گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى دوكلاتى: «ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولىدۇ»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىندا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر مەخپىي دوكلاتى ئاشكارىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مەزكۇر دوكلات ئۆتكەن ھەپتە «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» قاتارلىق نوپۇزلۇق گېرمانىيە تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان. گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، دوكلاتتا 2016‏-يىلدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان باستۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە سىستېمىلىق كەمسىتىش ھەرىكەتلىرىنى «جىددىي رەۋىشتە كۈچەيتكەنلىكى، دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن ئىكەن.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تەنقىدلەشتە ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەن ئىدى. زېمىنىس، ۋولكېس-ۋاگېن قاتارلىق گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى زاۋۇتلىرى ئىزچىل مەشغۇلات قىلىپ كەلگەن ئىدى.

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىنىشىچە، دوكلاتتا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ 2016‏-يىلدىن كېيىن قۇرۇلغان تۈرمە ۋە لاگېرلاردا غايىب بولغانلىقى، نۇرغۇنلىرىنىڭ ئىزچىل تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ئەمگەك لاگېرلىرىغا يۆتكەلگەنلىكى، قالغانلىرىنىڭ يەرلىك دائىرىلەرنىڭ قاتتىق نازارىتىدە ئۆيلىرىگە قايتۇرۇلۇپ، ئەركىن ھەرىكەت قىلىشى چەكلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىكەن.

دوكلاتتا يەنە تۇتقۇنلارنىڭ لاگېرلاردا قوپال مۇئامىلىگە، جىنسىي خورلاشقا ئۇچرىغانلىقى ۋە ئۆلگەنلىكىگە دائىر دوكلاتلار بارلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا مىسىر، قازاقىستان، مالايشىيا، پاكىستان، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى، قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلۇقى تەكىتلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ھەر قانداق ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىدى.