ئىلشات ھەسەن: «خىتاي لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى سىر تۇتالمىغاندەك، لاگېردا ئۆلگەنلەرنىمۇ سىر تۇتالمايدۇ»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لاگېردىكىلەرنىڭ ئۈچ يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار (7)

لاگېر قۇرۇلغان 3 يىلدىن بۇيان قانچىلىغان كىشىلەر، قاتمۇ-قات دەرۋازالار ئىچىدىكى ئەنە شۇ سۈرلۈك لاگېر بىنالىرى ئىچىدە جان ئۈزدى؟ قانچىلىغان جەسەت ئائىلە-تاۋابىئات ۋە يۇرت-جامائەتنىڭ مېھىرلىك قوللىرى بىلەن ئەمەس، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تارتىپ-سۆرەشلىرى بىلەن ئۇ دۇنياغا ئۇزىتىلدى؟ قانچىلىغان باش تاياق-توقماقتىن يېرىلدى؟ قانچىلىغان يۈرەك قېيىن-قىستاقتىن ئېزىلدى؟ ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بۇ تراگېدىيەلەر تولۇق سانى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم تىپىك مىساللىرى بىلەن دۇنياغا ئاشكارىلاندى. «لاگېردىكىلەرنىڭ 3 يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار» ناملىق چاتما پروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئاخىرقى قىسمى مانا مۇشۇ تېمىدا ھازىرلاندى.

«قۇرئان كېرىم» نىڭ تەرجىمىسى قاتارلىق كاتتا ئەمگەكلىرى، تەربىيەلىگەن ياراملىق شاگىرتلىرى، يېتىلدۈرگەن ئۈلگىلىك پەرزەنتلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە تەخت قۇرغان مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى مىش-مىش گەپلەر بىلەن جەمئىيەتكە تارقىلىپ، تەخمىنەن 6 ئايچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن دەلىللەندى. ئۈرۈمچىدىكى پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن داموللامنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى، ئۈرۈمچىدىكى غالىبىيەت ساقچىخانىسى تەرىپىدىن دەلىللەندى. ئۇنىڭ 2017 ‏-يىلىنىڭ بېشىدا لاگېرغا ئەكېتىلىپ يىل ئاخىرىدا جان ئۈزگەنلىكى مەلۇم، ئەمما ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ قايسى خىل ھالەتتە كىملەر تەرىپىدىن نەلەرگە قويۇلغانلىقى تا ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس.

ھۆكۈمەتكە قىلچە بېقىنمىغان ساپ ۋە مۇستەقىل تەبلىغلىرى، «قەشقەر چەتئەل تىل مەكتىپى» قاتارلىق ئىلمىي قۇرۇلۇشلىرى بىلەن ئۇيغۇر دىنىي مائارىپى ساھەسىدە چوڭ بىر يول ئاچقان ئابلىمىت داموللاممۇ لاگېردا جان ئۈزدى. قەشقەر نەزەرباغ ساقچىخانا خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ جىنازىسى ئەل-جامائەتكە تۇتقۇزۇلمايلا قالماستىن، بەلكى مىڭلارچە شاگىرتلىرى بىلەن ۋەتەن-مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە كېچە-كېچىلەپ سۆھبەتلەر بولغان-ئۇنىڭ قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى ئائىلە قورۇسى ئايلارچە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن نازارەت قىلىندى. ئۇنىڭ ئۈچۈن پاتىھە ئوقۇلۇشقىمۇ رۇخسەت قىلىنمىدى.

