«مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دىكى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا چاقىرىلغان «مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» دا ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي توغرىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ زور غۇلغۇلا قوزغىدى. ئۇ شۇ قېتىملىق سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «يېڭى دەۋردىكى پارتىيىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشتا چىڭ تۇردى، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇردى. . . ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تامامەن توغرا، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك».

شى جىنپىڭ سۆزىدە يەنە، ئاتالمىش «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى» نى داۋاملاشتۇرۇشنى ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان سىياسىي ۋەزىپىسى، دەپ تەكىتلەپ: «پۈتۈن پارتىيە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېگەن.

شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ سۆزلىرى خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى، «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇنىڭ سۆزىنى خەۋەر قىلدى. ئۇلارنىڭ ئانالىزلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ، شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارادا زور تەنقىدكە ئۇچرىغان سىياسەتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئاقلاپ ۋە قوللاپ سۆز قىلىشى ئىكەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۆز سىياسىتىنى جاھىللىق بىلەن قوغداۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە: «ئەمەلىيەتتە، شى جىنپىڭنىڭ بايانلىرى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى مەقسەتلىك، سىستېمىلىق ۋە رەھىمسىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى يوقىتىش. زۇلۇمنىڭ كۆلىمى ۋە دائىرىسى يەرشارى خاراكتېرلىك ئەيىبلەشنى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەرىكىتىنى تەلەپ قىلىدۇ» دېدى.

گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنزنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ بايانلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ ۋەھشىي زۇلۇمنى باشتىن-ئاخىر قوللاپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئادرىيان زېنز خەلقئارالىق تەنقىدلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ پەقەتلا شى جىنپىڭنىڭ زۇلۇمنى داۋام قىلىشتىكى قەتئىيلىكىدىنلا ئەمەس، بەلكى خىتايغا قىلىنىۋاتقان بېسىمنىڭمۇ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى»، دەپ تەكىتلىگەن.

ئامېرىكادىكى تونۇلغان تارىخشۇناس، جورجىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئېلى تارىخى بويىچە نەچچىلىگەن كىتابلارنىڭ ئاپتورى جەيمىس مىلۋارد شى جىنپىڭنىڭ نۇتىقىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى بىرمۇ-بىر تەھلىل قىلىپ ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە بىرىنچىدىن، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق نۇتقىدا 2014-يىلىدىكى شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدا سۆزلىگىنىنىڭ ئەكسىچە «بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك، تېررورلۇق» تىن ئىبارەت ئاتالمىش «ئۈچ خىل رەزىل كۈچلەر» نى تىلغا ئالماسلىقىنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككىنچىدىن ئۇ، شى جىنپىڭنىڭ نۇتىقىدىكى ئىستاتېستىكىلارغا دىققەت قىلغان. شى جىنپىڭ يىغىندىكى سۆزىدە تۆۋەندىكىلەرنى ئىستاتېسكىلارنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى: «2014-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 359 مىليارد 710 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە 7.2% ئاشتى. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 157 مىليارد 760 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە 5.7% ئاشتى. . . 2014-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، مەركەز مالىيەسىنىڭ شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى ۋە بىڭتۇەنگە سەرپ قىلغان يۆتكىمە چىقىمى 422 مىليارد 480 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە 10.4% ئاشتى، ئالتە يىلدا شىنجاڭغا جەمئىي 2 تىرىليون يۈەندىن كۆپرەك ياردەم بېرىلدى.»

تارىخشۇناس جەيمىس مىلۋارد «Medium» ناملىق تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە بولسا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خامچوت كىرىمىنىڭ يىللىق ئۆسۈش نىسبىتى ۋە شۇنداقلا رايونغا سېلىنغان مەبلەغگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ھېسابلاش ئاساسىدا شى جىنپىڭ نۇتقىدا ئىلگىرى سۈرگەن 5.7% لىك ئۆسۈشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ: خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭنى غايەت زور قىزىل رەقەم بىلەن باشقۇرۇپلا قالماي، بەلكى بۇ قىزىل رەقەم ئۆتكەن 6 يىل مابەينىدە تېخىمۇ زورايدى. سىرتقى تولۇقلىما بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۆزىنىڭ كىرىمى ئارىسىدىكى پەرق 2014-يىلدىكى 135 مىلياردتىن 2019-يىلى 264 مىلياردقا ئۆرلەپ، 48% ئاشتى. گەرچە شى جىنپىڭ بۇنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا يۈرگۈزۈلگەن ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان لاگېرلار، يېڭى تۈرمىلەر، يېتىم-يېسىرلار ئورنى ۋە باشقا ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ شۇنداقلا بىخەتەرلىك خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىشقا كەتكەن زور چىقىملارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ نۇتۇقتىكى سانلار ئادرىئان زېنز ۋە باشقىلارنىڭ لاگېر بىنالىرى ھەم پۈتكۈل لاگېر سىستېمىسىنى يۈرۈشتۈرۈش ھەققى توغرىسىدىكى ئىلگىرىكى ئىسپاتلايدۇ. مانا بۇ غايەت زور خامچوت تەتقىقاتچىلارنى شىنجاڭدا چوڭ ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدىن گۇمانلاندۇرغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىدى.»

