گېرمانىيەدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى ۋە تۈرك جامائىتى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش دولقۇنى كۆتۈرۈلمەكتە

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ھەم ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشى نەتىجىسىدە غەرب ئەللىرى خەلقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. بولۇپمۇ ياۋروپادىكى تۈركلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، تۈرك تەشكىلاتلىرى، مەسچىتلىرى، جامائىتى ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللىمەكتە.

ئاخىرقى ئىككى ئايدىن بۇيان گېرمانىيەدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە گېرمانىيەدىكى كۆپلىگەن شەھەرلەردە خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسىتىگە، جازا لاگېرلىرىغا قارشى نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. ھازىر تەشكىلاتلاردىن سىرت تۈرك جامائىتىمۇ ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرماقتا. بۇلارنىڭ بىرى، 2-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ بىلېفېلد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارغا ياردەم ھەرىكىتىدۇر.

بۇ ھەرىكەتنى ھېچبىر دەبدەبىلىك ناملار بىلەن ئاتىماي، ھېچبىر تەشكىلاتنى ئارىلاشتۇرماي تۇرۇپ بىلېفېلد شەھىرىدىكى تۈرك ئانىلار ئۆزلىرى قوزغىغان. «پىداكار ئانىلار» دەپ تەرىپلەنگەن يۈزلىگەن تۈرك ئانىلارنىڭ ئۇيغۇر يېتىم-يېسىرلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەم توپلاشنى مەقسەت قىلغان بۇ پائالىيىتى د ئۇ ق ھەم مەركىزى دۈسېلدورف شەھىرىدىكى «شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر ۋە ئىنفورماسىيون مەركىزى» تەشكىلاتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

بىز 2-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 13:00 دا پائالىيەت تەشكىللەنگەن نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ بۇ يەردىكى ھاياجانلىق مەنزىرىلەرگە شاھىت بولدۇق. پائالىيەت مىڭدىن ئارتۇق كىشى سىغىدىغان چوڭ بىر زالغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. سەھنە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقلار بىلەن بېزەلگەن. يۈزلىگەن تۈرك ئانىلار ئۆيلىرىدە تۈرلۈك تائاملارنى، پىشۇرۇقلارنى تەييارلاپ كېلىپ، زالنىڭ تۆت ئەتراپىغا قاتار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۈستەللەرگە تىزىشقان، تۈرك دۇكاندارلار ھەر تۈرلۈك ماللارنى يايما قىلغان ئىدى. ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ سەينا ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپ، سودا-سېتىق باشلىنىپ كەتكەن.

بىلدۇقكى، يۈزلەرچە پىداكار تۈرك ئانىلار ئۆزلۈكىدىن سەپەرۋەر بولۇپ كېچىچە جاپا تارتىپ ھازىرلاپ كەلگەن بۇ يېمەكلەر ياكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى بۇ يەردە ساتىدىكەن. ئۇنىڭدىن كىرگەن كىرىمنى ئاتا-ئانىلىرى جازا لاگېرلىرىغا ياكى خىتاينىڭ تۈرمىلىرىگە سولىنىشى نەتىجىسىدە يېتىم قالغان دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى بەختسىز ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئىئانە قىلىدىكەن. ياش جۇۋانلاردىن تارتىپ ياشانغان مومايلارغىچە ھەسسىسىنى قوشقان بۇ ئۇيغۇرلارغا ياردەم پائالىيىتى زالى قاينام تاشقىنلىق بىر مەنزىرە ھاسىل قىلغان ئىدى. مىكروفوندىن «شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملار» غا ئائىت نۇتۇقلار ياڭراپ تۇراتتى. كىشىلەر بىر ئۈلۈش تۆھپىسىنى ئاتا قىلىش ئۈچۈن 5 ياۋرولۇق نەرسىگە 10 ياۋرو پۇل بېرىۋاتاتتى.

ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن بۇ پائالىيەتكە داخىل بولغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزگە چىققاندا زال ئىچى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمى ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا قىلغان ئۇزۇن نۇتقى كىشىلەرنى ھاياجانغا سالدى. پىداكار ئانىلار دولقۇن ئەيسانىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى يولىدا كۆرسىتىۋاتقان پىداكارلىقلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاتاپ تون ھازىرلىغان ئىدى. تون كىيدۈرۈلگەندە زال ئىچىدە گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدىغىنى دولقۇن ئەيسانىڭ سۆزىدىن كېيىنلا ئالاھىدە پىلان بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «كۆك بايراق مۇراسىمى» پائالىيىتى بولدى. زال ئىچىنى بىردەمدىلا كۆك بايراقلار قاپلاپ كەتتى. جاراڭلىق ناخشا سادالىرى ئىچىدە كۆك بايراقلار ھەممە يەردە لەپىلدەشكە، بىر نەپەر بايراقچىنىڭ تۈركىيە بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئورۇنلىغان بايراق ئۇسسۇلى كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىرىشقا باشلىدى. ئالقىش سادالىرى، «بارىكاللا!» چۇقانلىرى، «شەرقىي تۈركىستان يالغۇز ئەمەس! بىز ھەممىمىز شەرقىي تۈركىستانلىق! بىز ھەممىمىز ئۇيغۇرمىز!» دېگەندەك نىدالار يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالدى. «قانال ياۋروپا» تېلېۋىزىيەسى بۇ ھاياجانلىق كۆرۈنۈشلەرنى نەق مەيدان تارقىتىپ تۇردى.

ئەلۋەتتىكى، 6 سائەت داۋاملاشقان بۇ پائالىيەتتە كۆپلىگەن نۇتۇقلار سۆزلەندى. ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى كېيىشكەن ئەر-ئايال تۈرك زىيالىيلىرى سەھنىدىلا «قانال ياۋروپا» تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى نەق مەيداندىن قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتايغا بولغان غەزەپ-نەپرەتلىرىنى بايان قىلىشتى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بىر ئۈلۈش ھەسسىلەرنى قوشۇشقا ھەر زامان تەييارلىقىنى ئەسكەرتىشتى.

مۇراسىم ئارىلىقىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ جايدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر توغرىسىدا قىسقىچە ئىپادە بىلدۈردى. سەھنىدە «شەرقىي تۈركىستان كۈلتۇر ۋە ئىنفورماسىيون مەركىزى» گە ۋاكالىتەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن ئابدۇسالام ئابدۇرۇسۇلمۇ ئۆز تەسىراتىنى تىلغا ئالدى.

پائالىيەتكە يەنە داڭلىق تۈرك ناخشىچىلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارمۇ «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن» دەپ تۇرۇپ تۈرلۈك ناخشىلارنى ئورۇنلىدى. ماقالىلەر، نەسرلەر، شېئىرلارمۇ تەقدىم قىلىندى. ئۇسسۇللار ئوينالدى. بۇ يەردىكى پۈتۈن خىزمەتلەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇيرۇلغان، پۈتۈن ناتىقلار، سەنئەتكارلار، مۇلازىملار بىر كۈن ۋاقتىنى ھەقسىز ھالدا شەرقىي تۈركىستانغا ئاتىغان ئىدى.

پائالىيەت ئاخىرىدا «كىم ئاشتى» بازىرى قىزىدى. كىشىلەر باھاسى تولىمۇ ئەرزان بولغان بىر دەستە گۈلنى تالىشىپ سېتىۋالاتتى. ھەتتا 5 ياۋرولۇق بىر دەستە گۈلنى تالىشىپ، 100 ياۋروغا ئالاتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ پۇل گۈل ئۈچۈن ئەمەس، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بېرىلىۋاتاتتى. ئەزەلدىن ھېچ بىر پائالىيەتتە بىر-بىرى بىلەن كېلىشەلمەيدىغان، بىر-بىرىنىڭ سورۇنلىرىغا دەسسىمەيدىغان ھەر خىل ئېقىمدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەرەپسىز بۇ پائالىيەتتە بىر ئائىلىنىڭ كىشىلىرىدەك بىرلىشىپ كەتكەن ئىدى.

د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا بۈگۈنكى بۇ پائالىيەت ئۈچۈن نۇرغۇن تۈرك خانىم-قىزلىرىنىڭ كۆپ ئەجىرلەر سەرپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. قۇرۇلتاي فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.