بالا ۋاقتىدىن باشلاپ ھەققانىيەتچىلىكى بىلەن دىققەت تارتقان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەزگىلدە ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا يېتەكچى بولغان قەھرىمانلاردىن بىرى ۋارىس ئابابەكرىمۇ لاگېردىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي جان ئۈزدى. مەكتەپتىن ھەيدەلگەندىمۇ، ئىشىدىن ئايرىلغاندىمۇ، قاماققا ئېلىنغاندىمۇ، ھايات پرىنسىپلىرىدىن ئايرىلمىغان ۋارىس ئابابەكرى خىتايغا قارشى مەيدانى ئېنىق، ئەمما ئۆلۈمى سىرلىق ھالەتتە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. ئۇ 2019‏-يىلىنىڭ يىل ئاخىرى ھاياتىدىن ئايرىلغاندا ئۇنىڭ يېشى ئەمدىلا 50 تىن ھالقىغان ئىدى.

ئائىلىسىدىن «15 كۈنلۈك ئۆگىنىشكە بارىدۇ» دەپ ئالداپ ئېلىپ كېتىلىپ ۋە ياكى بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ بۇلاپ ئەكېتىلىپ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي جەسىتى ياكى ئۆلۈم خەۋىرى چىققان بۇ لاگېر تۇتقۇنلىرى ئارىسىدا

ئۇلۇغ غايىلىرى بولغان ئالىم-ئۆلىمالار؛ كاتتا پىلانلىرى بولغان ئىجادكار ۋە يولباشچىلار؛ تەۋرەنمەس ئىرادىسى بولغان قەھرىمانلارلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئائىلىسىنى ھالال يول بىلەن بېقىشتىن باشقا ئوي-خىيالى بولمىغان ئاددىي، ئەل قاتارى ياشاۋاتقان كىشىلەرمۇ بار. نارەسىدە ئىككى پەرزەنتىنى كەلگۈسىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز يۈك توشۇۋاتقان شوپۇر قاھارجان قاۋۇلمۇ لاگېردا جان ئۈزدى. 1998‏-يىللىرى تۈركىيەدىكى ئانىسىنىڭ يېنىدا بىر يىلچە ياشاپ كۆرگەن قاھارجان قاۋۇل ئانىسىنىڭ توسۇشلىرىغا قارىماي تىرىكچىلىكىنى ئانا ۋەتىنىدە داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە يۇرتى ئاقسۇغا قايتقان ئىدى.

ئاشكارىلىنىشىچە، لاگېرنىڭ قىيىن-قىستاقلىرى، مېيىپلارنىمۇ ئاياپ قويمىدى. غۇلجا شەھەر خەنبىڭ يېزىسىدىكى تىجارەتچى ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجىنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرى ئۈندىدار ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغاندا، ئۇنىڭ باش قىسمىنىڭ ئېغىر زەخىملەنگەنلىكى، رەسىمدىكى كۆرۈنۈشتىن مەلۇم ئىدى. مەرھۇمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى قېرىندىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئابدۇرېشىت ھاجى پارالىچ ھالەتتە، يەنى چاقلىق ئورۇندۇقتىكى ھالەتتە لاگېرغا ئەكېتىلگەن. بۇ ئۇچۇر ئابدۇرېشىت ھاجىنىڭ بېشىنىڭ لاگېردا ئېغىر بىر زەربىدىن يېرىلغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئاشكارىلىدى.

نازۇك بەدىنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قىيىن-قىستاقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئايتۇرسۇن ئېلى قەشقەر دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرىنىڭ سوراقخانىسدا يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغاندا ئەمدىلا 33 ياش ئىدى. ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە تىل ئەۋزەللىكلىرى؛ ئاكتىپ ۋە ئوچۇق مىجەز-خاراكتېرى بىلەن خەلقئارا ساياھەت يېتەكچىلىكىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، خىزمەت ئورنى تەرىپىدىن ھەر يىلى مۇكاپاتلىنىپ كېلىۋاتقان ئايتۇرسۇن ئېلى ئائىلىسىنىڭ يالغۇز پەرزەنتى ئىدى ۋە تېخى توي قىلمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاۋۋال ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان ئۆلۈم ئۇچۇرى قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلقئارا ساياھەت شىركىتى تەرىپىدىن دەلىللەندى.

لاگېرنىڭ يېتەرسىز ۋە ناچار ئاش-تاماقلىرى، قىستا-قىستاڭ ياتاقلىرى يېشى 70-80 دىن ئاشقان كېسەلچان بوۋاي، نىمجان مومايلارنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە يېشى ئەمدىلا يىگىرمىدىن ئاشقان ۋە 30 غا بارمىغان نەۋقىران يىگىتلەرنىمۇ ئامان قويمىدى. غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئارسلان، يېڭىشەھەر پارتىيە مەكتىپىنىڭ قوغداش خادىمى ئالىمجان ئەمەت ئەنە شۇلاردىندۇر. سابىق ئىش ئورنىدىكى خادىملارنىڭ بايانلىرىدىن ئالىمجاننىڭ ئىلگىرى بىر قېتىم ئىشارەت نامىزى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن «دىنىي ئەسەبىيلىك» گۇمانى بىلەن تۇتۇلغانلىقى مەلۇم. ئەمما ئايالى تەرىپىدىن «تىك-توك» قا چىقىرىلغان توي خاتىرە سۈرەتلىرىدىن لېبىرال بىر ھايات شەكلىدە ياشاپ كەلگەنلىكى ئېنىق بولغان ئارسلاننىڭ قانداق بىر سەۋەب بىلەن تۇتۇلغانلىقى ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ لاگېر ئىچىدە قانداق بىر جازا ياكى قازا بىلەن ئۆلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

يېقىنقى 3 يىل ئىچىدىكى ئىزچىل ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قاراقاشتىن ئائىلە ئايالى بانۇخان، ئاتۇشتىن تىجارەتچى ۋەلى مەمەت ۋە ياقۇپ روزى، ئۈرۈمچىدىن دوللارچى شاھىيمەردان، تۇرپان توقسۇندىن غالىپجان، غۇلجادىن «مېلودىيە» ئاشخانىسىنىڭ ساھىبى ھىلاھىدىن، قەشقەردىن يۇنۇس قارى، غۇلجا باياندايدىن ئابدۇغاپپار ئابدۇجاپپار، قەشقەر يېڭىشەھەردىن ئىدرىس قۇددۇس ۋە ھېزىم قۇدۇس قاتارلىق لاگېردا ھاياتىدىن ئايرىلغان 50 كە يېقىن كىشىنىڭ كىملىكلىرى ئايدىڭلاشتى.

خىتاينىڭ لاگېر ئۇچۇرلىرىنى سىرتقا ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدىكى تەھدىتلىك ھۆججەتلىرى، ئاشكارىلاپ قويغانلارنى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلاش ۋە تۈرمىلەرگە تاشلاشتەك ئېغىر جازالىرى كۇچادىكى بىر لاگېردا

150 چە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدەك چوڭ بىر پاجىئەنى يوشۇرۇپ قالالمىدى.

بۇ پەقەت كۇچادىكى بىر لاگېردا بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار. ئېنىقلاشلىرىمىزدىن ئۇيغۇر رايونىدا ھەر بىر ناھىيە-شەھەردە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاز دېگەندىمۇ 5 تىن لاگېر بارلىقى ۋە ئۇيغۇر رايونى بويىچە 500 چە لاگېر بارلىقى مەلۇم بولغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» سۈپىتىدە سىر تۇتۇشقا پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ باققان بولسىمۇ، ئاخىرى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە ئۇنى «كەسپىي تەربىيە مەكتەپلىرى» دەپ پەردازلىغان ئىدى. بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلغان كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ نۆۋەتتە لاگېردا ئۆلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى ۋە سەۋەبلىرىنى چوڭ بىر بىر دۆلەت مەخپىيەتلىكى سۈپىتىدە سىر تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاينىڭ لاگېرلارنى تەسىس قىلىشىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئەمەس، بەلكى ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ سىرىنىڭمۇ ھامىنى پاش بولىدىغانلىقى ۋە ھېساب بېرىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.