ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىۋاتقان سەككىز دۆلەتنى قارا تىزىملىككە ئالدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 14.كۈنى

ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن، ھازىر خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستانى، بېرما، شىمالىي كورېيە، ئېرىتېرىيە، سۇدان، ئۈزبېكستاندىن ئىبارەت سەككىز دۆلەتنى قازا تىزىملىككە ئالدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھېلارىي كىلىنتون ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن، دىنىي ئەركىنلىكنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان بۇ دۆلەتلەرگە كەسكىن تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھېلارىي كىلىنتون خىتاي قاتارلىق يۇقىرىقى سەككىز دۆلەتنى ئەيىبلىگەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە، پاكىستان قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتنىڭ، باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان نوپۇسى ئاز سانلىق قەۋملەرگە كەڭچىلىك مۇھىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى قىزغىن مەدھىيىلىدى.

ئۇ يەنە، كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادى ئوخشىمىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىگە قارىتا پىكىر بايان قىلىشى، شۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ تەكىتلىدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qisqa_xewerler/diniy-erkinlik-09142011145509.html/story_main?encoding=latin