كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 17 ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى سورىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى

شتابى نىيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يېقىندا ئارقىمۇ-ئارقىدىن مالايشىيا، تايلاند ۋە پاكىستان قاتارلىق مەملىكەتلەردىن خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىڭەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشقا مەجبۇرلىماسلىققا دەۋەت قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىر نەپەر ۋەكىلى سۆزىدە «خىتاي چوقۇم پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى لازىم> دەپ كۆرسەتكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئىشلىرى خادىمى خىتاينىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىشىغا رۇخسەت قىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

يېقىنقى ۋاقىت ئىچىدە مالايشىيا ھۆكۈمىتى شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ 11 نەپىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ھەمدە باشقا بەش نەپىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى. مالايشىيانىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارالىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولۇپ، مالايشىيا داىرىلىرى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بىلەن ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشقان ئىدى.

پاكىستان بولسا، يېقىندا بەش نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، پاكىستان ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتقان مەملىكەتتۇر.
چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرى كرىستوفېر سمىت بىلەن شېرود بروۋىن مالايشىيا قاتارلىق ئەللەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەنقىد قىلغان شۇنىڭدەك يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مالايشىيا قايتۇرۇپ بەرگەن 11 ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qisqa_xewerler/kishilik-hoquq-09042011173843.html/story_main?encoding=latin