ئۈرۈمچى ساقچىغا مەلۇم قىلىش مەركىزىگە مەلۇم قىلىنغان دېلولارنىڭ 50 پىرسەنتى ساختا

ر ف ئا خەۋىرى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

خىتاي يەرلىك ساقچى داىرىلىرى ئۈرۈمچىدە ساقچىغا مەلۇم قىلىش لىنىيىسىدە قارا تىزىملىك تۇرغۇزۇپ ساختا دېلو مەلۇم قىلغۇچىلارنى تۇتماقچى.

شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، ئۈرۈمچى ساقچىغا مەلۇم قىلىش مەركىزىگە بۇ يىل يانۋاردىن دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا مەلۇم قىلىنغان  دېلولارنىڭ 50 پىرسەنتى ساختا بولۇپ چىققان بولۇپ، ئۈرۈمچى ساقچى تارماقلىرى بۇ خىل ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن نۆۋەتتە 4 تېلېفون نومۇرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن.

“5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى”دىن كېيىن، يەرلىك ساقچى ئورگانلىرى تىز ئىنكاس قايتۇرۇش، سىن ئاپپاراتى ئارقىلىق كۆزىتىش ۋە 60 سېكۇنت ئىچىدە دېلو مەلۇم قىلغۇچىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خىتاي داىرىلىرى بۇ يىل سېنتەبىردە يەنە، ئۈرۈمچىدە “يىڭنە ھۇجۇم ۋەقەسى” كېلىپ چىققانلىقىنى، ساقچى داىرىلىرىنىڭ تىزدىن ئىنكاس قايتۇرۇپ، دېلو مەلۇم قىلغان جايلارغا بېرىپ ئاتالمىش “ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلار”نى دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بارغانلىقىنى، ھۇجۇمچى ئۇيغۇرلارنى تۇتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ھالبۇكى، سەھىيە ئورگانلىرى بۇ خىلدىكى “دېلو مەلۇم قىلغۇچىلار” نىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ساختا دېلو مەلۇم قىلغانلىقى، بۇلاردا ئوكۇل يىڭنىسىنىڭ ئىزى يوقلۇقىنى ئاشكارىلىغان.

گەرچە ئۈرۈمچى ساقچى داىرىلىرى ئۆزىگە كەلگەن دېلو ئۇچۇرلىرىنىڭ 50 پىرسەنتىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ئەھۋاللاردا يەنە قانچىلىك ئادەمنىڭ ناھەق تۇتۇلۇپ جازاغا تارتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qisqa_xewerler/urumchide-saxta-delolar-12282009184709.html/story_main?encoding=arabic