خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ 50 كە يېقىن ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مۇخبىرىمىزنىڭ خوتەنگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا 500 ئەتراپىدا ئىشچى-خىزمەتچىسى بولغان خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ 50 كە يېقىن ئوقۇتقۇچى ۋە مەمۇرىي خادىملىرىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە يېشى 70 تىن ئاشقان پېنسىيونېرلارنىڭمۇ بارلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى ئۇيغۇر بولۇپ، تۇتۇلغانلار مەزكۇر مەكتەپتىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ 15 پىرسەنتىگە يېتىدىكەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن ئايلاردا تورلاردا تارقالغان ۋە ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئونىۋېرسىتېتنىڭ سىياسىي ئۆگىنىش يىغىنىنىڭ نەق مەيدان خاتىرىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر ئاۋاز خاتىرىسىدە مائارىپ ساھەسىدىن كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بىز ئۆتكەن ھەپتە خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئىككى مۇدىرىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ بولغاندىن كېيىن، تۇتقۇندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى ۋە ئەھۋالى ھەققىدىمۇ ئېنىقلاش ئېلىپ بەردۇق. مەزكۇر مەكتەپ خادىمى تەمىنلىگەن ئالاقە ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن خوتەندىكى مائارىپ ساھەسىگە مەسئۇل بىر سابىق سىياسىي قانۇن كادىرىدىن تۇتقۇندىكى ئىككى مۇدىردىن باشقا يەنە كىملەرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى سورىدۇق.

ئۇ شائىر مۇختەر سۈپۈرگە ۋە ئەنۋەر ھوشۇر قاتارلىق 50 يېقىن ئوقۇتقۇچى ۋە مەمۇرىي خادىمنىڭ نۆۋەتتە كېرىيە تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. 16 ‏-نويابىر خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرىدە لاگېرغا ئادەم تۇتۇشتا ياش چەكلىمىسى يوقلىقى ئېنىق بايان قىلىنغان ئىدى.

ئۆتكەن يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىدىن 30 پىرسەنت ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە يېشى 70تىن ھالقىغان ئىلگىرىكى 3 نەپەر سابىق نەشىرىيات باشلىقىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلار ئارىسىدىمۇ پېنسىيونېرلاردىن ئاز دېگەندە 5 نەپىرى بارلىقى، بۇلارنىڭ ئىلگىرى يۇقۇرى دەرىجىلىك مەمۇرى خىزمەتلەر ئۆتىگەنلىكى، ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ نۆۋەتتە سالامەتلىكىنىڭ ناچار ئەھۋالدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

مۇھاجىرەتتىكى پائالىيەتچى ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكى» دە مۇئاۋىن مۇدىرى بارات تۇرسۇنباقىدىن باشقا پروفېسسور ئۆمەرجان نۇرى ۋە ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جۈرئەت دۆلەتلەرنىڭمۇ ئىسىملىرى ئورۇن ئالغان. مەزكۇر سىياسىي-قانۇن كادىرى جۈرئەت دۆلەتنىڭمۇ تۇتقۇندىكىلەر ئارسىدا بارلىقىنى دەلىللىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بىز ئۆتكەن ھەپتە مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئىككى مۇدىرىنىڭ كېرىيە تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، كېرىيە تۈرمىسىنىڭ خوتەنگە قارىمايدىغانلىقى ۋە ئاپتونۇم رايۇن تەرىپىدىن بىۋاسىتە باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مەزكۇر سابىق سىياسىي-قانۇن كادىرىمۇ خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى بىۋاستە مائارىپ نازارىتىگە قارىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇنلارنىڭ خوتەندىكى ساقچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئاپتونۇم رايوندكى دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.