دولقۇن ئەيسا: «يىغىن ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىلىم تىلى ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىندى»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا يامراپ ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان پەيتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. 7 كۈن داۋاملاشقان يىغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن 20 مۇتەخەسسىس دوكلات سۇندى ۋە دوكلات ئاخىرىدا يىغىن ئەھلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. مەزكۇر يىغىندا چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئۇيغۇر تىلىدا دوكلات بەردى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تۇنجى قېتىم سىن ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىنىڭ چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر تىلىدا دوكلات بەرگەنلىكىدۇر. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاي ئانا تىلدىكى مائارىپنى چەكلەۋاتقان، ئۇيغۇر تىلىنى قالاق تىل دەپ كەمسىتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىلىم تىلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى چاقىرغانلىقىنى، بۇ يىغىن ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىلىم تىلى ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كۈندە بىر يېرىم سائەتتىن 7 كۈن داۋاملاشقان مۇھاكىمە يىغىنىدا نۇقتىلىق ھالدا خەلقئارا ۋەزىيەت، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى قاتارلىق دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بولغان تەسىرى» قاتارلىق ھەر خىل تېمىلاردا دوكلات بېرىلىپ مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى چەتئەلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلەرنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى كۈرەشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا چەتئەلدە تۇرۇپ دەۋاغا قانداق تۆھپە قوشۇش مۇھىم بىر مېتود مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، شۇڭا دەۋانى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن خەلقئارا ۋەزىيەتنى، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ياخشى بىلىش كېرەكلىكىنى، ئەنە شۇ نۇقتىدىن مەزكۇر يىغىننى چاقىرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خەلقئارا ۋەزىيەتنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا نۇقتىلىق ھالدا خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلات بەرگۈچىلەرمۇ ئۆزئارا كۆپ نەرسە ئۆگەنگەنلىكىنى، ئاڭلىغانلارنىڭمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقىنى، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا يىغىننىڭ پايدىلىق بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 15-ماي كۈنى باشلىنىپ، 21-ماي كۈنى كەچ ئاخىرلاشتى. يىغىن د ئۇ ق ۋە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى تەرىپىدىنمۇ نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. يىغىنغا تور ئارقىلىق قاتناشقان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى ئېلى قەشقەرلى ئەپەندى يىغىندىن ئۆزى بىلمەيدىغان كۆپ يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىننىڭ ئۈنۈملۈك ئۆتكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ سىن ئارقىلىق مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.