چاقىلىقتا مەھكۇم نەبى غوجائەخمەتنىڭ تەبلىغىنى ئاڭلىغان 82 كىشىنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرى قاتارىدا ئاشكارىلانغان چاقىلىق ناھىيەسىگە ئائىت بىر سوت ھۆكۈمى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا مەھكۇم نەبى غوجائەخمەتكە چېتىلىپ، جەمئىي 82 كىشىنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، نەبى غوجائەخمەتنىڭ «شەھۋانىي فىلىم» لەرنى كۆرمەسلىك توغرىسىدىكى ئەخلاق تەربىيەسىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن «توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» ۋە «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بۇ مەھكۇملار ئالدى 10 يىل، ئارقىسى 5 يىل 6 ئايلىقتىن كېسىلگەن.

مەخپىي ھۆججەتلەر قاتارىدا ئاشكارىلانغان مەزكۇر سوت ھۆكۈمنامىسىدە مەھكۇمنىڭ «توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» بىلەنمۇ ئەيىبلەنگەنلىكى بايان قىلىنغان. شۇڭا بىز چاقىلىق ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ مەلۇم بىر بۆلۈم باشلىقى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز داۋامىدا مەھكۇم نەبى غوجائەخمەتنىڭ دېلوسىغا كىملەرنىڭ چېتىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. مەزكۇر خادىم دېلونىڭ سوت ھۆكۈمىدە دېيىلگەندەك، 315-دۆلەت تاشيولى بويىدىكى بىر شېغىل زاۋۇتىدا يۈز بەرگەنلىكى، يەنى مەھكۇم نەبى غوجائەخمەتنىڭ شۇ شېغىل زاۋۇتىدا چېدىردا يېتىپ-قوپۇپ ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارغا ئاتالمىش قانۇنسىز تەبلىغ قىلغانلىقىنى دەلىللەش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ دېلوسىغا چېتىلىپ 100 گە يېقىن كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

سوت ھۆكۈمىدە مەھكۇمنىڭ ئەسلىدە قاراقاش ناھىيە بازار ئىچىگە نوپۇسلۇق ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. قاراقاش بازار ئىچىدىكى بىر كەنت ساقچىسى چاقىلىقتا نەبى غوجائەخمەت دېلوسىغا چېتىلىپ كېسىلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسىنىڭ ئۆز كەنتىدىن ئىكەنلىكى ۋە سانىنىڭ 82 نەپەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئارىلىرىدا ئىككى نەپەر ئايالمۇ بار بولغان، 18 ياش بىلەن 60 ياش ئارىسىدىكى 82 كىشىنىڭ «قانۇنسىز تەبلىغ ئاڭلاش» ۋە «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئالدىنىڭ 10 يىل، ئارقىسىنىڭ 5 يىل 6 ئايلىق كېسىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

بىز چاقىلىقتىكى سوت خادىمىدىن مەزكۇر ھۆكۈمنامە خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن مەزكۇر سوت مەھكىمىسى ئىچىدە مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىش ئەھۋالىنىڭ يۈز بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكى ھەققىدىمۇ مەلۇمات سورىدۇق. ئۇ بۇ جەھەتتە پىكىر بايان قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «قانۇنسىز تەبلىغ» نى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلۇش ۋە كېسىلىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەنلەر يالغۇز چاقىلىق ناھىيەسى بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن. غۇلجا ناھىيەسىدىكى بىر تەربىيەلەش مەركىزىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتىمىز داۋامىدا مەزكۇر لاگېردا يېتىۋاتقان بىر تۇتقۇن ئۆزىنىڭ 10 يىل بۇرۇن مەھەللىسىدىكى بىر تويدا تەبلىغ ئاڭلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا سولانغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.

بىز چاقىلىقتىكى سوت خادىمىدىن قۇرۇلۇشتا ئىشلەۋېتىپ تەبلىغ ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن كېسىۋېتىلگەن بۇ 82 كىشىنىڭ نۆۋەتتە نەدە ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە كىملەر قاراۋاتقانلىقى ھەققىدە سوئال سورۇنىمىزدا ئۇ سوئالىمىزنىڭ چەكتىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتىمۇ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.