«ئۇيغۇر زور قىرغىنچىلىقىنىڭ شەرھى» ۋە تارىخنىڭ ساۋاقلىرى (2)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىۋېلىشى ھەققىدە كانادادىكى مەكېۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئايدان فورس (Aidan Forth) تارىخنىڭ تەكرارلىنىش نۇقتىسىدىن پىكىر يۈرگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىردىكى مۇستەملىكىچىلىك ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا بىر مۇھىم ۋاسىتىلەردىن بولغان «يىغىۋېلىش لاگېرى» نىڭ 21-ئەسىرگە كەلگەندە يېڭىۋاشتىن ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۇنى يەنە بىر قېتىم بۇ مەسىلە ھەققىدە ئويلىنىشقا ئۈندىگەن.

پروفېسسور ئايدان فورس بۇ مەسىلە ھەققىدىكى مەخسۇس سۆھبىتىمىز جەريانىدا بۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەمدە كېيىنكى تەرەققىياتى ھەققىدە مەخسۇس توختالدى. بولۇپمۇ غەرب دۇنياسىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە «يىغىۋېلىش لاگېرى» بىلەن تۈرمە ئاتالغۇسىنىڭ مەنىداش شەكىلدە چۈشىنىلىپ كېلىنگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇلار ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرقلەر بارلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، يىغىۋېلىش لاگېرى مەلۇم بىر گۇرۇپپىغا تەۋە بولغان ھەمدە بىگۇناھ، دەپ قارىلىۋاتقان بىر خەلقنى تېخى يۈز بەرمىگەن مەلۇم بىر تۈرلۈك جىنايەتنىڭ گۇماندارلىرى قاتارىدا ئالدىنئالا قاماققا ئېلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا ئۇ خەلق ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئىشلارنى قىلمىغان ھەمدە قامالغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە سوت ئېچىلىپ ئۇلارنىڭ بىرەر گۇناھى ياكى جىنايىتى بارلىقى دەلىللەنمىگەن بولىدۇ. يىغىۋېلىش لاگېرى ئومۇمەن تۈرمىلەردىن پەرق قىلىدۇ. تۈرمىلەرگە ئادەتتە مەلۇم بىر گۇرۇپپىغا تەۋە بولغان ھەمدە قولغا ئېلىنغان كىشىلەر قامىلىدۇ. لاگېردىكى كىشىلەر ئادەتتە خۇسۇسىي جەھەتتىن بىرەر جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر مىللىي تۈركۈمگە تەۋە بولغانلىقى ياكى مىللىي كىملىككە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن قامىلىدۇ. خىتايغا ئوخشاش ئۆز تارىخىدا دېموكراتىيەنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان ياكى كىشىلىك ھوقۇق دېگەنلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويىدىغان دۆلەتتە مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە شەكىللەنگەن بىر قاتار ئۆلچەملەرنىڭ داۋام ئېتىشىدۇر. مەسىلەن، بۇنىڭغا مەدەنىيەت قىممىتى، تاشقى كۆرۈنۈشى، خۇسۇسىي ئېتىقاد، ئىدېئولوگىيە سىستېمىسى دېگەندەك ئۆلچەملەرنى مىسال قىلىشىمىز مۇمكىن. قاچانىكى خىتاي دۆلىتى تەكىتلەۋاتقان ئاشۇ ئۆلچەملەرگە چۈشمەيدىغان مىللىي تۈركۈم بايقالغاندا ئۇلار ئالدى بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.»

بىز ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئاللىقاچان تۈكۈرۈپ تاشلىغان «يىغىۋېلىش لاگېرى» دەك مۇشۇنداق بىر تارىخىي ھادىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مەرىپەتكە، تەرەققىياتقا ۋە ئەركىنلىككە قاراپ يۈكسىلىۋاتقان بىر پەۋقۇلئاددە تارىخىي باسقۇچتا يېڭىۋاشتىن ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەققىدە سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە پىكىر قىلغاندا بۇنى تارىخىنىڭ تەرەققىياتى، دېگەندىن كۆرە سىياسىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئايىغى چىقماس ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇش خاھىشىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىنكاسى، دەپ قاراش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

«مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى كۆپ جەھەتتىن ‹ئىجتىمائىي قايتا قۇرۇش› نى باش نىشان قىلغان ھالدا ئاۋام پۇقرانى يىغىۋېلىش قىلمىشىنىڭ تارىخى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. 21-ئەسىردىمۇ مۇشۇ خىلدىكى لاگېرلارنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشىنى بىر پاجىئە، دېيىش مۇمكىن. مەن خەۋەرلەردىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتىلىۋاتقان قانداقتۇر ‹يۇقۇملىنىش›، ‹ئىدېئولوگىيە دۇنياسىغا ۋىرۇسلارنىڭ سىڭىپ كىرىشى› دېگەندەك بايانلارنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدىلا بۇنىڭ بىر چاتاقتىن بېشارەت بېرىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ئىدىم. چۈنكى بىز ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان تارىخنى، مەجبۇرىي يوسۇندا يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئىنسانلارنى قاماش قىلمىشلىرىنى كۆپ قېتىم كۆرگەن ئىدۇق. ئەمدىلىكتە بىزنىڭ زامانىمىزغا كەلگەندە، يەنە كېلىپ ‹يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى› غا ئوخشاش تارىخىي پاجىئەلەر ئاياغلاشقاندىن كېيىن بىز يېڭى بىر ئېراغا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىمىز، دەۋاتقاندا بىز ئىنسانلار ئۆتمۈشتە نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقى ئۇنتۇپ قېلىشقا مايىل بولۇۋاتىمىز. تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا بىز ئاشۋىز جازا لاگېرى ئازاد بولغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى تەبرىكلىدۇق، ئەمما 75 يىل دېگەن ئۇزۇن ۋاقىت. بىز ئاشۇ ۋاقىتتا يۈز بەرگەن پاجىئەنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئاشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان پاجىئە ھازىر قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۇمۇ يەنە بىر جەھەتتىن مېنىڭ مۇشۇ ماقالىنى يېزىپ چىقىشىمغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. مەن مۇشۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى مۇشۇ ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ئوخشاشلىققا بۇراش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆتمۈشتىكى خاتالىقنى قايتا سادىر قىلماسلىققا ئۈندىمەكچى بولدۇم.»

پروفېسسور ئايداننىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئاللىقاچان خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدى ۋە بېسىملىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقىنى بارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ كۆپلەپ تەشۋىق قىلماقتا ئىكەن. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق غەرب دۇنياسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىغا بولغان قوللاشنى قولغا كەلتۈرمەكچى ئىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى كەڭ ئاۋامغا ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە بىز كۆرۈۋاتقان تېببىي ئاتالغۇلارنى ياكى تارقىلىشچان كېسەللىككە دائىر سۆزلۈكلەرنى كۆپلەپ ئىشلىتىشكە باشلىدى. ئەمدىلىكتە بولسا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى ھازىر ئاجايىپ بىر توغرا كېلىپ قېلىش ھادىسىسىگە ئايلىنىپ قالدى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ۋىرۇسنىڭ گېپىنى قىلىۋېرىپ ھازىر ئۆزلىرى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ بالاسىغا قېلىۋاتىدۇ. تارقىلىشچان كېسەللىك پەيدا بولغاندا بىمار ئادەتتە باشقىلاردىن ئايرىپ تاشلىنىدۇ ھەمدە زۆرۈر بولغان كارانتىن قىلىش تەدبىرلىرى ئېلىنىدۇ. ھازىرقى تاجسىمان ۋىرۇس ۋە ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكى سارس كېسىلىگە قارشى تۇرۇش جەريانىدا بۇ تەدبىرلەر ئىجرا قىلىنغان. ئەمما ئۇيغۇرلارغا تەتبىقلانغان ھەمدە ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلىرى بولسا بۇنىڭدىن پۈتۈنلەي پەرق قىلىدۇ. قارايدىغان بولساق مېدىتسىنا ساھەسىدە قوللىنىلىدىغان سۆزلۈكلەر خۇددى مېدىتسىنا تېخنىكىسى ئىمپورت قىلىنىۋاتقان شەكىلدە ئۆز ئىجراسىنى تاپتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ يوللۇق ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ خىل ‹ئىدېئولوگىيەلىك يۇقۇملىنىش› نىڭ باشقىلارغا يۇقۇپ قالماسلىقىنى ئىستەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى غايەت زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشنى باشلىدى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بۇ ‹بىمارلار› غا ‹دورا› بېرىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. شۇڭا ‹دورا› ۋە ‹كېسەللىك› ھەققىدىكى بۇ سۆزلۈكلەر ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى خەلقئاراغا يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆپلەپ قوللىنىلىۋاتىدۇ. ھازىر مېنىڭ ئەڭ ئەندىشە قىلىۋاتقىنىم خىتاي ھۆكۈمىتى مەخپىي ھالدا پىچىرلاۋاتقان ئىشلار ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلار ئاشكارا ھالدا تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىكى ‹يۇقۇملۇق كېسەل›، ‹ۋىرۇس›، ‹باكتېرىيە› دېگەندەك سۆزلەر بولماقتا. چۈنكى بۇلار ئالدى بىلەن نىجىس كېسەللەرنى يوقىتىشتىكى ئىبارىلەردۇر. ئىككىنچىدىن، بىز بۇ خىلدىكى ئىبارىلەرنى ۋە شەرھىلەرنى كۆپلەپ قوللىنىش ھادىسىسىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گۇلاگلىرىدىكى، شۇنۇڭدا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى قەبىھ جىنايەتلەرنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن قوللىنىلغانلىقىنى كۆپ قېتىم كۆرگەن.»

پروفېسسور ئايداننىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارا بولۇپ كەتكەن ھۆججەتلىرىدىكى «كېسەلنىڭ قايتا پەيدا بولماسلىقىغا ھۆددە قىلغىلى بولمايدۇ»، «بىمارلارنىڭ داۋالىنىشنى باشتىن كەچۈرۈشى ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئۈزېل-كېسىل ساقايغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ» دېگەندەك قۇرلار تولىمۇ قەبىھ بىر خەتەرنىڭ بىشارەتلىرى ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا گىتلېر گېرمانىيەسىمۇ «بىز باكتېرىيەگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز. ساغلام بولىمىز دەيدىكەنمىز، جەزمەن يەھۇدىيلاردىن ئىبارەت بۇ باكتېرىيەنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىمىز لازىم» دەپ جاكارلىغان ئىكەن.

ئۇ بۇ خىل ئوخشاشلىق ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن يىغىۋېلىش لاگېرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارىخشۇناس بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان نۇرغۇن تارىخىي ھادىسىلەرنى سېلىشتۇرۇپ چىققان ئىدىم. شۇڭا مۇشۇ خىلدىكى ‹كېسەللىك› ھەققىدىكى ئاتالغۇلارنىڭ شەرھى ئادەمنى تولىمۇ سەسكەندۈرىدىغان بىر ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارارمۇ، دېگەن بىر قورقۇنچ مېنى ئىسكەنجىگە ئالماقتا. ئەمما بۇ يەردە يەنە مۇنداقمۇ بىر پەرق بار. ‹كېسەللىك› ھەققىدىكى ئاتالغۇلارنى ناتسىستلار گېرمانىيەسى دەۋرىدىكى ھىتلېر ۋە ھازىرقى ۋاقىتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتى پەرقلىق يوسۇندا قوللىنىۋاتىدۇ: ھىتلېر گېرمانىيەسى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزىنى ۋىرۇس ياكى باكتېرىيە، دەپ قارىغان؛ خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ۋىرۇس، دەپ جاكارلىمىدى، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىدېئولوگىيەسىنى يۇقۇملانغان، دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما ئۇلار بۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ يوللۇق قىلىپ كۆرسىتەلمەيدۇ، دەپ ئويلايمەن. ھالبۇكى، بۇ ھال دىننى ۋىرۇس، دەپ ئاتاشتىن مۇشۇ دىننى باغاشلاپ مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى ۋىرۇس دەپ ئاتاشقا ئۆزگەرسە ئۇ چاغدا ئەھۋال ھازىر يۈز بېرىۋاتقان قەبىھ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بىلەن جىسمانىي جەھەتتىكى يوقىتىش قىلمىشى ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە ئايلىنىپ قالىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن خىتاينى تاجسىمان ۋىرۇسى قاپلاپ كەتكەن ھەمدە بۇنىڭ ۋەھىمىسى تاشقى دۇنيانى زور ئەندىشىلەرگە سېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن لاگېرلارغا قامىلىپ ياتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى دەماللىققا بىر چەتكە ئۆتۈپ قالماقتا ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بولسا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى «ئىدېئولوگىيەلىك ۋىرۇس» نىڭ ئەمدىلىكتە لاگېرلارنى بويلاپ زور كۆلەمدىكى «ماددىي ۋىرۇس» قا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.