شۆھرەت زاكىر «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» نى يەنە بىر قېتىم ئاقلاشقا ئۇرۇندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 3-دېكابىر كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ خىل مەكتەپلەرنىڭ قانۇن بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك بۇنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شۆھرەت زاكىر ماقالىسىدە مەزكۇر كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرىنىڭ خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى قىزىق تېمىلاردىن بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە كۆرسىتىش بىلەن بىرگە بىر قىسىم غەرب مەملىكەتلىرىنى «تۆھمەت قىلىش ۋە قارا سۈركەش بىلەن شۇغۇللانماقتا» دەپ ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا بۇنى «دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق» دېگەن.

ئۇ ماقالىسىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆپ قېتىملاپ تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ نۇرغۇن جانغا زامىن بولغانلىقىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق «بۇ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى دىنىي ئەسەبىيلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان» دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما نېمە ئۈچۈن بۇ خىلدىكى «تېررورلۇق» ۋەقەلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدە سۆز قىلمىغان. ئۇ يەنە تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ دىنىي تونغا ئورىنىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى نىقابلاپ كەلگەنلىكىنى مىسال قىلىپ ھازىر ئۆزلىرىنىڭ «بىر قولدا تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى باستۇرۇش، يەنە بىر قولدا تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ساقلىنىش» تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» نىڭ ئەنە شۇ تەدبىرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ تەدبىر سەۋەبىدىن ئۆتكەن ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھېچقانداق تېررورلۇق ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

شۆھرەت زاكىر ماقالىسىدە يەنە خىتاينىڭ قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، خىتايدىكى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مېخانىزمى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن-نىزاملىرى ۋە يەرلىك نىزاملارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» قۇرۇشنى قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك «تەربىيەلەش» خىزمىتى ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ تارقىلىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە چەكلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقتەك تۈپلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

شۆھرەت زاكىر بىلەن بىر ۋاقىتتا بايانات ئېلان قىلغان خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۈرۈمچى ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللامۇ ئۆزىنىڭ يىللاردىن بۇيان دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە شاھىت بولغانلىقىنى، بۇ خىل دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» نىڭ بەكمۇ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە شەرھلىگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن دۆلىتى ئەمەسلىكى ئاسماندىكى قۇياشتەك ئېنىق پاكىت. ئۇلار ھەرقانچە قىلىپمۇ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماش ئارقىلىق تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولۇشتەك قانۇنسىز قىلمىشنى ئاقلىيالمايدۇ. ئۇلار ھازىر ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋاتىدۇ» دېدى.