جىم ماكگوۋېرىن: «مەن ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر بىلەن بىر سەپتىمەن»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

15-ماي كۈنى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھەپتىلىكى» تېمىسىدا تور يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. بۇ يىغىن ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى توردا ئۇچراشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ستۇدېنتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى تونۇشنى ئاشۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ئىكەن.

بۇ تور يىغىنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت قىلىش سىياسىتى، مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 14-ماي كۈنى ماقۇللىغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى-2020» قاتارلىق تېمىلار بويىچە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.

مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكانىڭ دىنىي ئىشلار ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئېچىلىش سۆزى سۆزلەپ، مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇملارغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ بۇ يىغىننى ئورۇنلاشتۇرغان ياشلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلار يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. نۆۋەتتە بۇ رايون پۈتۈنلەي ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇلدى. كىشىلەرنىڭ ھەر قانداق ھەرىكىتى كۆزىتىلىدۇ. بۇ رايوندىكى يەرلىك مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى دىنىي ئېتىقادنى، مەكتەپلەرنى، ھەتتا مازارلىقلارنىمۇ ۋەيران قىلىۋاتىدۇ.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى كونترول قىلىش، بولۇپمۇ دىنىي ھاياتىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىش ئارقىلىق رايوندا خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق رايوندىكى كونتروللۇقنى ئاسانلاشتۇرماقچى. بۇ پۈتۈنلەي خاتا.»

مەزكۇر يىغىنغا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن جېيمىس مىلۋارد، دەررىن بايلېر، رايىن سام قاتارلىقلارمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بەردى.

بۇ تور يىغىنىنى ئورۇنلاشتۇرغان جەيكوب، فىنىكە ۋە ئېرىن ئوپپېلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىنغا يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتتىن جەمئىي 300 دىن ئارتۇق كىشى تىزىملاتقان. ھەربىر تېمىدىكى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلار ھەققىدە ناھايىتى كۆپ سوئاللار چۈشكەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلار كۈنسېرى كۆپەيمەكتە ئىكەن.

مەزكۇر يىغىننى ئورۇنلاشتۇرغان «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن توپلانغان ئوقۇغۇچىلار» گۇرۇپپىسى ئۆزىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىنسان قېلىپىدىن چىقتى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر قانچە يىلدا بۇ ئەھۋال ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى،» دەپ يازغان.

سام بروۋنبەك يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ‹دىنى ئەركىنلىككە تەھدىت سېلىۋاتقان ئاساسلىق دۆلەتلەر تىزىملىكى› گە كىرگۈزدۇق. يېقىندا دىنىي ئەركىنلىككە دائىر يەنە بىر دوكلاتىمىز ئېلان قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى يورۇتۇشقا تىرىشىمىز.»

يىغىندا خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا قوللانغان تاكتىكىلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سىياسەتتىكى چوڭ ئۆزگىرىشتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش ئارقىلىق ئويناۋاتقان رولى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر بولۇپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ خۇلاسە قىسمىغا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىم مەكگوۋېرىنمۇ قاتناشتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق ئەمەلىي ھەرىكەت قىلغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، تۈنۈگۈن، يەنى 14-ماي ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى› نى ماقۇللىدى. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا پرېزىدېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىمىز. ئىككىنچىدىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ‹ماگنېتىسكىي قانۇنى› ئارقىلىق چېن چۈەنگو قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سالغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا چاقىردۇق. ئۈچىنچىدىن، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغان مەھسۇلاتلارنى كىرگۈزۈشنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. تۆتىنچىدىن، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ‹يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك› نى چەكلەش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى سۇندۇق. كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئىنسانىيەتكە قىلىنغان جىنايەتتۇر. ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ قانۇن بولۇپ تەستىقلىنىشى ئۆتۈشى ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىمىز.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن خىتاينىڭ رېجىمى ئاستىدا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ھاياتىنى ئەركىن ياشىيالمايۋاتقان، تىلىنى ئەركىن سۆزلىيەلمەيۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن بىر سەپتىمەن.»