ئەنگلىيە ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى ئويلاشماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى كېڭىشى بولغان ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ 20‏-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئۇلارغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئەنگلىيەنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس بىلدۈرۈشى كېرەكلىكى مۇنازىرە قىلىندى.

يىغىندا ئەنگلىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى، ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ ئەزاسى لورد نازىر ئەخمەت ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ماگنىتىسكىي قانۇنى چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ماگنىتىسكىي قانۇن لايىھىسى سۇنۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنىڭ ئەنگلىيەگە كىرىشىنى چەكلەشنىڭ يولىنى قىلماقتىكەن.

20‏-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئالدى بىلەن ئەنگلىيە ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بارونە ۋارسى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسىگە ھۆكۈمەتنىڭ قانداق باھا بېرىدىغانلىقى، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل مۇئامىلىسىگە قارىتا(ھۆكۈمەت) قانداق دىپلوماتىك ھەرىكەتلەردە بولغانلىقى» نى سورىغان.

لورد ئەخمەت يىغىندا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن چوڭقۇر ۋە جىددىي ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن، جۈملىدىن بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاتالمىش سىياسىي قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامىلىشى، مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام ئېتىقادىنىڭ سىستېمىلىق چەكلىنىشى، شۇنداقلا كەڭ كۆلەملىك تەقىب قىلىنىشىدىن چوڭقۇر ۋە جىددىي ئەندىشە قىلماقتىمىز».

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىلىرىنى خىتاي دائىرىلىرىگە ۋە ب د ت دا قەرەللىك ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتىكەن.

ئۇ، ئەنگلىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسىنىڭ ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، «شىنجاڭ مەسىلىسى» نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇ، ئەنگلىيە باش ئەلچىسىنىڭ كونكرېت قايسى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە خىتاي تەرەپنىڭ ئىنكاسى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى چۈشەندۈرمىگەن.

ئەمما، بارونە ۋارىسىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشلا كۇپايە قىلمايدىكەن. ئۇ، لورد ئەخمەتنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن بېرى ئاز سانلىق مىللەتلەر دۇچ كەلگەن ئەڭ زور كۆلەملىك تەقىبلەش ۋە تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلىقى، ئۇلار قايتا-تەربىيەلەش ۋە ئۆگىنىش نامىدا تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئەنگلىيەلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالدا: «سىز بۇنى خىتاينىڭ ئالدىغا قويۇشنىڭ ئۆزى كۇپايە، دەپ ھېسابلامسىز؟ يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەشكە بىر ھەپتە قالغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا سىز ۋە ھۆكۈمەت ئۆتمۈشتىكى دەھشەتلەرنىڭ كۆز ئالدىمىزدا، بىزنىڭ خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشىمىزدا قايتا يۈز بېرىشىنى ھەرگىز قايتا بولمايدۇ، دېگەننىڭ بىر قۇرۇق ۋەدە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلامسىز؟» دەپ سۆزلىگەن.

يىغىندا يەنە ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ ئەزاسى لورد كوللىنز سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۆز بىلەن قايىل قىلىشنىڭ رولى قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، پۇل تېپىۋاتقان بەزى شىركەتلەرگە قارىتا نىشانلىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈش كېرەك ئىكەن. ئۇ ھازىر ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ ۋاقتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لورد كوللىنىز مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ ۋاقتى ئەمەسمۇ؟ سۆز بىلەن قايىل قىلىشنىڭ ئۈنۈمى باردەك قىلمايدۇ. بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، نىشانلىق ئېمبارگو قويالايمىز. مېنىڭچە، مەزكۇر رايوندا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن پۇل تېپىۋاتقان بەزى شىركەتلەر بار. بىزنىڭ ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرگە بۇ شىركەتلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟ بىز خىتاينىڭ بىزگە قۇلاق سېلىشى ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.»

لورد ئەخمەتنىڭ لورد كوللىنىزنىڭ سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ماگنىتىسكىي قانۇنى چىقىرىپ، ئېمبارگو قويۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارا يىغىنلاردا خىتاي دائىرىلىرىگە ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى، يېقىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «لورد كوللىنىز ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرىسىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭغىمۇ مەلۇم بولغاندەك نۆۋەتتە ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىنى ئويلاشماقتا. بىز ماگنىتىسكىي قانۇنىغا ئوخشاش بىر قانۇن سۇنۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى خورلىغۇچىلارنى دۆلەتكە كىرگۈزمەسلىكنى ئويلىشىۋاتىمىز. ئۇنىڭدا، بۇ كىشىلەرگە چەكلىمە قويۇلىدۇ. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ماگنىتىسكىي قانۇنى بىزنىڭ يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىمىزنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ» دېگەن.

ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ يىغىنى ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشىغا قارشى كەسكىن تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرىۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئەنگلىيەدىكى پائالىيەتچى رەخىمە ماھمۇت خانىم، ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ، ئەنگلىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنگلىيە خەلقى پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يېزىپ، «مۇشۇنداق ئىشلاردا ھۆكۈمەت نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئالنى قويماقتىكەن. رەخىمە ماھمۇت خانىم يۇقىرىقى سۆزلەرنى 21-يانۋار كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قىلدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى ماقۇللىشى ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەن. ئۇ، ئەنگلىيەنىڭ بۇنىڭدا ھېلىمۇ ئىككى يىل كېچىككەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە بەزى ئەزالار خىتاينىڭ ئۇيغۇر قەبرىستانلىقلىرىنى چېقىۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىنى خىتاي بىلەن سۆزلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. بەزى ئەزالار ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ئارا يىغىنلاردا خىتاينىڭ «ئەسەبىيلىككە» قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە رىقابەت ئېلان قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ خۇئاۋېي، داخۇئا، خەيكاڭ قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن نورمال سودا مۇناسىۋىتى قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ ئەزاسى لورد ئالتون بۇ ھەقتىكى سۆزىدە: «بىزنىڭ خۇاۋېي، داخۇا، خەيكاڭدەك بۇنداق شىركەتلەر بىلەن نورمال سودا مۇناسىۋەتنى توختىتىپ، مەن 2019‏-يىلى 11‏-دېكابىر كۈنى مىنىستىرغا يازغان مەكتۇپۇمدا ئېيتقاندەك قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە جاۋابكارلىقى بار كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ بىر قولى بولغان بۇ شىركەتلەرگە ئەنگلىيە مەبلىغىنىڭ ئېقىشىنى كېسىش كېرەكمۇ-قانداق؟» دەپ سوئال قويغان.