېلىش، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن قىلىش جەھەتلەردىمۇ دىنغا ئىشەنمەسلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ كۆرسىتىپ، ” دىنغا ئىشەنسەڭ ھېچبىر چىقىش يولۇڭ بولمايدۇ ” دېگەن سەپسەتىنى تەرغىب قىلماقتا. يەنى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن 60 – ۋە 70 – يىللاردا شەرقىي تۈركىستان رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاتېئىزم، دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەينەن كۆچۈرۈلۈپ قايتا ئىجرا قىلىنماقتا. بولۇپمۇ كېيىنكى 10 يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى  تەسۋىرلەش تولىمۇ قىيىن، بۇ جەرياندا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پەقەت كومپارتىيىنىڭ تەشۋىقاتچىلىقىنى قىلىدىغان ئاز ساندىكى  قىزىل قۇيرۇق موللىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەقىقىي ئېتىقادچى دىنىي زاتلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىش ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش سىياسىتى

خىتاي ھاكىمىيىتى، ” ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا بېرىپ ئىشلەشكە يۈزلەندۈرۈش ” دېگەن سىياسەتنى يولغا قويۇشتا ئىككى نەرسىنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بىرى، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى تارقاقلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى رايونلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى خىتايلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەرقىي ۋە شىمالى رايونلارغا مەجبۇرى كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ توپلىشىپ ئىسيان قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش قەدىمىنى تېزلىتىش؛

چۈنكى جەنۇبى رايونلاردا ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە بولۇپ، قەشقەر، ئاتۇش، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەردە ئۇيغۇرلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن زور خەۋپ دەپ قارىماقتا.

ئىككىنچىسى بولسا، ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە زور كۆلەمدە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ھېسابلانغان ياشلارنى غايەت زور خىتاي قاينىمى ئىچىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشتىن ئىبارەت.

شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر قىز يىگىتلىرىنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىش سىياسىتىنى بولسا، ” ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى ” دەپ قاراپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى بۇ خىل غەيرىي ئىنسانى قىلمىشىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىپ كەلمەكتە.

ئەمما، خىتاي ھاكىمىيىتى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ شۇنچە ئەيىبلىشىگە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقلىرىغا قارىماستىن، 2003 – يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن بۇ سىياسىتىدىن ۋاز كەچكىنى يوق، ئەكسىچە ئۇنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىچكى ئۆلكىلەرگە سۈرگۈن قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ سانىنى يىلدىن – يىلغا ئاشۇرۇپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندىمۇ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرىنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ.

” ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ” نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ چاڭيۈن، شىنخۇا ئاخبارات تورىنىڭ مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە، ” چېگرا رايونلاردىكى ئازسانلىق مىللەت ئاممىسىنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشلەشكە يۈزلەندۈرۈشتىكى مەقسەت پەقەتلا ئۇلارنىڭ پۇل تېپىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئۇلارنىڭ ئەن – ئەنىۋىي قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئىدىيىسىنى ئازاد قىلىشتىن ئىبرەت ” دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرىنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە يۆتكەشتىكى تۈپ مەقسىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ سىياسىي غەرىزىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن ئىدى.

ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغان 2003 – يىلىدىن بۇيان، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ياخشىلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بۇ سىياسەت تۈپەيلىدىن مىليونلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى يۇرت – ماكانلىرىدىن، يەر – زېمىنلىرىدىن  ئايرىلىپ خانىۋەيرانچىلىق ئۇچرىدى.

ئەگەر دىققەت قىلىدىغان بولساق، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىر تەرەپتىن جەنۇبى رايونلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى مەجبۇرى شەرقىي ۋە شىمالى رايونلارغا كۆچۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلاردىن بوشىغان رايونلارغا بىڭتۇەننىڭ كۆپلىگەن تۇەن – مەيدانلىرىنى ۋە خىتاي ئاققۇنلىرىنى پىلانلىق ھالدا يەرلەشتۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ خەۋپلىك بولۇپ، ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ قەلئەسى ھېسابلانغان  جەنۇبى رايونلاردا نوپۇس جەھەتتە خىتايلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن تەقدىردە، ئۇيغۇرلارنىڭ  تىركىشىش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ !

ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش مەقسەت قىلىنغان ” پىلانلىق تۇغۇت “

شەرقىي تۈركىستاندا  يەرلىكلەرگە قارىتا 1988 – يىلىدىن بۇيان  ئىزچىل تۈردە يولغا قويۇلۇپ كېلىنىۋاتقان ئاتالمىش ” پىلانلىق تۇغۇت ” سىياسىتى بولسا، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈپ سىياسەتلىرىنىڭ بىرى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ سىياسىتى، شەرقىي تۈركىستاندا  كۆپلىگەن ئانا ۋە بالىلارنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولماقتا.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي قانۇنىدا، شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى پەرزەنت، يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 3 پەرزەنت كۆرەلەيدىغانلىقى ئوچۇق بەلگىلەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىمۇ خۇددى خىتايلاردەك بىرلا پەرزەنت كۆرۈشكە قىستاپ كەلمەكتە ۋە ھامىلىدار ئاياللارنى تۈرلۈك تەھدىت ۋە بېسىملار بىلەن بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشقا زورلىماقتا.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يەرلىك خەلققە قارىتا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇش جەريانىدا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقى، تېببىي خادىم ۋە تېببىي ئەسلىھەلەرنىڭ سۈپەتسىزلىكى ۋە ئۆلچەمسىزلىكى، شۇنداقلا مۇھىتنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلىدىن، مەجبۇرى تۇغۇت چەكلەش ۋە بالا ئالدۇرۇش ئوپېراتسىيىلىرى جەريانىدا كۆپلىگەن ئانىلارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان بولۇپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق تېببىي شەرت – شارائىتنى ھازىرلىماي تۇرۇپلا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرى تۇغۇت چەكلەش ۋە بالا ئالدۇرۇش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغانلىقى، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئالدىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھېچبىر ئىنسانى قىممىتىنىڭ يوقلۇقىنى، سىياسىي مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى، ئاتالمىش ” چوڭ غەربى شىمالنى ئېچىش ” سىياسىتىنى يولغا قويغان 2000 – يىلىدىن بۇيان،  ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، بۇ رايونغا يۆتكەپ كېلىنىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈچۈن ئازادە زېمىن ھازىرلاشقا تىرىشىپ كەلدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى كېيىنكى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە ئاجراتقان مەبلىغىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ سانىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا بىرلا پەرزەنت كۆرۈش سىياسىتىنى يولغا قويمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلارغا قارىتامۇ بىرلا پەرزەنت كۆرۈش سىياسىتى يولغا قويۇلغان تەقدىردە، يەنە 10 – 20 يىلغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 10 مىليوندا توختاپ قالىدىغان خەتەرلىك ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن !

شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان – تاراج قىلىش سىياسىتى

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان  خىتاي ھاكىمىيىتى مەيلى بېيجىڭدا بولسۇن، مەيلى ئۈرۈمچىدە بولسۇن، ئارقا – ئارقىدىن سەپەرۋەرلىك يىغىنلىرى چاقىرىلىپ، گويا يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدە بىر كېچىدىلا ” ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات  ” لارنى  بارلىققا كەلتۈرىدىغاندەك بىر مەنزىرىنى يارىتىشقا تىرىشماقتا.

ھازىر مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن خىتاينىڭ 20 گە يېقىن ئۆلكىسىدىكى كۆپلىگەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كارخانىلار يەڭلىرىنى شىمايلاپ،  ئاتالمىش ” شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۇلۇغ سەپىرى ” گە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئەمەلىيەتتە ئاتالمىش ” ياردەم بېرىش ” شوئارىنىڭ بولسا ئەمەلىيەتتە يەرلىك خەلقنى سۈمۈرۈش، تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان – تاراج قىلىش ۋە ئۇلارنى خىتاي كۆچمەنلىرى قاينىمى ئىچىگە غەرق قىلىپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئىكەنلىكىمۇ جاھان ئەھلىگە بىلىگەن بىر ھەقىقەت !

چۈنكى ھازىرمۇ  خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن ” ياردەم بېرىش ” دېگەن نىقاب بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ئوقەت قىلىۋاتقان  مىڭلىغان كارخانا بار، بولۇپمۇ ئاتالمىش ” چوڭ غەربى شىمالنى ئېچىش ئىستراتېگىيىلىك پىلانى ” يولغا قويۇلغان 2000 – يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشتى.

بۈگۈن قارايدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ پۈتۈن خىتاينىڭ ئىقتىسادى جان تومۇرىغا ئايلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ رايونغا بولغان بېقىندىلىقىنى كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

شەرقىي تۈركىستاندا تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىش ھوقۇقى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسلىق سودا – سانائەت كارخانىلىرىنىڭ كونتروللۇقى تامامەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە كونتروللۇقىدا بولۇپ، يەرلىك خەلق پۈتۈنلەي بۇنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان.

ھازىر ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى رايونلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاران 1500 – 2000 يۈەن ئۆپ – چۆرىسىدە بولۇپ، خىتاي دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىدىن بىر ھەسسە تۆۋەن تۇرماقتا.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قاراتقان زۇلۇم ۋە سۈمۈرۈش سىياسىتى

نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 85 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى  يېزا نوپۇسى تەشكىل قىلماقتا. ئۇيغۇر دېھقانلىرى – ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاساسى قوشۇنى ۋە يىلتىزىدىن ئىبارەت.

شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە باھا بېرىشتە، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ  ئىقتىسادى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالى ئاساسى  ئۆلچەم قىلىنىپ كېلىنمەكتە.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما  ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يىللاردىن بۇيان خۇددى توختام سۇدەك بىر ئىزىدا تۇرۇپ كەلمەكتە  ۋە  شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن يېزا – قىشلاقلىرىدا تېخىچە ئاچ – يالىڭاچلىق ۋە موھتاجلىق ھۆكۈم سۈرۈپ كەلمەكتە.

شەھەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى پەرقنىڭ شىددەت بىلەن چوڭىيىشىغا ماس ھالدا، شەھەر  پۇقرالىرى بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا  ئىستېمال، تۇرالغۇ، پەن، مەدەنىي – مائارىپ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات … قاتارلىق تۈرلۈك جەھەتلەردىكى پەرقلەرمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارماقتا  ۋە بۇ خىل  پەرق شەرقىي تۈركىستاندا تەبىئىي ھالدا ئىككى قۇتۇپنى شەكىللەندۈرمەكتە.

خىتاي ھاكىمىيىتى بولسا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئالدىغا بىرلا يول قالدۇرغان،  ئۇ بولسىمۇ، ئەگەر ئىنساندەك ھايات كەچۈرىمەن دېسە، يۇرت – ماكانىنى تاشلاپ، كۈدە – كۆرپىسىنى كۆتۈرۈپ باشقا يۇرتلارغا ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرگە يېتىمچىلىككە بېرىشى ياكى قان ياش ئىچىدە بىچارە قىزلىرىنى مەجبۇرى خىتايغا ئىشلەمچىلىككە يولغا سېلىشى لازىم.

ھازىر ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا يۈكلەنگەن باج – سېلىق ۋە ئالۋان – ياساقنىڭ تۈرى 20 خىلدىن ئاشىدۇ، يىلىغا ھەر بىر دېھقان ھۆكۈمەتكە ئىككى ئاي ھەقسىز ھاشارغا ئىشلەپ بېرىشى لازىم.

ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دېھقانلىرى بۇ خىل باج ۋە ئالۋان – سېلىقلاردىن خالى ھالدا بەختىيارلىق ئىچىدە ياشاپ كەلمەكتە.

مەسىلەن، خىتاي ھاكىمىيىتى 2007 – يىلى بىڭتۈەنلىك خىتايلاردىن ئېلىنىدىغان يەر بېجىنى 3 باسقۇچقا بۆلۈپ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە قارار ئالغان بولۇپ، شۇ يىلى بىڭتۇەننىڭ چېگرا بويلىرىغا جايلاشقان 25 تۇەن – مەيداننىڭ يەر بېجى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.

خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4 مىليون 107 مىڭ گېكتاردىن كۆپرەك بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3.49 مو ۋە پۈتۈن خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن 1.75 ھەسسە كۆپ.

ئەپسۇسكى، تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن 40 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى بىڭتۇەننىڭ كونتروللۇقىدا، ئەمەلىيەتتە بولسا بىڭتۇەننىڭ نوپۇسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 12 – 13 پىرسەنتىنىلا تەشكىل قىلىدۇ.

ئەمما شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى رايونلىرىدا ھەر بىر ئۇيغۇر دېھقانغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى يېرىم موغىمۇ يەتمەيدۇ. شۇڭا بۇ رايوندا خىتاينىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا ” ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى ” كۆپ، يىلىغا بۇ رايوندىن ” ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش ” دېگەن نىقاب بىلەن يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقان باشقا يۇرتلارغا، ھەتتا خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىنماقتا.

قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى تېرىلغۇ يەر ئاز، ئۇنۇڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىقتىسادى قىممىتى تۆۋەن بولغان ئاشلىق تېرىيسەن،  بىڭتۈەنلىك خىتايلارنىڭ تېرىلغۇ يېرى كۆپ، ئەركىن ھالدا بازاردا پۇل بولىدىغان ئىقتىسادى زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ، ئۇنۇڭ ئۈستىگە دېھقانچىلىقنىڭ ماشىنىلىشىشى، ئېتىز – ئېرىق، سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا پەرق زور.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى ھېسابلانغان تارىم دەرياسى ۋە باشقا دەريا، كۆل – ئېقىنلارنىڭ كونتروللۇقىمۇ ئاساسەن بىڭتۇەننىڭ قولىدا، سۇ كەمچىل بولغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بوزيەر ئېچىش ئىمكانىيىتى يوق.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى لاي – كېسەكتىن سېلىنغان ئىپتىدائىي ئۆيلەردە ياشىماقتا، كۆپىنچىسىنىڭ قالايدىغىنى ئوتۇن – چاۋا، ئىچىدىغىنى كۆلنىڭ توختام سۈيى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىچىملىك سۈيى بىخەتەر ئەمەس، يەنى، قۇرتلاپ كەتكەن كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچىدىغان  دېھقانلارنىڭ سانى 5 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن ئىبارەت.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش سىياسىتى

شەرقىي تۈركىستان، نۆۋەتتە پۈتۈن خىتاي بويىچە ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلماقتا.

شەرقىي تۈركىستاندا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ” 3 خىل كۈچلەر ” دەپ ئاتالغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، خىتاي سوتلىرى تەرىپىدىن ھېچ بىر قانۇنى تەرتىپ ياكى قانۇنى ئاساسقا تايانمىغان ھالدا پۈتۈنلەي سىياسىي بۇيرۇق ۋە سىياسىي قارار بىلەنلا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان بۇ ئۇيغۇرلار ھەتتا سوتتا ئۆزىنى ئاقلاش ۋە مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقىدىنمۇ تامامەن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا.

خىتاي ھاكىمىيىتى بۈگۈنگە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن ھەرقانداق شەكىلدىكى چوڭ – كىچىك نارازىلىق ياكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئومۇمى يۈزلۈك تۇتقۇن قىلىش دولقۇنى قوزغاش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

مەسىلەن، 1990 – يىلى كىچىككىنە بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكىتىنى باھانە قىلىپ، ” بارىن ئەكسىل-ئىنقىلاپچىلىرىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى تازىلاش ” دېگەن نامدا، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسى بويىچە چوڭ تۇتقۇن ھەرىكىتى قوزغاپ، 10 مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنى قولغا ئېلىپ تۈرمىلەرگە تاشلىدى.

خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى بىرقانچە يىل داۋام قىلدى ۋە بۇ جەرياندا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئومۇمى سانى ھەتتا بارىن يېزىسىنىڭ ئومۇمى نوپۇسىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى.

1997 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى غۇلجىدا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىنمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى يەنە بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئاتالمىش ” غۇلجا ۋەقەسى گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش ” دېگەن نامدا چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى، بىر – ئىككى يىل داۋام قىلغان بۇ ھەرىكەت جەريانىدا، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەخمىنگە كۆرە  5000 دىن، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەخمىنگە كۆرە 10 مىڭدىن  ئارتۇق ئۇيغۇر قولغا ئېلىندى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ رەسمىي باياناتلىرىدا، 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىگە قاتناشقانلارنىڭ ئومۇمى سانى 1000 ئەتراپىدا ئىدى.

بۇ قېتىم يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى يەنە يۇقىرىقى تاكتىكىسىنىڭ ئەينىسىنى قوللاندى ۋە ئۆتكەن يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە، ” ئۈرۈمچى ۋەقەسى گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش ” دېگەن نامدا چوڭ تازىلاش دولقۇنى قوزغىدى.

بەزى شاھىتلارنىڭ تەخمىنگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە مائارىپ ساھەسىگە قاراتقان تازىلاش ھەرىكەتلىرى

بۈگۈن، خۇددى شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا مىللىي ساھەلىرىگە ئوخشاشلا، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە مىللىي مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىملىرى، زىيالىيلار، يازغۇچى – ئەدىبلەر، شائىرلار، تارىخچىلار ۋە سەنئەتكارلارمۇ زور سىياسىي بېسىم، تەھدىت  ۋە چەكلىمە ئىچىدە ھايات كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولماقتا.

مەسىلەن، ئۇيغۇر تارىخچىسى توختى مۇزات، ” ياۋا كەپتەر ” ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىنغا ئوخشىغان كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر زىيالىيلىرىمىزنىڭ  خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىدا يېتىۋاتقانلىقىنى، “قەدىمكى ھۈنەر- سەنئەت رىسالىسى”، “ئۇيغۇرلار”، “ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى”، “قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى”، “چالا تەگكەن ئوق”، ” ئۇيغۇر سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى”، “لېيىغان بۇلاق”، “دېھقان بولماق تەس”، “ئويغانغان زېمىن”، “سوۋغا”، “قۇم باسقان شەھەر”، “يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام”… دېگەندەك مىڭلىغان نادىر ئەدەبىي ۋە سەنئەت ئەسەرلەرنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراپ، يىغىۋېلىنىپ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىنغانلىقىنى، يەنە كۆپلىگەن سەنئەتچىلىرىمىزنىڭ سەھنىگە چىقىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى بۇنىڭغا ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بەرگەن يالغان ۋەدىلىرى

مانجۇلارنىڭ 200 نەچچە يىل مۇستەملىكە قىلىشىغا ئۇچرىغان خىتايلار، 1911 – يىلى مانجۇ ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ، ” خىتاي جۇمھۇرىيىتى ” نى قۇردى.

گەرچە سۇن جۇڭسەن جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچىدا، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى  ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىن ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ، مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلدى.

خۇددى سۇن جۇڭسەنگە ئوخشاش ۋەدىلەرنى بەرگەن ۋە بۇ ۋەدىلىرىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزگەن ماۋزېدۇڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى، 1949 – يىلى ” خىتاي جۇمھۇرىيىتى ” نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ” جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ” نى قۇرغاندىن كېيىن، ئوخشاشلا ۋەدىسىدىن يېنىپ، 49 – يىلى 10 – ئايدا شەرقىي تۈركىستان رايونىنى مەجبۇرى ئىشغال قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنى رەت قىلىپ، 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى  ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” دېگەن نامدا  ئىسمى بار، جىسمى يوق قورچاق بىر ئاپتونوم ھۆكۈمەتنى قۇردى  ۋە بۇ ئاتالمىش ” ئاپتونوم رايون ” نىڭ ئىچىدە يەنە 5 ئاپتونوم ئوبلاست، 6 ئاپتونوم ناھىيە ۋە 42 ئاپتونوم يېزا تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى پارچىلاپ ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى مەمۇرى شەكلى، 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىن ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا سۈنئىي ئۇسۇلدا قۇراشتۇرۇپ چىقىلغان مەمۇرى شەكىلدىن ئىبارەت.

خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى، 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئاتالمىش ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” دېگەن بۇ نەرسىنى ئۇيغۇرلارغا زورلاپ تاڭغاندا، بۇ ” ئاپتونوم رايون ” بولسا ھېچ بىر قانۇنىي ئاساسقا تايانمىغان، ئۇنۇڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، قانۇنىي  ۋە مەمۇرى شەكلى ئېنىق بېكىتىلمىگەن ئىدى.

قىسقىسى، بۇ ” ئاپتونوم رايون “، ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق دائىرىسى بېكىتىلمىگەن بىر ” ئاپتونوم رايون ” دىن ئىبارەت ئىدى. 54 – يىلى بۇ رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 80 پىرسەنتىگە يېقىنراقىنى تەشكىل قىلغىنى ئۈچۈن، بۇ ئاپتونومىيىلىك مەمۇرى رايوننىڭ نامى  ” ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى، سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىي جەھەتتىكى ھەق – ھوقۇقلىرى توغرىلىقمۇ ھېچ بىر چۈشەنچە ياكى ئىزاھات بېرىلمىگەن ئىدى. چۈنكى ئەينى چاغدا بۇ ” ئاپتونوم رايون ” نى ئۇيغۇر خەلقىگە زورلاپ تاڭغان كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىنىڭ، ” ئاپتونومىيە ” دېگەن بۇ ئۇقۇمدىن قىلچە خەۋىرى يوق ئىدى.

شۇڭا، تاكى 80 – يىللارنىڭ باشلىرىغا قەدەر بۇ ئاتالمىش ” ئاپتونوم رايون “، خۇددى ئاساسى قانۇنى يوق دۆلەت ۋە نىزامنامىسى يوق تەشكىلاتتەك بىر ۋەزىيەت ئاستىدا قالايمىقان ئىدارە قىلىنىپ كېلىندى، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈلۈپ كېلىنگەن بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىمۇ شۇ سىياسەت ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىنىپ ئىجرا قىلىندى، مەسىلەن، ئاتالمىش ” يەر ئىسلاھاتى “، ” ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى “، ” ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى “، ” سولچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى “، ” مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ” … دېگەندەك سان – ساناقسىز سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە قانداق ئىجرا قىلىنغان بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىمۇ شۇ پېتى ئىجرا قىلىندى.

” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” قۇرۇلۇپ ئارىدىن 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1984 – يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ” جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ” تۈزۈپ چىقىلدى ۋە بۇ قانۇن شۇ يىلى 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى چاقىرىلغان خىتاينىڭ 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ماقۇللىنىپ، 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلىنغان ئىدى.

ئەپسۇسكى، جەمئىي 67 ماددىدىن تەركىب تاپقان بۇ قانۇن پەقەت ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خىتايدا تەسىس قىلىنغان 155 ئاپتونومىيىلىك ئورۇنغا، يەنى 5 ئاپتونوم رايون، 30 ئاپتونوم ئوبلاست ۋە 120 ئاپتونوم ناھىيىگە قارىتا تۈزۈپ چىقىلغان ئابستراكت ۋە مۈجمەل بىر قانۇن ئىدى.

شۇنداقتىمۇ يەنە بۇ قانۇننىڭ ھەر بىر ماددىلىرى، خۇددى ئۇيغۇرلاردىن ” ئازسانلىق مىللەت ” دەپ ئاتالغان يەرلىك مىللەتلەرگە ۋە ئۇلار ياشاۋاتقان ئاپتونومىيىلىك جايلارغا قارىتا بېرىلگەن ناھايىتى چىرايلىق كەلىمىلەر بىلەن تولغان ئىدى.

گەرچە بۇ قانۇن چىققىلى 20 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر بۇ قانۇندىكى ماددىلارنىڭ ھېچ بىرى ئىجرا قىلىنغىنى يوق.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تارىخنى بۇرمىلاش سىياسىتى

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى يىللاردىن بۇيان  ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇغان ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويۇش ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى مۇستەملىكىسىنى ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن،شەرقىي تۈركىستاننىڭ  تارىخىنى بۇرمىلاش ۋە يېڭى تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە.

بولۇپمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاتالمىش ” چوڭ غەربى شىمالنى ئېچىش ” ئىستراتېگىيىلىك پىلانى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بۇ جەھەتتە ناھايىتى زور قەدەم باسقانلىقى كۆرۈلمەكتە.

بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاساسى كۈچىنى ئۇيغۇر تارىخچى ۋە ئارخىلوگلىرىغا سىياسىي جەھەتتىن قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش، يېزىش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش دائىرىسىگە چەكلىمە قويۇش، ئۇلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تارىخىي ئىسپاتلارنى ئىنكار قىلىش ۋە تەنقىدلەش، باشقا كەسىپلەرگە يۈزلەندۈرۈش، ۋىجدانى ئاجىزراقلىرىنى سېتىۋېلىپ ۋە تەقدىرلەپ، ئۇلارنى يالغان تارىخ يېزىشقا ۋە راست تارىخ يازغانلارنى تەنقىدلەشكە سېلىش … قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللاندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك تارىخچىلار تەرىپىدىن يېزىلغان خاتىرە ئەسەرلەر ۋە كلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ نەشر قىلىنىشىغا زور چەكلىمە قويۇپ، ھەممىنى سىياسىۋىيلىككە كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇر نەشرىياتلىرىنى پەيدىن – پەي خىتايلار تەرىپىدىن يېزىپ چىقىلغان تارىخىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىشقا يۈزلەندۈردى. بۇنىڭغا ئېتىراز قىلغانلار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى ياكى باشقا ئورۇنغا يۆتكىۋېتىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى زور بىر تۈركۈم خىتاي تارىخچىلىرىنى  سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى خىتاي دۆلىتىنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلغان ھالدا يالغان تارىخ يېزىپ چىقىشقا، ئارخىلوگىيەلىك مەنبە توقۇپ چىقىشقا ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھەقىقىي تارىخىي پاكىتلارنى رەت قىلىشقا سالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇرچە ئالىي، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئائىت لېكسىيىلەرنى ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا دائىر ماقالىلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ يېرىگە خىتايلار تەرىپىدىن يېزىلغان  ئۇيغۇرلارنىڭ ساختا تارىخىنى، خىتاي تارىخىنى ۋە خىتاينىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرىنى كىرگۈزدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرىغا قاراتقان زىيانكەشلىكى

مۇساپىرلار مەسىلىسى، تەبىئىي ئاپەتلەر، قەھەتچىلىك، ئاچارچىلىق، ئىچكى ئۇرۇش، دۆلەتلەر ئارىسى ئۇرۇش، مۇستەملىكە … قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان خەلقئارالىق بىر مەسىلە بولۇپ، بۇ مەسىلە، بىر مىللەت، بىر دۆلەت ياكى مەلۇم بىر تەشكىلات ئۆز ئالدىغا ھەل قىلىپ كېتەلەيدىغان مەسىلە ئەمەس، چوقۇم خەلقئارانىڭ ياردىمىگە ۋە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك قوللىشىغا تايىنىش لازىم.ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى پۈتۈنلەي شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكىگە ئۇچراش تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىپ چىقىشىغا تامامەن ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۆتكەن مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم، بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبچى بولۇپ كەلمەكتە.
گەرچە بۇ ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا دەۋر تېگىشكەن، كۆپلىگەن ھاكىمىيەتلەر ئالماشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىنىڭ خاراكتېرىدە ھېچ بىر ئۆزگىرىش بولمىدى، يەنە زۇلۇم، يەنە بېسىم، يەنە قىرغىنچىلىق، يەنە قېچىش …
مۇساپىرلار مەسىلىسى، خەلقىمىزنىڭ قانىغان يارىسىدۇر، خۇددى باشقا مىللەتلەرنىڭكىگە ئوخشاشلا، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى تارىخىدىمۇ يۈرىكىمىزنى ئېچىشتۇرىدىغان كۆپلىگەن ئېچىنىشلىق تراگېدىيىلەر بارلىققا كەلدى.
2009 – يىلى 12 – ئاينىڭ 19 – كۈنى كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ، بۇ دۆلەتكە قېچىپ كېلىپ ب د ت ئورگىنىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن 20 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىك ۋەقەسى، ھەممىمىزنى قان يىغلاتقان ۋە ئېغىر مۇسىبەتكە سالغان زور تراگېدىيىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

بەزى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا،  1997 – يىلى يۈز بەرگەن 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن تەخمىنەن 10 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ چىقتى، بۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ھازىر غەرب ئەللىرىدە كېلىپ ئورۇنلىشىپ بولدى، قالغانلىرىمۇ تۈركىيە … قاتارلىق بىخەتەر دۆلەتلەردە ياشاپ كەلمەكتە.
يەنە مەسىلەن، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان، تۈرلۈك يوللار بىلەن ۋەتەندىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ غەرب ئەللىرىگە بىخەتەر كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ نەچچە مىڭدىن نەپەردىن ئاشىدۇ.

بەزى غەيرىي رەسمىي ستاتىستىكىلاردا، نۆۋەتتە چەتئەللەردە تەخمىنەن بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

بۇلار دۇنيادىكى 50 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا تارالغان بولۇپ، ئاساسلىق قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستانغا قوشنا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە ياشاپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەخمىنەن بىر مىليون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ھىجرەت قىلىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى بولۇپ،تارىخقا نەزەر سالغىنىمىزدا، ھەر بىر ھىجرەت دولقۇنىنىڭ، شۇ دەۋرلەردە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن زور سىياسىي ۋەقەلەر ۋە ھەرقايسى مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلگە ھەر خىل يوللار بىلەن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا قارىتا سىرتتىن كۆزىتىش پوزىتسىيىسىنى قوللىنىپ كەلگەن بولسا، 1996 – يىلى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچى ھەم سىرتىدىكى مىللىي ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ” 7 – نومۇرلۇق مەخپىي ھۆججەت ” ۋە بۇ مەقسەتتە قۇرۇلغان ” شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ” دىن كېيىن، بولۇپمۇ  1997 – يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5 – فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چەتئەلگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلارغا قارا قولىنى سوزۇش، شۇنداقلا سىياسىي، ئىقتىسادى، ھەربىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتلەردىكى كۈچىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىش ھادىسىلىرى كۆپەيدى.

