خىتاي «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» دىن كېيىن ئۇچۇر كونتروللۇقىنى قاتتىق كۈچەيتكەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» دىن كېيىن رايوندا ئۇچۇر كونتروللۇقىنى قاتتىق كۈچەيتىپ، لاگېرلارغا دائىر سانلىق ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋاتقانلىقى، ھۆججەتلەرنى يوقىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ لاگېرلارغا دائىر 403 بەتلىك مەخپىي ھۆججىتى «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى كۆپ قېتىم يىغىنغا چاقىرىپ، «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» نىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىگە قانداق ئىنكاس بىلدۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلغان.

خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئالاقىسى بار كىشىلەرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، بۇ يىغىنلاردا ئەمەلدارلارنىڭ ۋەقەگە قانداق ئىنكاس بىلدۈرۈشى مۇنازىرە قىلىنغانلىقى، بۇ خىل يىغىنلارنىڭ ۋاشىنگتوندىكى «خەلقئارا تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلىقى ئىنستىتۇتى» نىڭ 24 بەتلىك مەخپىي ھۆججىتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنمۇ داۋام قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر قايسى ئىجتىمائىي رايونلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جۈملىدىن تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىغا دائىر جەدۋەللەرنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى، ئىشخانىلارنىڭ كومپيۇتېرلىرىنى تاشلىۋېتىشنى، شۇنداقلا لاگېرلارغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئىنتېرنېتقا باغلانمىغان سانلىق ئۇچۇر ئامبارلىرىدا ساقلاپ، تور بۇزغۇنچىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. خەۋەردە يەنە، دائىرىلەرنىڭ تۇتقۇنلارنىڭ قولىدىكى دەلىللەرنى يىغىۋېلىۋاتقانلىقى، سابىق تۇتقۇنلاردىن ئۇلارغا قويۇپ بېرىلگەندە قولىغا بېرىلگەن ئۇقتۇرۇشنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى، بەزى تۇتقۇنلارنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ، ئەگەر ئۇلار قەغەزنى تاپشۇرمىسا، «مۇددەتسىز قاماققا مەھكۇم قىلىش» بىلەن تەھدىت سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بەزى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» نى ئاشكارىلاشقا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان. خەلقئارا تاراتقۇلاردا «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» دەپ ئاتالغان خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى 24 بەتلىك ھۆججىتىنى يېقىندا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئاسىيا ئابدۇلەھەت ئۆزىنىڭ ئاشكارىلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ھۆججەتلەر لاگېرلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىگە دائىر نۇرغۇن مەخپىيەتلىكلەرنى ئاشكارىلاپ، خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.