ب ب س: شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەت بىرئاز تىنچىدى، ئەمما مىللىي زىددىيەت يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

ب ب س تەرىپىدىن 12 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئېلان قىلىنغان،  “2009 – يىلى، خىتايدا سىياسىي سەزگۈرلۈك يۇقىرى بولغان بىر يىل بولدى” دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىنغان  بىر مۇلاھىزىدە، خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق سىياسىي ۋەزىيىتىگە ئومۇمىي يۈزلۈك باھا بېرىلگەن بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدا، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، 2009 – يىلى خىتايدا يۈزبەرگەن ئەڭ زور سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ بىرى، دەپ كۆرسۈتۈلدى.

ماقالىدا، گەرچە ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى بىرئاز تىنجىغان بولسىمۇ، ئەمما، مىللىي زىددىيەت ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان يارىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

مەزكۇر ماقالىدا يەنە، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 9 – ئايدا، “شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشى” دېگەن تېمىدا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىجرا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇنىڭ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدە چوڭقۇر قاتلاملىق ئويلىنىش ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىدىغانلىقنى، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىنتېرنېت تورىدا پىكرىنى بايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدە ۋە ئۇنى ئەمىلى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ، خىتايلار بىلەن ئازسانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلدى.
 

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى