د ئۇ ق ئاخباراتى : 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان لاگىر تۈزۈمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىبارەت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى

2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى يۈ زبەرگەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، شەرقىي تۈركىستان خىتاي كومممۇنىستلىرىنىڭ ئىشغالىغا ئۇچرىغان 1949 – يىلىدىن بۇيان بۇ رايوندا يۈزبەرگەن ئەڭ زور قانلىق  تىرادىگىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا باشلاتقان ئاتالمىش «ئۈرۈمچى ۋەقەسى گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتى» بولسا ماھىيەت جەھەتتىن خىتاي ھاكىمىيىتىڭ 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ئاشكارە يولغا قويغان لاگىر تۈزۈمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىبارەت!

چۈنكى خىتاينىڭ ئەينى چاغدا باشلاتقان  بۇخىل تۇتقۇن قىلىش ۋە زەربە بەرىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسى نىشانى قانداقتۇر «ئۈرۈمچى ۋەقەسى گۇماندارلىرى» ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بىگۇناھ ئىنسانلار ئىدى.

مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «تىئانشان تورى» نىڭ 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، 2009 – يىلى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بۇيىچە ھەر دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن رەسمى قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئومومى سانىنىڭ 18 مىڭ 527 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى، 22 مىڭ 677 نەپەر كىشى ئۈستىدىن سوتقا ئەرىزنامە سۇنۇلغانلىقى، يەنە 2009 – يىلى بىر يىل ئىچىدە  ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ جەمئىي 302 مىڭ 356 دىلونى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدە 270 مىڭ 592 دىلونى سوتلاپ ئاياقلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى باھانە قىلىپ باشلاتقان بۇخىل كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە دەلىل – ئىسپاتسىز ھالدا مەخپىي سوتلاش ھەرىكىتى ئۇزۇن يىل داۋام قىلدى، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىلەر ئاتالمىش «ئۈرۈمچى ۋەقەسى گۇماندارلىرى» بىلەن تولۇپ تاشتى، سانسىزلىغان ئۇيغۇرلار ئىز – دەرەكسىز غايىپ بولدى ۋە كېيىن بۇ ئىز – دەرەكسىز غايىپ بولغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ يوشۇرۇن جازا لاگىرلىرىغا قامالغانلىقى ئاشكارىلاندى، نەتىجىدە بۇخىل يوشۇرۇن جازا لاگىرلىرى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بۈگۈنكى ئاشكارە جازا لاگىرلىرىغا ئايلاندۇرۇلدى.

دىمەك، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ماھىيەتتە بولسا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان لاگىر تۈزۈمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىبارەت!

بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە بىۋاستە سەۋەبچى بولغان ئامىل بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ 6000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خىتاينىڭ گۇئاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈئەن شەھىرىدىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 2009 – يىلى 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى بۇ زاۋۇتتىكى ۋە شاۋگۈئەن شەھىرىدىكى 10 مىڭلىغان فاشىست خىتاينىڭ رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇمىغا ئۇچرۇشى ئىدى.

شاۋگۈئەن ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، 10 مىڭلىغان ئىرقچى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلارغا رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر كۆرۈنۈشلەر دۇنياغا ئېلان قىلىندى، بۇ ۋەھشى كۆرۈنۈشلەرگە ئىنسان چىداپ تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، بۇ ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىنتايىن كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلدى.

نەتىجىدە، 2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۈرۈمچىدە مىڭلىغان ئۇيغۇرلار كوچىغا چىقىپ تىنچلىق شەكلىدە نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھاكىمىيىتىدىن شاۋگۈئەندە بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرگەن ۋە يارىلاندۇرغان ئىرقچى خىتايلارنى قانۇن بويىچە جازالاشنى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە مەجبۇرى  ئىشلەمچىلىككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى دەرھال شەرقىي تۈركىستانغا قايتۇرۇپ كېلىشنى، شۇنداقلا  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىي ۋە مىللىي ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىشتى.

ئەپسۇسكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ تىنچلىق شەكلىدىكى نامايىشى، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تارىختا ھېچ مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە رەھىمسىزلەرچە قانلىق باستۇرۇلدى.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان فاشىست خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ 5 – ئىيۇلدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقى پۈتۈن دۇنيانى زىل – زىلىگە سالدى.

گەرچە ھازىرغا قەدەر بۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىقتا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ ھەقىيقى سانى  مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى مەلۇماتلارنىڭ ئۆزىدا خەلقئارا جامائەتچىلىكنى قاتتىق چۆچۈتۈشتە يېتىپ ئاشاتتى.

بەزى تەرەپسىز مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2009 – يىلى 5 – ئىيۇل كۈنى بىر كېچىدە خىتاي ساقچى – ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىرىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن مىڭدىن ئاشىدۇ، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى بولسا 10 مىڭدىن ئارتۇق.

دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچىمۇ، 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى چۈش مەزگىلىدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە نەچچە 10 مىڭلىغان خىتاي پۇخرالىرى تەشكىللىك ھالدا پالتا – پىچاق، كالتەك – توخماق، قېلىچ – قىڭغىراق، ھەتتا مىلتىقلار بىلەن قوراللىنىپ، باشلىرىغا ئەسكەرلەر تەرىپىدىن تارقىتىپ بەرىلگەن قالپاقلارنى كىيىشىپ، پۈتۈن شەھەر مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنى ئوۋلاش ھەرىكىتى باشلىغان، خىتاي ساقچى – ئەسكەرلىرىنىڭ قوللاپ ماسلىشىپ بېرىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جەريانىدىمۇ كۆپلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇر ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان.

كۆپىلگەن چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىمۇ  فاشىست خىتايلارنىڭ كوچا – كويلاردا ئۇچرىغان ئۇيغۇرنى قوغلاپ تۇتۇپ ياۋۇزلارچە ئۇرۇپ – چېپىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئىنتايىن ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر يەر ئالغان بولۇپ، ماھىيەتتە بۇ ھادىسە سېپى ئۆزىدىن بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى بۈگۈنگە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن ھەرقانداق شەكىلدىكى چوڭ – كىچىك نارازىلىق ياكى قارشىلىق كۆرسۈتۈش ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئومومى يۈزلۈك تۇتقۇن قىلىش دولقۇنى قوزغاش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

«5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن خىتاي سوتلىرى ھەر ئاي، ھەتتا ھەر ھەپتە دىگۈدەك زىندانلاردىن ئونلىغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى سۆرەپ چىقىپ ئۆلۈمگە ۋە تۈرلۈك ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلدى.

خىتاي سوتلىرى، 2009 – يىلى 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن، 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە بولغان پەقەتلا 3 ئاي ئىچىدە  ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 9 قېتىم ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

بۇ 9 قېتىملىق سوتتا ھۆكۈمگە ئېلان قىلىنغانلارنىڭ ئومومى سانى 83 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 33 نەپەر، مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ 50 نەپەر؛

خىتاي سوتلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا، «زوراۋان تېرورىست»، «مىللىي بۆلگۈنچى»، «3 خىل كۈچ» دىگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلغان بولۇپ، ئەمىلىيەتتە بولسا بۇلار 2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى  ئۈرۈمچىدىكى  تىنچلىق نامايىشىغا قاتناشقان، ھەتتا نامايىش جەريانىدا خىتاينىڭ دۆۋلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار ئىدى.

ھازىرغا قەدەر خىتاي ھاكىمىيىتى دۇنيا سىياسى سەھنىلىرىدە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ شەكلىنى ۋە خارەكتىرىنى قەستەن بۇرمىلاپ، خۇددى ئۇيغۇرلار كوچىغا چىقىپلا ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ۋە ئۆلتۈرۈشتەك زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە كىرىشكەندەك بىر ساختا مەنزىرىنى يارىتىشقا تىرىشماقتا.

