خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئارقىلىق تەھدىت قىلىۋاتقانلىقى يەنىمۇ كۆپ ئاخباراتلارنىڭ دىققىتىگە ئېرىشمەكتە.

ئامېرىكادا چىقىدىغان «كودا» ناملىق مۇستەقىل خەۋەر ئورگىنىدا 13-فېۋرال كۈنى مۇشۇ ھەقتە كەڭ كۆلەملىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. «خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىشى-ۋاتسئاپ ۋە ئۈندىدار ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە تۈركىيەدە ياشايدىغان ۋە ئۆزىنى نۇر دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئۇيغۇرنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم ۋە نازارەت ھەرىكىتى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ماقالىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۇر ۋە باشقا ئۇيغۇرلارغا ئۈندىدار ۋە ۋاتسئاپ ئارقىلىق يېقىنلىشىپ، ئۇلاردىن ئۆزلىرى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە بۇنى تەلەپ قىلغاندا ئۇنىڭ ئۇ يەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى پەش قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ماقالىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى پاترىك پۇن زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ بۇنداق ئەھۋالنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئومۇملاشقانلىقىنى، ئۆزلىرىگە بۇ ھەقتە نۇرغۇن مەلۇمات كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-2017 يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش بىلەن تەڭ يەنە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نازارەت ۋە تەقىب خىزمەتلىرىنى كۈچەيتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئۇسۇلدىن باشقا يەنە ھەرخىل جاسۇسلۇق يانفون ئەپلىرى ئارقىلىقمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان. ئامېرىكانىڭ تور بىخەتەرلىكى شىركەتلىرى ۋە گۇگىل قاتارلىق تېخنىكا شىركەتلىرى كەينى-كەينىدىن خىتاي ياسىغان «ياغاچ ئات» ناملىق جاسۇسلۇق ۋىرۇسى ئارقىلىق مەخسۇس ئايفون قوللانغۇچى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە تور بىخەتەرلىكى شىركىتى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا خىتاي خاككېرلارنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تېلېفون سىستېمىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ساياھەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.