ئەركىن ئەكرەم: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىزدىن باشقا تۈرك ۋە مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئورتاق دەۋاسى بولۇشى كېرەك»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يالغۇز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى تۈرك ۋە مۇسۇلمانلارنىڭمۇ دەۋاسى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ زېمىن خىتايلارنىڭ زېمىنى ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ زېمىدۇر. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى بىزنىڭ مەسىلىمىزدۇر. بىراق مۇسۇلمانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۆرمەسكە سېلىۋېلىشى بىزنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە تۈركىيەدىكى بەزى گۇرۇھلارنىڭ «بۇ ئامېرىكانىڭ ئويۇنىدۇر، ئامېرىكا تەرەپ خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇش ئۈچۈن ‹ئۇيغۇر كوزىرى› نى ئوتتۇرىغا قويدى» دېگەن سەپسەتىلەرگە رەددىيە بېرىپ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتىن يىراق بىر گەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققان تارىخ 1884-يىلى ئىدى. ئامېرىكىلىقلار ۋە غەربلىكلەر ئۇ يەردە يوق ۋاقىتتا بۇ مەسىلە بار ئىدى. بۇ مەسىلە بۈگۈن ئوتتۇرىغا چىققان بىر مەسىلە ئەمەس. يەنى بۇ مەسىلە ئامېرىكا قوللانغان بىر مەسىلە ئەمەس. بىراق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى غەربتە تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشىمىز زۆرۈر. چۈنكى باشقا دۆلەتلەردە بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتى يوق. بىز 1998-يىلىدىن كېيىن بۇ دەۋانىڭ مەركىزىنى تۈركىيەدىن غەربكە يۆتكىدۇق. چۈنكى غەربنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشنى بىر ئىستراتېگىيەلىك پىلان دەپ قارىدۇق.»

2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىستانبۇلدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا «ئامېرىكا ئاۋازى»، «فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى»، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» ۋە تۈركىيەدىكى «ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللارنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە ئوبزورچىلار قاتناشتى.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ۋە قۇرۇلتاينىڭ ھازىرقى خەلقئارا سەھنىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. ئارقىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

يىغىن ئاخىرىدا ئەركىن ئەكرەم مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا تەپسىلىي جاۋاب بەردى. ئۇ يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنى جىددىي تۈردە تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن «بىرلىك» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى قاتارلىق بىر قىسىم تۈرك مۇخبىرلار بىلەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت قاتارلىقلار بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.