«خىتاي تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇردى»

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى

خىتايدا ئون يىل ئىچىدە 7000 كىشى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. ئەمما خىتاي تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى ئۆز ئىچىدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇۋالغان.

دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىدە مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ياسىغان 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 10-يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان بىر مەزگىلدە 11-سېنتەبىر ۋەقەسىگە ئائىت تالاش-تارتىشتىكى مەسىلىلەر، جاۋابلانمىغان سوئاللار قايتىدىن كۈن تەرتىپتىكى يېرىنى ئېلىپ، بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەر قايتىدىن ئۇلغىيىشقا باشلىدى. بۈگۈن ئامېرىكىدىكى بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر ستاتىستىكا دوكلاتى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا بۇ تارىخى ئون يىل ئىچىدە زادى قانچىلىك كىشىنىڭ تېررور بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقى، تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ بەزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن سۇيىىستېمال قىلىنىشىغا ئوخشاش ۋەقەلەر ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دولقۇنى قوزغالدى. بۇنىڭ بىلەن ھەتتا بەزى دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قانۇنلىرىنى ماقۇللاپ، ئۇنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن جەمئىي 120 مىڭغا يېقىن كىشى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 35 مىڭ كىشىنىڭ جىنايىتى رەسمىي بېكىتىلىپ، جازاغا مەھكۇم قىلىنغان. ئەمما، بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ 35 مىڭ كىشىنىڭ بەزىلىرى مېھمانخانا ۋە ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەلىرىگە ئوخشاش چوڭ پارتلىتىش ۋەقەلىرىنى ئېلىپ بارغان كىشىلەر بولسا، بەزىلىرى پەقەتلا سىياسىي كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار ياكى نامايىش قىلغۇچىلاردۇر. يەنى كۆرۈلگىنىدەك، تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش بەزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئۆز ئىچىدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىدىغان ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ دۇنيا نوپۇسىنىڭ 70 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان 66 دۆلەت ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ستاتىستىكا نەتىجىسىدىن قارىغاندا، دۇنيا مىقياسىدا جەمئىي 35 مىڭ 117 كىشى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ رەسمىي قولغا ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشقا باشلامچىلىق قىلىۋاتقان ئامېرىكىدا 2 يېرىم مىڭدىن ئوشۇق كىشى تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن. ئەمما خىتايدا بولسا بۇ رەقەم نەچچە ھەسسە يۈكسەك بولۇپ، خىتايدا بۇ ئون يىل ئىچىدە 7 مىڭ كىشى «ئۈچ خىل كۈچلەر» يەنى تېررورچى، بۆلگۈنچى ۋە دىنىي رادىكال دەپ ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. دوكلاتتا، خىتايدىكى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىومىزغا بەرگەن باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۆزلىرىدىن ھەممە جەھەتتىن پەرقلىق بولغان بىر مىللەتنى باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ئون يىل مابەينىدە قولغا ئېلىنغان، ھۆكۈم قىلىنغان ياكى يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، دۇنيا بويىچە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ دېلوسىنىڭ خاراكتېرىدىن ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ تېررورغا بەرگەن تەبىرىنىڭمۇ ئوخشىمايدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭدىكى تىپىك مىساللارنىڭ بىرى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:
-خىتاي «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش» تىن ئىبارەت مۈجمەل بىر ئۇقۇمنى تېررورلۇقنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايدۇ. خىتايدا بۇ جىنايەت ئاستىدا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسى شەرقىي تۈركىستان دەپ تونۇلىدىغان رايوندا ياشايدىغان ۋە ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردۇر. بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى، ئۇيغۇر تور بەت ساھىبى دىلشات پەرھات تور بەت زىيارەت قىلغۇچىلارنى سىياسىي مەزمۇندىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تور بېتىگە نامايىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش چاپلانغان. گەرچە پەرھات ئەتىسى ئۇقتۇرۇشنى ئۆچۈرۈپ، بەلگىلەنگەن تۈزۈم بويىچە بۇنى ساقچى ئورگانلىرىغا خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئۇ بەرىبىر يەنىلا قولغا ئېلىنىپ، 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى دوكلاتىدا دىلشات پەرھاتنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئاكىسى دىلمۇرات پەرھاتنىڭ سۆزىگە يەر بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار تىنچلىق يولى بىلەن ئېلىپ بارغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەتنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خەلقئارا جامائەتنى بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا ۋە خىتايغا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىمنى ئازايتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

دوكلاتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مەسئۇل ئالاھىدە خادىمى مارتېن شېننىڭ سۆزىگە يەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتنىڭ تېررورنى يوقىتىش بىلەن بىرلىكتە، نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سەۋەب بولغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئەمدى تېررورغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە كىشىلىك ھوقۇققا ۋە تېررورنى يوقىتىشقا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/terorluqqa-qarshi-09062011165539.html/story_main?encoding=latin