جەيمىس مىلۋارد يەنە، شى جىنپىڭ دەۋاتقان 2 تىرىليون 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان مەبلەغنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر سىستېمىسى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقان بىڭتۇەنگە سەرپ قىلىنغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ تولۇق مۇستەملىكە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باشلامچى ئورگانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

شى جىنپىڭنىڭ نۇتىقىدىكى جەيمىس مىلۋاردنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئۈچىنچى نۇقتا ئۇنىڭ مىللىي كىملىك مەسىلىسىدىكى ئىدېئولوگىيەلىك جۈملىلىرى بولغان. شى جىنپىڭ نۇتقىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشىمىز كېرەك. . . شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى. . . شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دېگەنلەرنى بايان قىلغان. پروفېسسور جەيمىس مىلۋارد «شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئۇيغۇرلار خىتايلار بىلەن قانداش، ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ خىتايدىن پەرقلەنمەيدىغان قىلىش دېگەنلىك. ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش دېگىنى بولسا مەسچىتلەرنى چېقىپ، مازارلارنى تۈزلەپ، گۈمبەز-مۇنارىلەرنى ئۆرۈش دېگەنلىكتۇر» دەپ مۇلاھىزە قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشتىن ئىبارەت قەتئىي نىيىتىنى ئەينەكتەك ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى»، دېدى. ئۇ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ جىنايەتلىرى سەۋەبلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە خىتاي مۇئەسسەسىلىرىنى جازالىغان، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى قاتتىق ئەيىبلىنىۋاتقان بىر پەيتتە شى جىنپىڭنىڭ يەنىلا بۇ سىياسەتنىڭ توغرىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۇنىڭ رەزىل مەقسىتىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ» دەپ باھالىدى.

چەتئەللەردىكى چېن پوكۇڭ، ۋېن جاۋ قاتارلىق خىتاي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىنى جازالاۋاتقان مەزگىلىدە شى جىنپىڭنىڭ بۇنداق نۇتۇق سۆزلىشى ئەمەلىيەتتە خىتاي ئەمەلدارلىرىدا تەۋرىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن.

خىتاي زىيالىيسى چېن پوكوڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ۋىدىيو مۇلاھىزىسىدە شى جىنپىڭنىڭ نۇتىقىدىكى «شىنجاڭدىكى كادىرلار قوشۇنىنى تولۇقلاش كېرەك، ئۇلارنى سىياسىي جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك، خىزمەت جەھەتتە قوللاپ، تەمىنات جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. تۇرمۇش ۋە پسىخىكىلىق جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىش كېرەك. . . ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغىمۇ ئىشىنىپ، ئۇلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك» دېگەن نۇقتىلار ھەققىدە توختالغان. ئۇ يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى تەكىتلىگەن: «ھازىر خىتاي كادىرلارنىڭ شىنجاڭغا بارغۇسى كەلمەيدۇ. بارغانلىرىمۇ بىر ئامال قىلىپ ئۇ يەردىن كېتىشنىڭ كويىدا. ئامېرىكانىڭ زۇلۇمغا قاتناشقان ئەمەلدارلارغا جازا تەدبىرى قويۇشى ئۇلارنى ئەنسىرەتتى. خىتاي كادىرلارنىڭ بالىلىرى ئاساسەن ئامېرىكادا بولغاچقا، ئۇلار ئۆزى ۋە بالىلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ۋىزا ۋە ئىقتىسادىي جازاسىغا ئۇچراپ كېتىشىدىن قورقىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغىمۇ ئىشىنىش كېرەك، دېيىشى ئۇنىڭ شىنجاڭدا كادىر يىتىشتۈرەلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. لېكىن ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ ئۇ ئىشنى تېخىمۇ قىلغۇسى يوق».

چېن پوكوڭ ئەپەندى سۆزىدە ئەھۋال شۇنداق بولغاچ، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كادىر-ئەمەلدارلارغا قايتىدىن چاقىرىق قىلىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن 6 يىلدىن كېيىن بۇ نۇتۇقنى سۆزلىگەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلغان.

دولقۇن ئەيسا بولسا ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى. ئۇ: «ئەكسىچە بولغاندا بۇ خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولغانلىقتۇر» دەپ تەكىتلىدى.