جېف ئېدېن بىلەن سۆھبەت: «يىپەك يولىدىكى جەڭگىۋار ئەۋلىيالار» (2)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مارىلاند شتاتىدىكى سانت مەررىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېف ئېدېن بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى ئەسىرى بولغان «يىپەك يولىدىكى جەڭگىۋار ئەۋلىيالار» نى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدىكى شانلىق سەھىپىلىرىدىن قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك پادىشاھلىرىنىڭ بىرى بولغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ھەققىدە بولدى.

جېف ئېدىننىڭ پىكرىچە، ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كىرگۈچى پادىشاھ بولغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئۆز نۆۋىتىدە ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ ئەۋلىيالىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسىرلەر مابەينىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ پائالىيەتلىرىدە تەدرىجىي ھالدا سۇفىزىم تەرىقىتى باش كۆتۈرگەن ھەمدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا يېتەكچى ئورۇندىكى مەنىۋى ئىدىيەلەردىن بولۇپ قالغان. بىز ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1990-يىللىرى بۇنىڭدىن مىڭ يىل ئىلگىرى ئۆتكەن بىر ئىسلام ئەۋلىياسىنىڭ تەرجىمالىنى «ئەكسىيەتچىل توپىلاڭغا ئىدىيەۋىي مەنبە بولغان» دەپ تەنقىدلىشى ھەمدە 2000-يىللاردا قەشقەر، خوتەن ئەتراپلىرىدا سۇفىيلارنىڭ ھەلەقە سېلىپ ھۆكمەت ئوقۇشتەك كوللېكتىپ پائالىيەتلىرىگە يول قويۇشىدەك غەيرىيلىك توغرىسىدا سۆزلەشتۇق. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا سۇفىزىمنىڭ تەدرىجىي ھالدا يەر شارى مىقياسىدىكى «جىھاد» چۈشەنچىلىرى بىلەن باغلىنىپ قېلىشى توغرىسىدا بەزىلەرنىڭ «سۇفىزىم سىياسىي ۋە زورلۇق كۈچ شەكىللىرىنى ئىنكار قىلىدۇ» دېگەن قاراشنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى توغرىسىدا سۆز بولغاندا ئۇ بۇنىڭدا تولىمۇ قىزىقارلىق بولغان بەزى ھادىسىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«دۇنياۋى جامائەتچىلىكنىڭ نەزىرىدە سۇفىزىم تىنچلىقنى ئىستەيدىغان، ئىچكى دۇنيانى تەكىتلەيدىغان، شۇنداقلا ئىسلامىي نۇقتىدىن ئالغاندا شەخسلەرنىڭ بىۋاسىتە تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئىلاھىي قۇدرەتكە ئۇلىشىدىغان، شۇ ئارقىلىق شەخسنىڭ تاكامۇللۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان تەپەككۇر شەكلىدۇر. شۇ سەۋەبتىن سۇفىزىم ھېچقانداق سىياسىيۋىلىك بىلەن باغلانمايدۇ. سۇفىزىمنىڭ مۇشۇ خىل تۈپكى ئىدىيىسى سۇفىزىمنىڭ تارىخىدىكى بارلىق بۈيۈك ئەللامىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە، جۈملىدىن جالالىدىن رۇمى، جامىي، خوجا ھافىز شىرازىي، ئەلىشىر ناۋائىي، يۇنۇس ئەمرە قاتارلىق ياۋرو-ئاسىيا سۇفىزىم ئەدىبلىرىنىڭ يازمىلىرىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. ھالبۇكى، تارىخىي نۇقتىدىن ئالغاندا سۇفىزىمنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بار. بۇ ئالاھىدىلىك سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ھەققىدىكى تەسۋىرلەردە بەكمۇ روشەن ئەكس ئېتىدۇ. يەنى ئۇنىڭدا سۇفىزىم بىلەن سىياسىي رەھبەرلىك ۋە سىياسىي قۇدرەت مەسىلىسى بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن. بۈيۈك موغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىمپېراتورى بابۇر ۋە ئاقساق تۆمۈر نامى بىلەن مەشھۇر بولغان تىمۇرىيلار ئىمپېراتورى ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئۆز ئالدىغا سۇفىيلاردىن تۇتقان پىرلىرى بولغان. ئۇلار كۆپلىگەن ئىشلاردا مۇشۇ پىرلارنىڭ يول كۆرسىتىشىگە تايانغان. ئەمما شەرقىي تۈركىستان تارىخىغا قارايدىغان بولساق سۇفىيلىقتىكى ئەۋلىيالارنىڭ پادىشاھلىق قىلغىنى، پادىشاھلارنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە سۇفىي بولغىنىدەك بىر قىزىقارلىق ھادىسىنى بايقايمىز.

بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا شەرقىي تۈركىستاندا تارىخىي جەھەتتىن سۇفىزىم بىلەن سىياسىي ھاكىمىيەت بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىپ كەتكەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىر سۇفىزىم بىر تۈرلۈك سىياسىي تۈسكە ئىگە بولغان ئىسلامىي ھادىسە بولۇپ قالغان.»

ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا سۇفىزىم بىلەن باغلىنىشلىق كۆپلىگەن تارىخىي ھادىسىلەر ئۆتكەن بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرى ئافاقىيە مەزھىبىنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى خوجا ھىدايىتۇللا (ئافاق خوجا) ھېسابلىنىدۇ. تارىخىي مەنبەلەردە ئېيتىلىشىچە، ئافاق خوجا ئانا تەرەپتىن سۇلتان ساتۇق بۇغراخانغا چېتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قۇمۇل شەھىرىنى ماكان تۇتقان بوۋىسى سەيىد جېلىل كاشغەرى ئۆزىنى «سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ 13-ئەۋلادى» دەپ قارايدۇ. بىز ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىجابىيلىق ۋە سەلبىيلىكنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە قارىلىۋاتقان بۇ ئىككى شەخسنى تارىخىي جەھەتتىن سېلىشتۇرۇش مۇمكىنلىكى توغرىسىدا سورىغىنىمىزدا جېف ئېدېن بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«بۇ بەكمۇ ياخشى سېلىشتۇرۇش. مېنىڭچە، ئافاق خوجا بۇ خىل سېلىشتۇرۇشتىن كۆپ خۇرسەن بولىدۇ. چۈنكى ئۇ سۇلتان ساتۇق بۇغراخاندىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن نەسەبنامىنىڭ ئۆز ۋۇجۇدى ئارقىلىق كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈلۈشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغان. شۇنىڭدەك ساتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ شۆھرىتىگە ئۆزىنىڭ بىر يوللار بىلەن باغلىنىشى ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. مەسىلەن، ئافاق خوجا ئۆز سەلتەنەتىنى قەشقەردىن يەركەنگىچە بولغان دائىرىدە تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئوغلىنى يەركەن تەختىگە ئولتۇرغۇزغان. شۇ ۋاقىتتا ئافاق خوجا نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىپ، ساتۇق بۇغراخان مازىرىنى يېڭىلاپ چىققان. ئافاق خوجا ئۆلگەندىن كېيىن بولسا ساتۇق بۇغراخاننىڭ مازىرى شەكىل جەھەتتە ئافاق خوجا مازىرىغا تەقلىد قىلىنغان ھالدا يەنە بىر قېتىم يېڭىلانغان. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئافاق خوجا سەلتەنەتىنىڭ شان-شۆھرىتى ساتۇق بۇغراخان پادىشاھلىق قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام سۇلالىسىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى نامايىش قىلماقچى بولغان. تارىخىي ھۆججەتلەر نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئافاق خوجا تېخى يېقىنقى زاماندىكى شەخس بولغانلىقتىن بۇنىڭدىن مىڭ يىل ئىلگىرى ياشىغان ساتۇق بۇغراخانغا قارىغاندا كىشىلەرگە بەكرەك تونۇش ھېسابلىنىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىسلام دىنى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بارلىق ھادىسىلەر ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى «سىياسىي» ۋەزىيەت ئۈچۈن پايدىلىق ياكى زىيانلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئۆتمۈشىنى بىلىشىگە زور توسقۇنلۇق پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارالماقتا ئىكەن. دەرۋەقە، غەرب دۇنياسىدا بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىشلەر داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتورلۇق ئوقۇشى داۋامىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ئۆگەنگەن جېف ئېدېنگە ئوخشاش كۆپلىگەن ياش ئالىملار بۇ ساھەدە ھېلىھەم ئۆز تىرىشچانلىقىنى سەرپ قىلماقتا ئىكەن.