يەھۇدىيلانىڭ ۋەدىسى: «بىز كۆرگەن كۈن باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلگەندە قاراپ تۇرمايمىز»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى رېنې كاسسىن يەھۇدىي كومىتېتى «بىرلىك ئىپتارى» نامىدا لوندوندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىرلىشىپ، توردا نەق مەيدان ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

رېنې كاسسىن كومىتېتىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدە بەرگەن ئۇقتۇرۇشىدا: «4-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىپتار پائالىيېتىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئۈمىد بېرىش ئۈچۈندۇر،» دەپ يېزىلغان.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىس دولقۇن ئەيسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى رەھىمە مەھمۇت ۋە گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، 70 دىن ئارتۇق كىشى توردىكى نەق مەيدانغا قاتناشقان.

رەھىمە مەھمۇت يەھۇدىي جامائىتىنىڭ ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «يەھۇدىيلارنىڭ بىر ۋەدىسى بار ئىكەن، ئۇ بولسىمۇ ‹بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن كۈن باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلگەندە قاراپ تۇرمايمىز› دەيدىغان.»

بۇ ئىپتار پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان رېنې كاسسىن يەھۇدىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مىيا خىگروس خانىم بۇ قېتىملىق ئىپتار ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم بىر ئىش قېلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن كۈن باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلگەندە قاراپ تۇرساق بولمايدۇ.»

ۋېستمىنىستېر سىناگوگنىڭ رەببى ئەنگلىيەدىكى چوڭ بۈركۈت جەمئىيىتىدىكى ئەڭ ياش مەكتەپ مۇدىرى بەنجى سىتەنلى ھەتتا بىر كۈن ئىسلام قائىدىسى بويىچە روزا تۇتقان ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ فېيسبۇك بېتىدە مۇنداق يازغان: «لىيا ماڭا قەھۋە دەملەپ كەپتۇ، لېكىن مەن ئىچمەسلىكىم كېرەك. چۈنكى مەن بۈگۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە روزا تۇتتۇم. ئۇيغۇر رايونىدا ھازىر ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلىرى ئۆزىنىڭ ئېتنىك كىملىكى تۈپەيلىدىن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىراسلىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. رامازان جەريانىدا ۋە بۇندىن بۇرۇنمۇ ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر مەلۇماتلار بار. كورونا ۋىرۇسى مەزگىلىدە خەۋپ تېخىمۇ چوڭ. شۇڭلاشقا بىز بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشىمىز كېرەك.»

بۇ قېتىمقى ئىپتار پائالىيىتى ئۇيغۇر ئىمامنىڭ دۇئاسى بىلەن باشلانغان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، رەھىمە مەھمۇت خانىم ۋە باشقا ئۈچ ئۇيغۇر ئايال ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ھادىسىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلاتقان.

بۇ پائالىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى قانداق خانىۋەيران قىلغانلىقىغا شاھىتلىق بەرگەن دىلناز كېرىم بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتىنى مۇنداق بايان قىلدى: «يەھۇدىيلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان بۇ ئىپتار پائالىيىتى ماڭا بەك تەسىر قىلدى. يەھۇدىيلارغا مۇسۇلمانلار باشقىچە قارايدۇ، مېنىڭچە، يەھۇدىيلارنىڭ بىزنى قوللىشى دىن بىلەن ئالاقىسى يوق، ئىنسانلىق ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ.»

مىيا خىگروس خانىم بۇنداق پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ پىلانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئوخشىمىغان گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشىمىز. ئاياللارغا ئايرىم ئۇسۇل بىلەن خىتاب قىلىمىز. سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى ئايرىم توپلىدۇق. تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەرنى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ۋاقتىدا دىققىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا تارتىشقا چاقىرىمىز. مەسىلەن، ئولىمپىك يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئاخبارات ئورۇنلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش كېرەك. باشقا جەمئىيەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرلار باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «يەھۇدىي جامائىتىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە تاراتقۇ ساھەسىدىكى تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك. كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ دەردىگە چۈشكەندە يەھۇدىيلارنىڭ بىز ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشى داۋايىمىزنىڭ خەلقئارا كۈنتەرتىپتە تۇرۇشىدا مۇھىم ئەھمىيىتى بار.»

مىيا خىگروس خانىم ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى ئىپتار ئارقىلىق ھېس قىلغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇ ئۈچ خانىمنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۆزۈمنى بەك تەلەيلىك ھېس قىلدىم. ئاشۇ زۇلۇمدا بىر قىز بولۇش، ئانا بولۇش، ئايال بولۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. مەن توغرا ئىش قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدىم.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازنى يەتكۈزۈشنى داۋام قىلىمىز. بىز كىچىك بىر جامائەت بولساقمۇ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تېخىمۇ كۆپ يەھۇدىي جامائىتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز.»

رېنې كاسسىن يەھۇدىيلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبىسى ۋە قىممەت قارىشىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خەير-ساخاۋەت ئورگىنى ئىكەن.