ئەمىلىيەتتە بولسا،«خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى» نىڭ 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن تۆۋەندىكى خەۋىرىدىن، 5 – ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە زوراۋانلىقنى ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ ئەمەس، بەلكى خىتاي ساقچى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مەزكۇر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 17:00 ئەتراپىدا، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىمۇ بولمىغان 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئۈرۈمچىدىكى «خەلق مەيدانى» غا توپلۇنۇپ، يەردە ئولتۇرۇۋېلىپ نارازىلىق نامايىشى باشلىغان ۋە «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى» دىن شاۋگۈئەن ۋەقەسى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

نامايىش باشلىنىشى بىلەنلا خىتاي ساقچى ۋە ئەسكەرلىرى نەقمەيدانغا باستۇرۇپ كېلىپ، يەردە ئولتۇرغان نامايىشچىلاردىن 70 تىن ئارتۇق كىشىنى ئۇرۇپ – سوقۇپ باغلاپ تۇتۇپ كەتكەن ۋە قالغان نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتكەن.

خىتاينىڭ تىنچلىق شەكلىدە نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تۇتقان بۇ زوراۋانلىقى، ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن «ئۈرۈمچى جەنوبى ئازاتلىق يولى»، دۆڭ كۆۋرۈك، سانشىخاڭزا رايونىغا ئۇيغۇرلار توپلۇشۇپ شوئار توۋلاپ نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىغان.

كەچ سائەت 19:30 ئەتراپىدا سانشىخاڭزادىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا توپلانغان ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ سانى مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، 19:40 ئەتراپىدا 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر نامايىشچى، «خەلق يولى» بىلەن جەنوبى قوۋۇق ئارىلىقىدا يولغا توساق قۇرۇپ، ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنى توسۇشقا تىرىشقان، ئەمما بۇلار خىتاينىڭ ساقچى ۋە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ تارقىتىۋەتىلگەن، كۆپلىگەن نامايىشچىلار قولغا ئېلىنغان، نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىلغان، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىلغان.

كەچ سائەت 21:00 ئەتراپىدا، 200 نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش يەنە «خەلق مەيدانى» ئەتراپىدىكى «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم» بىناسىنىڭ ئالدىغا توپلۇنۇپ، شوئار توۋلاپ، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما، ساقچى ۋە ئەسكەرلەر ئۇلارنى قاتمۇ – قات قورشۇۋېلىپ قانلىق باستۇرۇشقا كىرىشكەن.

ئۇيغۇر نامايىشچىلار، سائەت 17:00 دىن، تاكى كەچ سائەت 22:30 غىچە ساقچى ۋە ئەسكەرلار بىلەن توقۇنۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا تىرىشقان، بۇ جەرياندا بەزى نامايىشچىلار ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن ساقچى ۋە ئەسكەرلەر بىلەن رەسمىي توقۇنۇش ئېلىپ بارغان.

بۇيەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە بار، «شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى» نىڭ 2009 – يىلى  7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى نازارىتى»، «بىڭ تۇئەن ساقچى ئىدارىسى» ۋە «ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەرلىك نازارىتى» قاتارلىق ئورگانلار، نامايىش بولۇشتىن 2 – 3 كۈن بۇرۇنلا نامايىشنىڭ ئورنىنى، مەقسىدىنى ۋە نامايىش ھەققىدە ئۇختۇرۇش تارقاتقان تور بەتلىرىنىڭ ئادرېسلىرىنى بىلىپ بولغان، شۇنداق تۇرۇپ خىتاي نىمە ئۈچۈن بۇنىڭ ئالدىنى ئالمىدى ؟ نىمە ئۈچۈن 200 نەچچە نامايىشچىنىڭ «خەلق مەيدانى» غا كىرىشىگە يول قويدى ؟ نىمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ساقچى ۋە ئەسكەرلىرى ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدا ئالدىن ھېچقانداق ئامانلىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ئالماي شۇ كۈنى كەچتە تۇيۇقسىزلا نەچچە مىڭ ساقچى ۋە ئەسكەر پەيدا بولۇپ ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرۇشقا كىرىشتى ؟ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەقسىدى قەستەن مىللىي توقۇنۇش پەيدا قىلىپ بۇنى پۇرسەت بىلىپ ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشمۇ ؟

2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىققان لاگىر تۈزۈمى سىياسى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ يۇقارقىدەك گۇمانىي قاراشلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2020 – يىلى 7 – ئاينىڭ 2 – كۈنى