ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە غايىب بولغان ئەخمەتجان تالىپنى خىتاينىڭ تەلەپ قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2007‏-يىلدىن بېرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە ياشاپ، خىزمەت ۋە قوشۇمچە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان كورلىلىق ئۇيغۇرلاردىن ئەخمەتجان تالىپ 2018‏-يىلى 2‏-ئايدا 11‏-كۈنى دۇبەيدە تۇتقۇن قىلىنىدۇ. دۇبەيدىكى بىر ساقچىخانىغا رەسمىيەت بېجىرگىلى بارغاندا تۇتقۇن قىلىنغان ئەخمەتجان تالىپ شۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەينى چاغدا 2‏-پەرزەنتىگە ھامىلىدار بولۇپ، تۇغۇت باسقۇچىدا تۇرغان ئايالى بىلەن ئۇنىڭ 5 ياشلىق ئوغلى ساقچىخانىغا بېرىپ، ئەخمەتجان بىلەن 2‏-ئاينىڭ 15‏-كۈنى بىر قېتىم كۆرۈشىدۇ. لېكىن بۇ، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق كۆرۈشۈشى بولۇپ قالىدۇ.

بىز ئۆتكەن قېتىملىق ئەخمەتجان تالىپنىڭ ھازىر ئىككى پەرزەنتى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئايالى ئاماننىسا ئابدۇللانى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەخمەتجان تالىپنىڭ قانداق تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلىقى ھەققىدە سۆزلەشكەن ئىدۇق. بۈگۈن، مەزكۇر سۆھبەتنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر. ئاماننىسا ئابدۇللا بىلەن بولغان بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز ئەخمەتجان تالىپنىڭ ئەبۇ زەبىدىكى بىر تۈرمىگە يۆتكىلىش ئەھۋالى بىلەن باشلاندى.

ئاماننىسا: «يولدىشىڭ بۇ يەردە يوق ئەبۇ-زەبىدە، دەپ شۇنداق دېدى. ئۇ قانداقسىگە ئەبۇ-زەبىدە بولىدۇ، دەپ سورىسام، سەن ئايالىكەنسەن، سېنىڭ تېلېفون نومۇرۇڭنى، دەپ بەردى. كۆرۈشمەكچى بولساڭ دۈشەنبە كۈنى كۆرۈشسەڭ بولىدۇ، دېدى. بېشىمغا بىر چېلەك سۇ قۇيغاندەك بولۇپ كەتتى. ئەخمەتجاننى ئەبۇ زەبىگە ئەكېتىپتۇ، قاچان ئەكەتكەنلىكىنى بىلمىدىم، بولمىسا مېنى يەكشەنبە كۈنى كەل، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن يەنە كۈچۈمنى يىغىپ باردىم، ھېلىقى ساقچىخانىغا، سەن يەكشەنبە كەل، دېگەن، پاسپورتنى ئېلىۋالغانىدى. مۇشۇنداقمۇ زۇلۇم بولامدۇ؟، دېسەم، بىلمەيمىز. ، ئەبۇ زەبى باشقۇرىدۇ، شۇلار ئېلىپ كەتتى، دېدى. مەن قانداق ئەكىتىدۇ؟، باشلىقىڭلار بىلەن كۆرۈشىمەن، دېسەم، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمەيدىكەنسەن، ئىشخانىسىدا يوق ئىكەن، دەپ كىرگىلى قويمىدى.»

ئاماننىسا ئابدۇللا يولدىشىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، دۇبەيدىكى يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان. سوت مەھكىمىسى ئاماننىسانىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىپ، دۇبەي ساقچى دائىرىلىرىگە ئەخمەتجان تالىپنى قويۇپ بېرىشنى بۇيرۇغان بولسىمۇ، لېكىن ساقچى تەرەپ سوتنىڭ قارارىغا ئەمەل قىلمىغان. سوتنىڭ قارارىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەخمەتجاننى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، لېكىن خىتاي تەرەپنىڭ سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇنىڭدا دائىر دەلىل بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكى، شۇڭا ئۇنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىز 25‏-فېۋرال كۈنى ئىنتېرپولنىڭ، يەنى خەلقئارا ساقچىنىڭ دۇبەيدىكى ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئەخمەتجاننىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈردۇق. لېكىن، ئىنتېرپولنىڭ نۆۋەتچى خادىمى سۇئاللارىمىزنى جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىز بۇ دېلونى خىتايغا ياكى ئىنتېرپولنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسى ۋە ياكى فىرانسىيەدىكى باش شتابىغا تېلېفون قىلىپ سورىشىمىز كېرەك ئىكەن.

ئاماننىسا ئابدۇللانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2018‏-يىلى 2‏-ئاينىڭ 28 ‏-كۈنى ئەخمەتجاننى ئەبۇ زەبىدىكى تۈرمىگە ئىزدەپ بارغان. لېكىن ئۇ بۇ جايدا يوق بولۇپ چىققان. ئۇ، ئەخمەتجان شۇ يىلى 2-ئاينىڭ 11‏-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان دۇبەيدىكى ساقچىغا قايتا كېلىپ ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتۈرگەن. بۇ ئورۇندىكى ساقچىلار ئەخمەتجان تالىپنىڭ خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاماننىسا: «دۈشەنبە كۈنىگىچە ساقلىدىم. دۈشەنبە كۈنى كۆرۈشتۈرىدىغان كۈن ئىدى. شۇنداق تەستە ئۆتكۈزۈپ كۈنلەرنى. دۈشەنبە كۈنى بارسام ئۇنداق ئادەم يوق ئىكەن، دەيدۇ. ھەيران بولۇپ يەنە بىرسىدىن سورىدىم. سورىسام، ئۇمۇ يوق ئىكەن، دېدى. نەگە ئەكېتىپتۇ؟، نەدە ئىكەن دېسەم، ئۇقمايمىز، دەيدۇ. شۇنداق تەستە ئۆتكۈزدۈم، شۇ پېتى يوقاپ كەتتى. سوتچىنىڭ قېشىغا يەنە باردىم. مۇشۇنداق يوقىتىۋەتتى، دېسەم. بىزمۇ ئارىلىشالمايمىز ئىنتېرپولنىڭ ئىشلىرىغا دېدى. ئاندىن، مۇشۇنداق يوقىتىۋەتتىڭلار مېنىڭ ئېرىمنى، دەپ دۇبەيدىكى ساقچىخانىغا باردىم. بارسام، تۇرۇپ تۇر بىز ساڭا تېلېفون ئۇرۇپ سوراپ بېرەيلى، دېدى ۋە سېنىڭ يولدىشىڭنى يەكشەنبە كۈنى كەچتە يولغا سېلىۋېتىپتۇ، دەپ جاۋاب بەردى».

نۆۋەتتە ئەخمەتجاننىڭ كورلىدىكى قايسى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس. بىز كورلىدىكى يەرلىك دائىرىلەرگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى. ئەخمەتجان تالىپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن بىردىن-بىر ئۇيغۇر ئەمەس. ئۇنىڭ ئەخمەتجان تالىپتىن باشقا ئۇيغۇرلارنىمۇ تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى مەلۇم.