يەنى، خىتاي ھاكىمىيىتى شۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا قارىتا سىستېمىلىق ھالدا بىر يوقىتىش ۋە زەربە بېرىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.

شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ئىسيانلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ماھىيىتى

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، 1949 – يىلىدىن بۇيان ئۆزىنىڭ بارلىق سىرتقى تەشۋىقاتلىرىدا، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ خاراكتېرىگە باھا بەرگەندە، ” بۇ، مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى زوراۋان ئۇنسۇرلارنىڭ ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش ۋە كۆيدۈرۈش ھەرىكەتلىرىدىن ئىبارەت، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ ” دېگەن سەپسەتىدە چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە. يەنى خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكەتلەرنى ھېچ بىر زامان ” مىللىي مەسىلە ” دەپ ئېتىراپ قىلغان ئەمەس.

شەرقىي تۈركىستان مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ۋە 1884 – يىلى ئۇنۇڭ نامى ” شىنجاڭ ” دەپ ئۆزگەرتىلگەندىن بۇيان، بۇ رايوندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى خىتاي ھاكىمىيەتلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك شەكىلدىكى كۈرەشلىرى تاكى بۈگۈنگىچە توختىماي داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

1949 – يىلىدىن بۇيانقى كوممۇنىست خىتاي دەۋرىنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ دەۋردە شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى ۋە ھېچ ئۈزۈلمەي داۋام قىلغانلىقى بىر ئەمەلىيەت. مەسىلەن، 1950 – يىلى 7 – ئايدا غۇلجىدا پارتلاپ چىققان ۋە مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى راخمانوپ رەھبەرلىكىدىكى مىللىي قوزغىلاڭ، 54 – يىلى 12 – ئايدا خوتەندە پارتلىغان ۋە ئابدۇللا ھىمىت رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭ، 1960 – يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى قۇرۇلغان ” شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى ” رەھبەرلىكىدە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا قانات يايدۇرۇلغان ۋە 10 نەچچە يىل داۋام قىلغان مىللىي ھەرىكەت ۋە قوزغىلاڭلار، 1981 – يىلى 1 – ئايدا پەيزىۋات ناھىيىسىدە قۇرۇلغان ” شەرقىي تۈركىستان قۇتۇلۇش پارتىيىسى ” رەھبەرلىكىدە قەشقەر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان مىللىي ئىسيانلار، يەنە شۇ يىلى 10 – ئايدا قەشقەر شەھىرىدە پارتلاپ چىققان خەلق ئىسيانى، 1985 – يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن يەرلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك دېموكراتىك ھەرىكەتلىرى، 1990 – يىلى 4 – ئايدا يۈز بەرگەن بارىن دېھقانلار قوزغىلىڭى، 1996 – يىلى 2 – ئايدىن ئېتىبارەن ئاقسۇنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلغان قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى، 1997 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى غۇلجىدا يۈز بەرگەن مىللىي ئىسيان …

بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بۇ ھادىسىلەر، كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىدىن بۇيان يۈز بەرگەن مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ پەقەتلا مەلۇم بىر قىسمى.

يەنە مەسىلەن، خىتاي مىنىستىرلار كابىنېتى ئىشخانىسى تەرىپىدىن 2002 – يىلى دۇنياغا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، پەقەتلا 1990 – يىلىدىن 2001 – يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى 200 نەچچە قېتىم قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ۋە بۇ قوراللىق ھەرىكەتلەرنى پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ مەقسىتىنىڭ، ” شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ” تىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئوچۇق بايان قىلىنغان ئىدى. ئەگەر بىز بۇ كۈرەشلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە مەقسىتىگە قارايدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستاندا ئەسىرلەردىن بۇيان جەريان قىلىپ كېلىۋاتقان مىللىي ئىنقىلابلارنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا غايىسى،مەقسىتى ۋە نىشانى ئېنىق بولغان بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ زور بىر مىللىي مەسىلە، يەنى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە ئىنساندەك ياشاش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكەتلەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. مەسىلەن، 33 – يىلى ۋە 44 – يىللىرى قۇرۇلغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ غايىسىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا ئوچۇقچە شەرھلەپ تۇرماقتا.

شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا جامائەتچىلىكى شەرقىي تۈركىستاندا خىتايغا قارشى جەريان قىلىۋاتقان پۈتۈن ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىنى مىللىي مەسىلە، يەنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى دەپ قارىماقتا. گەرچە شەرقىي تۈركىستانىڭ مۇستەملىكە تارىخىدا كۆپلىگەن دەۋر ۋە ھاكىمىيەتلەر ئالماشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ يەرلىك خەلققە قاراتقان زۇلۇم، بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھېچبىر زامان پەسەيگىنى يوق، ئەكسىچە ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۆتكەن مۇستەملىكىچى كۈچلەر ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك خەلققە قاراتقان زۇلۇم سىياسىتىنى ۋە تاكتىكىسىنى بىر – بىرىگە مىراس قالدۇرۇپ، ئۇنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ۋە زالىملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 50 نەچچە يىلدىن بۇيانمۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش ھەققىدىكى تىنچ ئىنسانى ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى ھېچقاچان نەزەرگە ئالغىنى يوق ۋە بۇ ئارزۇ – ئىستەكلەرگە مىلتىق – زەمبىرەك ۋە كالتەك – توقماقلار بىلەن جاۋاب بېرىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانۇنىي، سىياسىي تەلەپلىرىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلماي، ئۇلارنى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن قوراللىق توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا مەجبۇرلىدى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيىسىنى ۋە قىرغىنچىلىقنى ئاساس قىلغان دۆلەت تېررور سىياسىتى يېرىم ئەسىردىن بۇيان كۈنساناپ كۈچەيسە كۈچەيدىكى، ھېچ ئاجىزلاشمىدى، مەسىلەن، 90 – يىلى ئاپىرىلدىكى ” بارىن ئىنقىلابى “، 95 – يىلى 7 – ئىيۇلدىكى ” خوتەن ۋەقەسى “، 97 – يىلىدىكى فېۋرال ۋەقەسى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى ۋە شۇلارغا ئوخشىغان كۆپلىگەن سىياسىي كۈرەشلەرنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمرانلىرى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە قانلىق باستۇرۇلغانلىقى بۇنىڭ جانلىق ئۆرنەكلىرى ئىدى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئەسىرلەردىن بۇيان بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلەرگە قارشى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇلۇپ كېلىنىۋاتقان تۈرلۈك شەكىلدىكى ئىسيان ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىڭ ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىققان ئىستىخىيىلىك ھەرىكەتلەر ئەمەس، بەلكى غايە،مەقسەت ۋە نىشانلىرى ئېنىق بولغان، يەرلىك خەلقنىڭ ئورتاق ھېسسىياتى ۋە ساداسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ھادىسىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. بولۇپمۇ 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى، يەنى 1911 – يىلىدىكى تۆمۈر خەلىپە ئىسيانىدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي بىر جەريان ئىچىدە يۈز بەرگەن چوڭ – كىچىك ئىسيان ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭ خاراكتېرى، مەقسىتى ۋە بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىر – بىرىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. بۇ ئامىللار، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ يەرلىك خەلققە سالغان چېكىدىن ئاشقان مىللىي زۇلۇمى ۋە بېسىمى، سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي،دىن، مەدەنىي – مائارىپ … قاتارلىق جەھەتلەردە يەرلىك خەلقلەر ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىزلىك ۋە ئېغىر كەمسىتىشلەر ۋە ئۇلارنىڭ بۇ خىل زۇلۇم، بېسىم ۋە ئادالەتسىزلىكلەردىن مۇستەسنا ھالدا ئەركىن، ھۆر ياشاش مۇھىتىغا ئېرىشىش مەقسىتى بىلەن، كوللېكتىپ ھالدا ئېلىپ بارغان نارازىلىق ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدىن ئىبارەت ئىدى. ئەمما، بۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىپ كەلگەن ھېچبىر مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت، يەرلىك خەلقنىڭ ئىسيان قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ھەقىقىي ئامىللارنى ئەسلا ئېتىراپ قىلغىنى يوق، ھەممىسىلا دېگۈدەك بۇ ئىسيانلارنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنى تاشقى ئامىللارغا، يەنى ئاتالمىش ” جاھانگىرلار ” نىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ” غالچىسى ” دەپ قارالغان قانداقتۇر ” ئىنتايىن ئاز ساندىكى يەرلىك بۆلگۈنچىلەرنىڭ قۇترىتىشى ” غا باغلاشقا ۋە بۇ ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك خەلققە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ئۈستىنى يېپىشقا تىرىشىپ كەلدى. بولۇپمۇ بۇ مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىكى، يەرلىك خەلقنىڭ ئومۇمىي ئىرادىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاش ۋە مۇمكىن بار ئۇنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئەمەس، بەلكى قانداقتۇر بىرقانچىلا ئاتالمىش ” ئوغرى، قاتىل، بۇلاڭچى ۋە لۈكچەكلەر ” نىڭ ئىرادىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت ئىدى.

بۇ خىل ئېغىر ئادالەتسىزلىك ۋە قاتتىق ئېكسپىلاتاتسىيە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىر مۇھىتتا يەنە قانداقتۇر ” مۇقىملىق “، ” تىنچلىق ” دېگەنلەردىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ ؟