د ئۇ ق ئاخباراتى : شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلار، بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ  قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەيمىز! ھەممىمىزگە مۇبارەك بولسۇن!

ئەزىز قېرىنداشلار، ھەر قېتىم پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى شاتلىققا چۆمدۈرگەن مانا مۇشۇنداق خاسىيەتلىك كۈنلەر يېتىپ كەلگىنىدە، ھەقىيقى بىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان ۋەتىنىمىزدە خىتاي زۇلمى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان خەلقىمىز، خىتاينىڭ ۋەھشىي زىندانلىرىدا، جازا لاگىرلىرىدا جان تالىشىۋاتقان مىليونلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىز، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە قۇل ئورنىدا مەجبۇرى ئىشلىتىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز، يەنە شۇنداقلا ۋەتەنسىزلىك دەردىدىن كۆرۈش ئىمكانىيىتىمىز بولمىغان ۋەتەندىكى ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇغقان ۋە دوست – يارەنلىرىمىز كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ ۋە بۇنىڭدىن چەكسىز ئازابلىنىمىز!

ھەممىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندىن بۇيان، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ بىرەر كۈنىمۇ خاتىرجەملىك ۋە شاتلىق ئىچىدە ئۆتۈپ باققىنى يوق، خەلقىمىزنىڭ ھەر بىر كۈنى قانلىق ياش تۆكۈش ۋە مۇسىبەت ئىچىدە ھەسرەتلىنىش بىلەن ئۆتتى، مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ ۋەتەندىكى ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇققان، دوست – يارەنلىرى ۋە سۆيۈملۈك خەلقىنىڭ دەردى – پىراقىدا قايغۇرۇش، ھەسرەتلىنىش ۋە ئازاپلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە بۈگۈنكىدەك ھېيت – بايراملارنى كۈتىۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپ كەلدى.

فاشىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋانلىقى ۋە مۇقەددەس ئىسلامغا بولغان ھاقارىتى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، قۇربان ھېيت ھارپىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەتەندە قوي ۋە كالا گۆشى سېتىشنى توختۇتۇپ، چوشقا گۆشى سېتىشنى يولغا قويۇش ھەققىدە مەخسۇس ئۇختۇرۇش تارقاتتى!

ئەزىز قېرىنداشلار، قىسقىسى بۈگۈن بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئىرقىي يوقۇتۇشقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر خەتەرلىك ۋەزىيەتتە تۇرۇپتىمىز، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە قاراتقان فاشىستىك قىلمىشلىرى بۈگۈن پۈتۈن  خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئويغاتتى، دۇنيا مەدىنىيىتىگە شانلىق تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە يوقۇلۇپ كېتىشىگە تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان خەلقئارا جامائەتچىلىك مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىدىن بۇنىڭ ھىساۋىنى سوراش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە باشلىدى. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە، بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى چوقۇم قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خىتايغا قارشى بىرلىكسەپنى مۇستەھكەملەپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى كۇچەيتىش يولىدا يۈكسەك جاسارەت ۋە پىداكارلىق روھى بىلەن مىللەت سۈپىتىدە جىددىي ھەركەتكە ئۆتۈشىمىز تولىمۇ زۆرۈردۇر!

مانا بۇ مۇبارەك كۈننى خۇددى ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە سۆيگۈ كۈنىگە ئايلاندۇرايلى، بۇ مۇبارەك كۈندە ئاللاھدىن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق ۋە خەلقىمىزگە ھۆرلۈك تىلەيلى!

ھۆرمەت بىلەن : دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى