ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەر 2010 – يىلىمۇ قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانى قىلىنىدۇ

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانى ۋە مىللىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش مەقسىتىدە 2008 – يىلى 3 – ئايدا لاسادا ۋە 2009 – يىلى 5 – ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان، خىتاي ھاكىمىيىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ شۇنچە كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە قارىماستىن بۇ ئىككى ۋەقەنى باھانە قىلىپ تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان رايونىدا كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
  
خىتاي “قانۇن گېزىتى” نىڭ 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا چاقىرىلغان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي – قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا، قانۇن تارماقلىرىنىڭ 2010 – يىللىق خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، مەزكۇر پىلاننىڭ بىرىنچى ماددىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، كېلەر يىلىمۇ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئاساسى نىشان قىلىنىدۇ ۋە ھەر دەرىجىلىك قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئاساسى كۈچى، “چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر” گە، “مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، زوراۋان تېررورىست كۈچلەر ۋە دىنىي رادىكال كۈچلەر” گە قارىتىلىدۇ.

بۇ، كېلەر يىلى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت رايونىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىدىغانلىقىدىن، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرگە قارىتىلغان زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

“ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم” نىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇئەنمۇ يېقىندا قەشقەردە قىلغان سۆزىدە، “قەشقەر ۋە ئاتۇش رايونى بولسا مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى كۆرۈشىمىزنىڭ ئالدىنقى سەپى ئاساسى جەڭ مەيدانى”  دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى رايونلارغا قاراتقان سىياسىي بېسىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنىڭ ئوچۇق سىگنالنى بەرگەن ئىدى.

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى