خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  ئۇيغۇر ئېرقى قېىرغىنچىلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارا سوت كوللىگىيەسى قۇرۇلدى

ئاخبارات ئېلان قىلىش – دەرھال ئېلان قىلىش
2020-يىلى 3-سىنتەبىر
ئالاقىلاشقۇچى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى www.uyghurcongress.org
+49 89 5432 1999 ياكى [email protected]

3-سىنتەبىر پەيشەنبە كۈنى،  خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى ئۇيغۇر رايۇنىدا (شەرقى تۈركىستاندا) خىتاي دۆلىتىىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە بدشقا تۈركى خەلقلەرگە  سادىر قىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيانە جىنايىتىنىڭ مىللى قىرغىنچىلىق ئكەنلىكىگە ھۆكۈم بېرىش ئۈچۈن خەلقئارالىق خەلق سوتى قۇرۇلدى.

بۇ يىل ئيۇن ئېيىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا, جانابى جەففرى نايس  ئەپەندىدىن ئۇيغۇر مىللى قېرغىنچىلى شىكايىتىنى سوتلاپ ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر سوتى قۇرۇپ چىقىشنى ئلتىماس قىلغان ئدى

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ، ھەتتا مىلييونلارچە ئپادىلىنىۋاتقان  كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنى رايۇندىكى  جازا لاگىرلىرىغا قامىغانلىق قىلمىشىلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خېلى كەڭ تارقالدى.

خىتاينىڭ سادىر قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدىكى ئەيىپلەشلەردە، خىتاي دۆلىتىنىڭ قەستەن ئۆلتۈرۈش، قۇل قىلىش، ئورۇنسىز تۈرمىگە سېلىش، قېيىن قىستاق، باسقۇنچىلىق ۋە باشقا جىنسى زوراۋانلىقلار، مەجبۇرى تۇغماس قىلىش، مەجبۇرى غايىپ قىلىش، بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرى  ئايرىۋىتىش، مەجبۇرى توي قىلدۇرۇش ۋە ئنسان ئورگانلىرى تىجارىتىدەك باشقا جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلىقى تەكرارلىنىپ قەيت قىلىنماقتا.

بۇ قىلمىشلار، ئەگەر ئسپاتلانغان تەقدىردە، خىتاي دۆلىتى ئمزا قويغان 1948- يىلىدىكى ئېرقى قېرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنىڭ 2-ماددىسىدا  ئېرقى قېرغىنچىلىقنىڭ ھالقىلىق ئامىلى دەپ تەرىپلەنگىنى بويىچە، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى  بىر گۇرۇپ ھالىتىدە تۈپتىن ۋە ياكى قېسمى ھالدا يوقۇتۇش نىيىتى ھەققىدە جىددى سۇئال پەيدا قىلىدۇ.

خەلقئارا جىنايەت سوتىدا، سابىق يوگۇسلاۋىيە پرەزىدىنتى مىلوسوۋىچنى سوتلاپ جازالىغان داڭلىق سوتچى جانابى جەففرى نايس ئەپەندى بۇ سوت كوللىگىيەسى ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ:

“ئەيىپلەشلەر بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولالامايدۇ. لىكىن ئۇيغۇر سوتى پەقەت ۋە پەقەت دەلىل ۋە قانۇن بىلەن ئش تۇتىدۇ ۋە پەقەت دەلىل ۋە قانۇن بويىچە ئۆزىنىڭ ھۆكمىنى بېرىدۇ”

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پرەزىدىنتى دولقۇن ئەيسا مۇنداق دەيدۇ:

“خىتاي سادىر قىلىۋاتقان بۇ قىلمىشلارنىڭ رەسمى سوتلاردا سوتلىنىش ئىمكانى رىئالنى جەھەتتىن مۇمكىن ئەمەس. لىكىن ئۇيغۇر سوتى بۇ ھەققىدە نوپۇزلۇق ۋە تەرەپسىز ھالدا ھۆكۈم چىقىرالايدۇ”

ئالاقىلاشقۇچى:

خامىد سابى

Hamid Sabi [email protected]

ئزاھاتلار

بۇ يىل  29- ئيۇن كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى جانابى جەففرى نايس ئەپەندىگە مەكتۇپ يوللاپ، داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر قېرغىنچىلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش مەقسىتىدە تەرەپسىز بىر  ئۇيغۇر سوتى قۇرۇپ چىقىش تەكلىپىنى بەرگەن ئدى. جەففرى نايس ئەپەندى بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ ئېرقى قېرغىنچىلىققا ئنكاس قايتۇرۇش بىرلەشمىسى بىلەن ھەكارلىشىپ قۇرىلىدىغان ئۇيغۇر سوتىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە خىتاي دۆلىتى، يەنى ھازىرقى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى، ئېرقى قېرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنى تەستىقلىغان ئمزاداش دۆلەت بولسىمۇ،  بۇ دىلونىڭ خەلقئارا جىنايەت سوتىدا ياكى ھەرقانداق بىر خەلقئارالىق ئادالەت سوتىدا كۆرىلىشىگە قارىتا توسقۇنلۇق قىلىش ئمتىيازىغا ئگە. ئەگەر شۇنداق بولمىسا ئدى ئۇيغۇر خەلق سوتىنىڭ قۇرۇلىشىغا ئھتىياجمۇ بولمىغان بولار ئدى.

