ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر خىتاينىڭ «14-بەش يىللىق پىلانى» مەزگىلىدە ئاسسىمىلاتسىيەنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىلەر يېقىندا يىغىن چاقىرىپ، خىتاينىڭ «14-بەش يىللىق پىلانى» مەزگىلىدە ئاسسىمىلاتسىيەسىنى كۈچەيتىشنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر مىللەت خەلقىدە «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئىدىيەنى مۇستەھكەملەش» نى تەلەپ قىلغان. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تەلەپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاركومنىڭ «ئىسلاھاتنى ئومۇمىييۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى» نىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 17-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يىغىنڭا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلغان.

چېن چۈۈەنگوغا ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىمبارگو قويۇلغان ئىدى. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېن چۈەنگو يىغىندا «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىدە «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق تونۇشىنى شەكىللەندۇرۇش» كە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تونۇشى» دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئۇيغۇر تىلى، تارىخىي، مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى ئىنكار قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئۇقۇمى ئۇيغۇر «مەدەنىيەت قىرغىچىلىقى» نىڭ پارچىسى ئىكەن. چېن چۈەنگو ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ يىغىدا «ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھوقۇقى، چىقىم مەسئۇلىيىتى ۋە مالىيەسىگە ماس كېلىدىغان مۇقىم سېستىما بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت ئۆزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشى، جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تونۇشىنى شەكىللەندۈرۈشى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىغا كاپالەتلىك قىلىشى» نى تەلەپ قىلغان.