گېرمانىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنىڭ قوبۇل بولۇش نىسبىتى 96 پىرسەنتكە يەتكەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

گېرمانىيەدە نەشىر قىلىدىغان «دۇنيا گېزىتى» ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق مەسىلىسىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

16-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «دۇنيا گېزىتى» گېرمانىيە فېدېرال جۇمھۇرىيىتىنىڭ «كۆچمەنلەر ۋە سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئىدارىسى» نى زىيارەت قىلىپ، 2019-يىلىدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خىتايلارنىڭ پاناھلىق تىلەش مەسىلىسىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلغان.

«گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ 16-فەۋرال «دۇنيا گېزىتى» دىن نەقىل ئېلىپ ئىشلىگەن «گېرمانىيەدە پاناھلىق تىلىگەن جۇڭگولۇقلارنىڭ سانى ئۆتكەن يىلى بىر ھەسسە ئاشتى» ناملىق  خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 2018-يىلى گېرمانىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاي پۇخرالىقىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خىتايلارنىڭ ئومۇمى سانى 447 كىشى ئىكەن. 2019- يىلى بىر ھەسسە كۆپىيىپ، 962 كىشىگە ئۆرلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 193 كىشىگە يەتكەن. 2018-يىلى گېرمانىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاران 68 كىشى بولغان.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، گېرمانىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتايلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل بولۇش نىسبىتىدا زور پەرقلەر مەۋجۇت ئىكەن. گېرمانىيە فېدېرال جۇمھۇرىيىتىنىڭ «كۆچمەنلەر ۋە سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئىدارىسى» تەمىنلىگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق تەلىپىنىڭ قوبۇل بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، 96 پىرسەنتكە يەتكەن. تىبەتلەرنىڭ پاناھلىق تەلىپىنىڭ قوبۇل بولۇش نىسبىتى 75 پىرسەنت، خىتايلارنىڭ قوبۇل بولۇش نىسبىتى ئاران 15 پىرسەنت بولغان.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل بولۇش نىسبىتىنىڭ بۇنداق يۇقىرى بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ بىر ھۆججىتىدە تىلغا ئېلىن´غىنىدەك «گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنى قوللىمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئىستىقبالىنىڭ كۆرۈنەرلىك يامانلىشىۋاتقانلىقى بىلگەنلىكى ئۈچۈن» ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش مەركىزى» گە سولىۋېلىنىپ ئېغىر ئازاپ ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە مەلۇملۇق بىر ھادىسە بولغان.

بىرقانچە يىل ئىلگىرى گېرمانىيە ساقچى دائىرىلىرى ئادىلجان ئىسىملىك ميۇنخېندا ياشايدىغان بىر ئۇيغۇرنى خاتا ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە ساقچى ساھەسىنى ئېغىر بېسىم ئاستىدا قويغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى گېرمانىيەدىكى ساقچى ئورگانلىرىغا «كۆچمەنلەر ۋە سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئىدارىسى» غا ھەمدە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئورگانلارغا دەرھال ھۆججەت چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى كەسكىن ئىپادە قىلغان. بۇمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىشىغا تۈرتكە بولغان بىر ئامىلغا ئايلانغان.

گېرمانىيەدىكى سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەتلىرىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قىلىپ كېلىۋاتقان د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا نۆۋەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلەپلىرى قوبۇل بولىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە ئۆز كەچمىشلىرىنى لايىقىدا بايان قىلالماي تەلەپلىرى رەت قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇلارنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

«گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ 16-فەۋرال ئېلان قىلغان «گېرمانىيەدە پاناھلىق تىلىگەن جۇڭگولۇقلارنىڭ سانى ئۆتكەن يىلى بىر ھەسسە ئاشتى» ناملىق مەزكۇر خەۋىرىنىڭ ئاستىغا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىدىكى قايتا تەربىيىلەش مەركىزى» ۋە «بىز چوشقا گۆشى يېيىشكە، قىزىل ناخشا ئېيتىشقا مەجبۇرلاندۇق» ناملىق ئىككى سىن فىلىمى قوشۇپ بېرىلگەن. بۇ ئىككى فىلىمنىڭ بىرىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىن چىققان گۈلباھار جېلىلوۋا ھەمدە تۈركىيەدىكى بىر قانچە ئۇيغۇر، يەنە بىرىدە لاگېردا 8 ئاي يېتىپ چىققان ئۆمەر بېكئالى زىيارەت قىلىنغان.

مەزكۇر سىن فېلىملىرىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى تەن جازاسى، ئېغىر ھاقارەتلەر، خورلۇقلار ۋە ھەر تۈرلۈك زۇلۇملار بايان قىلىنغان. گۈلباھار جېلىلوۋا ۋە ئۆمەر بېكئالى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قاباھەتلىك ھاياتنى بۇ فىلىملاردا ئەتراپلىق بايان قىلىپ بەرگەن.

«بىز چوشقا گۆشى يېيىشكە، قىزىل ناخشا ئېيتىشقا مەجبۇرلاندۇق» ناملىق سىن فىلىمىدە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقاتماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.