ئۇيغۇر سوتى 7 نەپەردىن ئاز بولمىغان  باھالىغۇچى رولىغا ئگە بولىدىغان  ھەيئەتتىن شەكىللىندۇ ۋە بۇ سوت “مۇتىخەسىس” بولمىغان بارلىق پۇقرالارغا ئوچۇق بولىدۇ. ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا، سوت مەسلەھەتچىسى، باش قانۇنى تەتقىقاتچى ۋە مەزكۇر سوت كوللىگىيەسىنىڭ  ياردەمچى رىياسەتچىسى بىكىتىلىپ بولدى.

كۈنلەرچە ئېلىپ بېرلىدىغان سوتنىڭ ئەڭ ئاز بولغاندا ئككىسى لوندون شەھرىدە ئۆتكۈزۈلۈش پلانلانماقتا.

جامائەتكە ئوچۇق باشقا سوتلار بولسا ئنتىرنەت يولى بىلەن ئۆتكۈزىلىشى مۇمكىن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىش تەھدىتىگە دۇچ كىلىش ئھتىماللىقى بولغان ئاجىز ھالەتتىكى ئائىلىلەر،  گۇۋاھچىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك قۇرۇملاربولسا ئسىمسىز ھالدا ۋە بولمىسا باشقا يوللار بىلەن ئۆز گۇۋاھلىقىنى بەرسە بولىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دەسلەپكى دەلىللەرنى توپلاپ مەزكۇر سوتقا  يوللاپ بەرگەن بولسىمۇ، مەزكۇر سوت يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلاردىن ئۆزلىرىدە بار بولغان دەلىل خاراكتىرىدىكى مەلۇماتلارنى يوللاپ بېرىشىنى، ھەتتا خىتايدىكى بەزى ئورۇنلارنى ئۆز ئچىگە ئالغان ھالدا، مەزكۇر سوتنىڭ مۇۋاپپىقىيىتيگە ياردەملەشمەكچى بولغان قۇرۇملارنىڭ ھەر خىل يوللاردىن بىزگە ياردەمچى بولىشىنى كۈتىمىز.

ھۆكۈمنامىنىڭ ئلان قىلىنىش ۋاقتى، توپلانغان دەلىللەرنىڭ ھەجمىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كەسكىن مۇئەييەنلەشتۈرەلمىسەكمۇ، بۇ سوت ھۆكۈمنامىسىنىڭ 2021-يىل ئاخىرىغىچە تاماملىنىشىنى كۈتىۋاتىمىز.

جانابى جەففرى نايس ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پۇقرالارنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ سايلاپ چىققان قانۇنى ۋەكىللىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مىللى قېرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلەرنى قۇتقۇزۇش مەجبۇرىيىتى بار. ، ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقئارا ئورگانلار بولسا، مىللى قېرغىنچىلىقنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئتىراپ قىلىپ قارار ئلان قىلغىنىدا، بۇ يۈز بەرگەن ۋە يۈز بېرىۋاتقان مىللى قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇش ئۈچۈن قانۇنى جاۋاپكارلىقلار ئۈستىلىرىگە يۈكلىنىدىغان بولغاچقا بۇ مەسئۇلىيەتتىن قورقۇپ مىللى قېرغىنچىلىق سۆزىنى ئالدىراپ ئاغزىدىن چىقارمايدۇ. دەل شۇ سەۋەپلىك نورمال ۋەتەنداشلار مىللى قېرغىنچىلىق يۈز بەرگەن ۋە ياكى يۈز بېرىۋاتقانلىق ھەققىدە ھىچبىر ئشەنچىلىك ۋە نوپۇزلۇق مەلۇماتقا ئگە بولالمىغاچقا، ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يۈز بەرگەن ۋە يۈز بېرىۋاتقان مىللى قېرغىنچىلىقنى توختۇتۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق جاۋاپكارلىقىنى ئورۇنلىغان ياكى ئورۇنلىمىغانلىقىنىمۇ بىلەلمەيدۇ.

شۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەپلەر بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللى قېرغىنچىلىق جىنايى قىلمىشى پەقەت ئەيپلەش باسقۇچىدا قىلىپ ھىچ بىر ۋاقىت دەلىل ۋە ئىسپات  ئاساسىدا تەكشۈرۈلۈپ ئېنىقلانمىدى.

خىتاي دۆلىتىنىڭ تەررورىزىم باھانىسىدا ئۆز پۇقرالىرىغا يۈرگۈزگەن “قايتا تەربىيلەش” ياكى “نوپۇسنى كونترول قىلىش” نىشانىدىكى ھەركەتلىرى، باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن خىتاينى مىللى قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىپلىشى ئۈچۈن بىرەر قىلمىش دەپ قارالمىدى.

بۇ سوت، ھىچبىر ئالدىن ھۆكۈم ۋە ياكى تەخمىنگە ئاساسلانمىغان ھالدا، ئەڭ قىسقا مۇددەتتە توربەت ۋاستىسى بىلەن جاما’ئەتكە ئېچىۋىتىلمەكچى بولغان ئوچۇق دەلىللەرنى تەكشۈرۈپ، بارلىق بار بولغان ماتىرىيال ۋە پاكىتلارغا قاراپ ئاخىرقى ھۆكۈمنامىنى ئېلان قىلىدۇ.

پۇقرالار، ھۆكۈمەتلار ۋە خەلقارالىق تەشكىلاتلار ئوتتۇرىغا چىققان شۇ دەلىل ئاساسادىكى ھۆكۈمنامە ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خەلقارالىق مەجبۇرىيەت ۋە جاۋاپكارلىقلىرىنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە تىگىشلىك ھالدا ئانالىز قىلىدۇ.