پروفېسسور دېيۋىد تابىن بىلەن سۆھبەت: «خىتاينىڭ غەربىي-شىمال چېگراسىنىڭ ئامانلىقى» (1)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەركەتلىرىنىڭ ئەڭ ئەڭ تىپىك مىساللىرىدىن بولغان لاگېرلار مەسىلىسى ھەمدە بۇنىڭغا ئەگىشىپلا مەلۇم بولۇشقا باشلىغان مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسى تاشقىي دۇنيادا ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى «21-ئەسىردىكى يېڭى قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش چاقىرىقلىرىنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىلىم ساھەسىدىكى بىر قىسىم ئالىملار يېڭىۋاشتىن دىققىتىنى ئۇيغۇر دىيارىغا قارىتىپ، بۇ ھەقتىكى بىر قاتار يېڭى ئەسەرلەرنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن نەشر قىلدۇرۇشقا كىرىشتى. ئەنە شۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنىڭ بىرى ئەنگلىيەدىكى گلازگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دېيۋىد تابىننىڭ «خىتاينىڭ غەربىي-شىمال چېگراسىنىڭ ئامانلىقى: شىنجاڭدىكى كىملىك ۋە مۇقىمسىزلىق» ناملىق ئەسىرىدۇر.

مەزكۇر ئەسەر 2020-يىلى نويابىردا كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىدا نەشردىن چىققاندىن كېيىن تېزدىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن ئون يىلدا بارلىققا كەلگەن سىياسىي ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا قاراپ چىقىشتەك ئالاھىدىلىكى بولسا ئۇنى بۇ يىل نەشردىن چىققان ئۇيغۇرلارغا دائىر باشقا ئەسەرلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.

پروفېسسور تابىننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي تەدبىرلىرى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان. گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ سابىق سېكرېتارى، «مەركىزىي شىنجاڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ۋاڭ ياڭنىڭ «مىللەتلەر سىياسىتى ساھەسىدە بىر زور ئۆزگەرتىش بارلىققا كەلمىسە كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور باش ئاغرىقى بارلىققا كېلىدۇ» دېگەن يېتەكچى پىكرىنى بۇنىڭدىكى مۇھىم ئىنكاسلاردىن بىرى، دېيىش مۇمكىن ئىكەن. بولۇپمۇ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ھەممىلا جاينى بىر ئالغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتىنىڭ ئورنىنى «تەربىيەلەش مەركىزى» ئىگىلىگەن.

