«زىمىستان» تورى كۆپ ساندىكى تۇڭگانلارنىڭمۇ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى تۇڭگان ئەرلىرى لاگېرلارغا قامىلىپ، ئاياللار ۋە قېرىلارنىڭ جېنىنى ساقلاپ قېلىشى قىيىنلاشقان.

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ مىسلىسىز ئېغىر زۇلۇم سېلىپلا قالماي، بەلكى تۇڭگانلارنىمۇ لاگېرلارغا سولاپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قىيىن ۋەزىيەتتە قويغان.

«زىمىستان» تورى 5-يانۋار «شىنجاڭنىڭ تۇڭگان يېزىسىدىكى ئەرلەر لاگېرلارغا قامالدى، ئاياللار ۋە قېرىلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشى ئىنتايىن قىيىنلاشتى ۋە ئۇلار ‹ئۆگىنىش› كە مەجبۇرلانماقتا» ناملىق بىر خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى بىر تۇڭگان يېزىسىدا كۆپلىگەن تۇڭگان ئەرلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ئاياللىرى، بالىلىرى ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشتا زور قىيىنچىلىققا يولۇقۇپلا قالماي، ھەر كۈنى كەچتە «ئۆگىنىش» كە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپلەردە كەمسىتىلىپ چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقى ۋە مەكتەپتىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، ئىسمى بېرىلمىگەن بۇ تۇڭگان يېزىسىدىكى بىر ئائىلىگە مەنسۇپ بىر تۇغقان بەش تۇڭگاندىن تۆتى تۇتۇپ كېتىلىپ، جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئىكەن. سىرتتا قالغان بىرى «ماڭا نۆۋەت قاچان كېلەر؟» دېگەن ئەندىشىدە كۈنلىرىنى ساراسىم ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتىكەن. ئېرى تۇتۇپ كېتىلگەندىن بۇيان كۆز ياشلىرى قۇرۇمىغان مەزكۇر ئائىلىگە تەۋە ما يەن ئىسىملىك تۇڭگان ئايال نېمە ئۈچۈن ئائىلە جەمەتىنىڭ ۋە مۇسۇلمان دوستلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىدىغانلىقىدىكى سەۋەبىنى ھېچ چۈشەنمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ «زىمىستان» تورىنىڭ مۇخبىرىغا: «ھۆكۈمەت بىزنى ‹بۆلگۈنچىلىك› قىلدىڭلار دەيدۇ، ئەمما بىزنىڭ خىتاي قوشنىلىرىمىز بىلەن مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن ياخشى ئىدى» دەپ يىغلىغان.

خەۋەردە تەسۋىرلىنىشىچە، مەزكۇر تۇڭگان يېزىسىدىكى ئاھالىلەر دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا تايىنىپ ھايات كۆچۈرىدىغان بولۇپ، يېزىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەرلەر تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئاياللار ۋە بالىلاردا ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىقتىدارى قالمىغان. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئامالسىز قوي، كالىلىرىنى سېتىپ، يەرلىرىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىپ ياكى كۈنلۈك ئىشلەمچىلىككە تايىنىپ، جان ساقلاشقا مەجبۇر بولغان.

ما يەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ قوشنىسى ئېرى تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن 3 بالىسىنىڭ ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن 40 دانە كالىسىنى سېتىپ بولغان. ئۇ ئۆزى ئىشلەمچىلىك بىلەن ئائىلىسىنى قامدىماقتا ئىكەن.

ما پىڭنىڭ ئائىلىسى كالا بورداشقا تايىنىپ ياشايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېرى ۋە 70 ياشلىق بوۋىسى تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن كالىلىرىنى سېتىۋېتىش مەجبۇرىيىتىدە قالغان. ئۇنىڭ ئوغلى مەكتەپتە مۇئەللىم ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچراپ يەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن مەكتەپتىن چىقىپ كېتىپ، يېشىنىڭ شۇقەدەر كىچىكلىكىگە قارىماي ئائىلىسىنى قامداش ئۈچۈن ئىشلەمچىلەر سېپىغا قوشۇلغان. بۇ خىل ئەھۋال مەزكۇر تۇڭگان يېزىسىدا نورمال بىر ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالغان.

خەۋەردە يېزىلىشىچە، تۇل قالغان بۇ ئاياللار ۋە يېتىم بالىلار ھەر ئىككى ياكى ئۈچ ئايدا بىر قېتىم لاگېردىكىلەر بىلەن كەنت كادىرلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا تېلېفوندا سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق پەقەت 3 مىنۇتلا كۆرۈشەلەيدىكەن. بۇ 3 مىنۇت ئىچىدە ئۇلار قورقۇپ بىر بىرىگە گەپ قىلالمايدىكەن، پەقەت بىر-بىرىنىڭ چىرايىنى كۆرۈۋالىدىكەن. 3 مىنۇت ۋاقىت بىرى-بىرىگە قاراپ يىغلاش بىلەنلا توشۇپ كېتىدىكەن.

2018-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندىكى بارلىق كەنتلەردە دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ كەچلىك مەكتىپىنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە ھەپتىدە 5 كۈن كەچتە بۇ مەكتەپكە كېلىپ «ئۆگىنىش» كە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان. ھۆكۈمەت خادىملىرى ھەتتا ئەگەر كىمدە كىم قاتناشمىسا، تۇتقۇندىكى يېقىنلىرىنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ ئۇزىراپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان.

بۇ يەردىكى ئاتالمىش «ئۆگىنىش» ھەققىدە بۇ كۇرسقا قاتنىشىۋاتقان بىر تۇڭگان مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «بۇ يەردە دىنىي ئېتىقاد دېگەن ئالدامچىلىق، ئەقىللىق ئادەملەر دىنغا ئىشەنمەيدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ يىغىلىپ ‹قۇرئان› ئوقۇشىغا ئىجازەت يوق، ئۇلار بىر-بىرىنى نازارەت قىلىشى، بايقىغان ھامان مەلۇم قىلىشى، مەلۇم قىلمىغانلارنىڭ ‹ئىككى يۈزلىمىچى› ئاتىلىپ جازالىنىدىغانلىقى قاتارلىقلار ئۆگىتىلىدۇ.»

يەنە بىر تۇڭگان مۇنداق دېگەن: «بۇ يەردىكى دەرسلەرنىڭ ھەممىسى مېڭىمىزنى يۇيىدىغان نەرسىلەر. بىزگە پارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، دىنغا ئىشىنىشنىڭ پارتىيەگە قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىك قىلىش بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ.»

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا بىرىنچى قەدەمدە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە تۇڭگانلارنىمۇ زەربە ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى، خىتاينىڭ كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيەسى بىلەن زىتلىشىدىغان ھەرقانداق بىر دىنىي ئېقىمنى ئۆزىگە دۈشمەن ساناپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى زەينىدىن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ، تۇڭگانلارنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنىڭ قانچە ھەسسە ئېغىرلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.