پاترىك خەلزون: «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان روھىي زەربە ۋە ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ خاتىرىسىنى يوقىتىش خەۋپى» (2)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

شىۋېتسىيەدىكى ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى پاترىك خەلزون «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان روھىي زەربە ۋە ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ خاتىرىسىنى يوقىتىش خەۋپى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن ئۆز زېمىنى ۋە مىللىي مەدەنىيىتى بىلەن بولغان رىشتىسىدىن ئايرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىدە تەربىيەلەنگەن ۋە خىتايچە سۆزلەيدىغان بولۇپ يېتىشىپ چىقىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ بىزنىڭ زىيارىتىمىز داۋامىدا قىلغان سۆزىدىمۇ خۇددى ماقالىسىدە ئەسكەرتكىنىدەك، ئەگەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇرلۇقىنى ئۇنتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلىرى مۇشۇنداق قاتتىق داۋام قىلغان تەقدىردە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە ئېغىر روھىي زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ ھالدا خاتىرىسىنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.

پاترىك خەلزون ماقالىسىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سەرخىللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ ئالاھىدە توختالغان. ئۇ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋەتكەن، لاگېرغا قامىغان كىشىلەر ئىچىدە خىتايچىنى ئىنتايىن ياخشى سۆزلەيدىغان ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى چىقىپ باقمىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى بولغاندىن تاشقىرى يەنە، تەتقىقاتچىلار، ناخشىچىلار، شائىرلار، كارخانىچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ بارلىقى، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئورتاق ئامىلنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيدىغان ياكى يازىدىغان بولۇشى ۋە ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا كۈچ چىقارغانلىقىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ ماقالىسىدە «مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى بۈگۈنكى شىنجاڭدا ‹ئىككى يۈزلۈك› ئادەم دەپ بەلگە قويۇلۇش ئۈچۈن يېتەرلىك بولۇپ قالدى. ئىلگىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ساداسى دەپ قارالغان كىشىلەر ھازىر ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە» دېگەن.

پاترىك خەلزون رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا زەربە بېرىشتىكى سەۋەب ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى بۇ كىشىلەر ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ باياناتچىلىرى، ئۇنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى سىياسىتى دەل ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش بولغانلىقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن بۇ كىشىلەرنى يوقىتىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلىدى. بۇ بىر ئالدىن پىلانلانغان سىياسەت، ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس»

پاترىك خەلزون ماقالىسىدىمۇ راھىلە داۋۇت قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇچرىغان بۇ زىيانكەشلىكنى قانداقتۇر «تەقدىر» ئەمەس ھالبۇكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى جىمىقتۇرۇشتىكى پىلانلىق ئىستراتېگىيەسى، دەپ ئەسكەرتكەن.

ئۇ مۇشۇنداق جىددىي بىر پەيتتە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە مۇشۇ جەھەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قىلىۋاتقان كىتاب نەشر قىلدۇرۇش، بالىلار ژۇرنىلى چىقىرىش، مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇش، ئۇيغۇر مۇزىكا ئانسامبىلى قۇرۇشتەك ھەرىكەتلەرنى بىرمۇ-بىر تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

ئۇ بىزگە دېگەن سۆزىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلالايدىغان ياردىمى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئەڭ مۇھىمى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى سۆزلەشتىن توختاپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئەتراپىمىزغا قارىغىنىمىزدا ھەر كۈنى بىر يېڭى مەسىلە چىقىپ، دۇنيا كۈن تەرتىپىنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. ئۆتكەندە كۈن تەرتىپىمىز كورونا ۋىرۇس بولغانىدى. ئەمدىلىكتە مانا ئۇمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتتى. ئەمما بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇنتۇلدۇرماسلىقىمىز كېرەك. داۋاملىق ئۇنى كۈن تەرتىپكە ئەكېلىش ئۈچۈن ھەممەيلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك».

پاترىك خەلزون ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، شىۋېتسىيەدىكى ئېتنوگرافىيە مۇزېيىغا ئوخشاش مۇزېيلاردا ۋە ئارخىپلاردا ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇرغۇن رەسىملىك ماتېرىياللار، گۈننار ياررىڭ قوليازمىلىرى توپلىمى قاتارلىق قوليازمىلار، ئېتنوگرافىيە توپلىمى قاتارلىقلار، شۇنداقلا يەنە ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان مىسسىئونېرلار ۋە باشقا ساياھەتچىلەر يازغان كۈندىلىك خاتىرە ۋە كىتابلار ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ھازىر ئۆز كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شىۋېتسىيە مۇزېيلىرىدا ساقلىنىپ قالغان بۇ ماتېرىياللارنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ زورايغانىكەن.

ئۇ ماقالىسىدە بۇ ئارخىپلارنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ:

«دۇنيادىكى باشقا باستۇرۇلغان ۋە مۇستەملىكە قىلىنغان كىشىلەرگە ئوخشاش، كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ خاتىرىسىنى يوقىتىش خەۋىپى بار. ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋېتسىيە ئارخىپلىرىدا ساقلىنىۋاتقان بۇ ماتېرىياللارغا ئېرىشىشىنىڭ قۇلايلىشىشى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن غايەت زور قىممەتكە ئىگە بولغان كىچىك قەدەملەرنىڭ بىرى. چۈنكى ئۇ ئۇيغۇرلارنى يىلتىزى، تارىخى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئېلىپ بارىدۇ.» دېگەن.