زۇمرەت داۋۇت: «11ياشلىق قىزىمنى بويتاق ‹خىتاي تۇغقىنى› ئۆيىدە قوندۇرماقچى بولدى»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى لاگېرلارغا قاماشقا باشلاشتىن بۇرۇنلا يولغا قويغان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر نۇقتىلىق مەسىلىنىڭ بىرىدۇر.

«قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇن بۇنى تىبەت ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇپ مەلۇم نەتىجە ھاسىل قىلغان سىياسەت ئىكەنلىكى مەلۇم بوماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر، چېن چۈەنگونىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ تىبەتتە مىللەتلەر ئارا قوشۇلۇپ كېتىش مۇقامىنى كۈچەيتىشتە رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. چېن چۈەنگو 2016‏-يىلى 8‏-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي تۈس ئالغان. ئۇ بۇ سىياسەتنى «قوشماق تۇغقانلار ئۆگىنىشتە، تاماقتا ۋە يېتىپ-قوپۇشتا بىللە بولۇش» دىگەندەك «بەشتە بىللە بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە ئىجرا قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، دەسلەپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە بىڭتۇەن باش ئورگىنى قاتارلىق ئورگانلاردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار چېن چۈەنگونىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئاساسىي قاتلامدىكى باشقا مىللەت كىشىلىرى بىلەن «قوشماق تۇغقان» بولۇشقان. نۆۋەتتە بۇ سىياسەت بىر ئائىلىنىڭ بىردىن خىتاي تۇغقىنى بولۇش شەرتىدىن ھالقىپ، ھەر بىر نوپۇس بېشىغا بىردىن خىتاي تۇغقىنى بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «قوشماق تۇغقان» لارنىڭ زىيارەت، تاماق ۋە قونۇش كۈنتەرتىپلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەھەللە كومىتېتىنىڭ خادىملىرى مەسئۇل ئىكەن. نۆۋەتتە «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەر بىر نوپوس بېشىغا بىردىن خىتاي بىلەن تۇغقانلىشىش شەرتى بويىچە ئىجرا قىلىنماقتا ئىكەن.

زۇمرەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى خادىملار ئۇيغۇرلارنى «قوشماق تۇغقانلاشقان» خىتايلارنى ئۆيلىرىدە قوندۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە قونغىلى كەلگەن خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. بىر قانچە كۈن ئاۋال مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قونغىلى كەلگەن ئاتالمىش خىتاي ئەر «قوشماق تۇغقانلار» نىڭ ئورۇن يېتىشمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەر-ئايال دەپ ئايرىماي ئۆي ئىگىسى بىلەن بىر كارىۋاتتا ياتىدىغانلىقىدەك ئەھۋاللار پاش بولدى.

زۇمرەت داۋۇت بايانىدا خىتايلار كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپلا قالماي، ھەتتا بەزىدە ئۇيغۇر بالىلارنىڭمۇ ئايرىم ھالدا ئۆزلىرىنى تۇغقانلاشتۇرۇپ قويغان يات خىتاي ئەرلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ قونۇشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ 11 ياشلىق قىزىنى بىر خىتاي ئەرنىڭ ئۆيىدە قونۇشتىن قانداق ساقلاپ قىلغانلىق جەريانىنى ئاڭلىتىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەدبىرنى «ھەر مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى چۈشەنمەسلىكنى تۈگىتىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا زور ئۈنۈم يارىتىۋاتقانلىقى» نى تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار بۇ سىياسەتنى مىللەتنى «خىتايلاشتۇرۇش»، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى خالىغاندەك ياشاش، ئىبادەت قىلىش، ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىكنى مەقسەت قىلغان، دەپ چۈشىنىدىكەن. كۆپلىگەن ئۇيغۇر يەنە «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئىچىدىكى شەخسىي پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان بىر تەدبىر، دەپ چۈشىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى «قوشماق تۇققانلىشىش» سىياسىتى خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغاندىن سىرت، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتىكى تەنقىدي ئىنكاسلاردا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ئائىلە ھاياتىغا، كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ۋە شەخسى مەخپىيەتلىكىگە ئېغىر پاراكەندىچىلىك ئېلىپ كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.