بۇ ھەقتىكى مەخسۇس سۆھبىتىمىز جەريانىدا پروفېسسور تابىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز بولغاندا «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ھەرقاچان بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم نۇقتا ھېساپلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. «بۇ مېنىڭ تۇنجى كىتابىم. بۇ ئەسەر گەرچە مېنىڭ دوكتۇرلۇق ماقالەم ئاساسىدا تەييارلانغان بولسىمۇ، بۇ قېتىم ئۇنى قايتىدىن يېزىپ چىقتىم دېسەممۇ بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا بەكلا ئۇزۇن ۋاقىت كەتتى. يەنە بىرى بۇ بەكلا نازۇك تېما، شۇنىڭدەك توغرا ۋە ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش قىيىن بولغان بىر تېما. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا بۇ ساھەدىكى مەسىلىلەر ئون يىلنىڭ ئالدىدا ئۇنچىلىك زور دىققەت قوزغىمىغان ئىدى. ھازىر بولسا ھەممىلا كىشىنىڭ دىققىتى مۇشۇ ئىشتا بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا مەن بۇ ئىشلارنىڭ باش-ئاخىرىنى چۈشىنىشلىك قىلىپ بايان قىلىپ بېرىش مەقسىدىدە 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلدىم. چۈنكى ئاشۇ يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەتلەر رەسمىي رەۋىشتە كۈچىيىشكە باشلىدى. ئەمما بۇنىڭدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ ئىدىيە ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھېچقانچە يېڭىلىق ئەمەس ئىدى. نېمىشقا دېگەندە ئۇيغۇرلار ياكى باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي مەسىلىلەر خىتايدا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان ئىشلار ئىدى. شۇڭا مەن بۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىدىيە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم. 2009-يىلىدىكى ۋەقەگە چېتىلغانلار نورمال ئامما بولۇپ، بۇ 1990-يىلىدىكى زورلۇق ھەركىتىدىن تۈپتىن پەرق قىلىدۇ. مەن 2009-يىلىنىڭ ئاۋغۇست ۋە سېنتەبىر ئايلىرىدا ئۈرۈمچىگە بارغاندا زورلۇق ۋەقەسى ھەققىدە گەپ قىلىش ئىمكانى بولۇش-بولماسلىقىغا بىر نەرسە دېيەلمىگەن ئىدىم. چۈنكى مەن تېخى يېقىندىلا بولۇپ ئۆتكەن ھەمدە كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنى ھېلىھەم ئېغىر زېدە قىلىۋاتقان بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئۇ جايدىكى كىشىلەرگە قانداقمۇ بىرنەرسە دېگىلى بولار، دەپ ئويلىغان. ئەمما قارىسام شۇ ۋاقىتتا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بۇ ۋەقەنى ‹بۇرۇلۇش نۇقتىسى› دەپلا قالماستىن شۇ جايدىكى ھەممىلا كىشى بۇ ھەقتە سۆزلىشىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ يەر-بۇيەرگە بارغاندا، بولۇپمۇ تاكسىغا ياكى دۇكانلارغا بارغاندا بەزى خىتايلار مەندىن ‹سەن قەيەرلىك؟› ‹تېرورلۇق ھەققىدە سەن قانداق ئ‍ويلايسەن؟› دەپ سورايتتى.»

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «تېرورلۇق» ھەققىدىكى بايانلىرى تېخى يېقىنقى مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ «بىخەتەرلىك» چۈشەنچىسى ئىزچىل «مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» نى مەركەز قىلىۋاتقان ئىدى. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرى ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن ئەندىزە بويىچە بۇ ۋەقەنى شەرھىلىدى ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىنى سىياسىي ئىدارە قىلىشنىڭ كەلگۈسى ئون يىلى ئۈچۈن نۆۋەتتىكى تەدبىرلەرنى تېخىمۇ يۇقۇرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشتى. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، دەل مۇشۇ خىل ئ‍ۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئىككى خىل ئورۇن ئىگىلەيدىغان دۆلەت سىستېمىسىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان «ئەزىز-خارلىق پەرقى» تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر ئىزچىل كۆرۈلۈپ تۇرغان.

«زورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندە ھەممىلا كىشى بۇ ھەقتە بەس-بەستە سۆزلەيدۇ. ئەمما مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۆلەت ئاپپاراتى بۇ ھەقتە ئانچە كۆپ گەپ-سۆز قىلمىدى. شۇڭا مەن كومپارتىيەنىڭ بۇ ئىشلارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىغا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كىملىك ۋە بىخەتەرلىك لايىھەسىدە بۇ ۋەقەنىڭ قانداق رول ئوينىشى مۇمكىنلىكىگە دىققەت قىلدىم. چۈنكى بۇ ۋەقە ئۇيغۇر بولۇش، تۈركىي خەلق بولۇش ھەمدە مۇسۇلمان بولۇشتەك بىرنەچچە كىملىك ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بىر خەلقنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشنىڭ تېخىمۇ تېزلەشتۈرۈلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرەتتى. چۈنكى بىز شۇنىڭغا شاھىد بولدۇقكى، ئەينى ۋاقىتتا شاۋگۇەندىكى خىتاي ئىشچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشى ئادەتتىكى جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش قىلمىشى شەكلىدە تەسۋىرلەندى. ئەمما ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايدىكى مەۋجۇتلۇقىنى بەلگىلىگۈچى ھايات-ماماتلىق مەسىلە سۈپىتىدە بايان قىلىندى. شۇڭا زورلۇق ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە داۋام قىلىپ كەلگەن بايانلىرى ئاساسىدا، شىنجاڭنىڭ ۋە ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئورنى ئاساسىدا بەلگىلەندى. شۇڭا مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقاچان ھەممىلا مەسىلىدە ئۆزلىرىنى يادرولۇق ئورۇندىكى خوجايىن ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئالغا يېتەكلىگۈچى رەھبىرىي مىلللەت دەپ چۈشەنگەن ھالدا ئىش بېجىرىدىغانلىقىنى، بۇ خىل ‹مىللىي مەركەزچىلىك› مەپكۇرىسىدە خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ زامانىۋىلىق ۋە تەرەققىياتقا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئۇلارنى چەتكە قاقىدىغانلىقىنى تەكىتلىدىم. دەل مۇشۇ ئامىل سەۋەبىدىن بۇ جايدا زورلۇق ۋەقەلىرى كۆپ قېتىملاپ يۈز بەرگەن.»

پروفېسسور تابىننىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن چېن چۇەنگونى ۋەزىپىگە قويۇش شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسە، دەپ قارىلىدىكەن. ئەمما رېئاللىق بۇنىڭغا ئۇل سالغۇچى خىزمەتلەرنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىنلا باشلانغانلىقىنى، خۇ جىنتاۋ جوڭنەنخەيدىن ئايرىلغاندا، ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن ئۈستەلدە ئاللىقاچان بۇ ھەقتىكى خىزمەتلەرنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. بۇ خىزمەتنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ «كىملىكى» ۋە «بىخەتەرلىكى» ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئىكەن.

«ئەلۋەتتە، 2009-يىلىدىكى ۋەقە ئاۋامنى بەكلا چۆچۈتكەن بىر ۋەقە بولدى. چۈنكى بۇ توقۇنۇش ئۇيغۇرلار، خىتايلار ۋە خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا بارلىققا كەلدى. ھەممىلا گۇرۇپپا بۇنىڭغا ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ئوخشىمىغان يوسۇندا ئىشتىراك قىلدى. شۇڭلاشقىمۇ بۇ مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ‹بۇرۇلۇش خاراكتېرىغا ئىگە› زور كۆلەملىك بىخەتەرلىك مەسىلىسى قىلىپ كۆتۈرىپ چىقتى. ئەلۋەتتە بۇ يەردە تولىمۇ ئېھتىيات بىلەن سۆز قىلىش لازىم. چۈنكى شۇنىڭغا قەدەر كۆپلىگەن ‹بۇرۇلۇش نۇقتىلىرى› كۆرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 1990-يىلىدىكى ۋەقەنى ‹بىزنى ھۇشيارلىققا ئۈندىدى› دېگەن بولسا 1997-يىلىدىكى ‹غۇلجا ۋەقەسى› نى زوراۋانلىققا قارشى كۈرەشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى، دېگەن ئىدى. دەرۋەقە شۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ‹بۇرۇلۇش نۇقتىسى› كۆرۈلمەي قالدى. ئەمما ۋاڭ ياڭنىڭ ھېلىقى سۆزىدىن كېيىن بىز قارايدىغان بولساق، ئۇ ياقتىن ‹ئۈرۈمچى ۋەقەسى› بولۇشىغا بۇ ياقتىن خۇ جىنتاۋ تۇنجى قېتىملىق ‹شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى› چاقىردى. بۇ بولسا شى جىنپىڭ ۋە چېن چۇەنگو ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى ئەھۋال ئىدى. ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىنى قايتا لايىھەلەش باشلاندى. بۇنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولغان خۇ ئەنگاڭ ۋە ما روڭ ‹تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتى بەك ئاستا بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ھەقىقىي كىملىك ۋە مىللىي دۆلەت بەرپا قىلىشىمىز لازىم› دېدى.»

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.