دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىزنى خاتىرىلەش ھەققىدىكى چاقىرىقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2019-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ​

شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلار، 11-ئاينىڭ 12-كۈنى بولسا  تارىخىمىزدىكى شانلىق بىر كۈن، ئىككى قېتىملىق مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى. ئەجداتلىرىمىز يېقىن تارىخىمىزدا ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ، مۇستەقىللىقكە بولغان تەشنالىقىمىزنى ۋە ئىرادىمىزنى نامايەن قىلغان كۈن.

جۇمھۇرىيەت كۈنىمىزنى خاتىرلىشىمىز ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتلەر ئۇچۇن ھاياتلىرىنى پىدا قىلغان شېھىتلىرىمىزنى ئەسلەش، ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش بىزنىڭ ۋىجدانى، دىنى ۋە مىللى بۇرچىمىز.

ئەزىز مىللىتىمىز ۋە قەدىردان داھىيلىرىمىز يېقىن تارىخىمىزدا يەنى 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۇنى ۋە 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۇنى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللى ئەركىنلىك ئىرادىسىنى دۇنياغا جاكارلاش بىلەنلا قالماي، بەلكىم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يۈكسەك دېموكىراتىك ئېڭىنىمۇ دۇنياغا نامايەن قىلغان ئىدى. بۇندىن 70 نەچچە يىل ئىلگىرى دۇنيادا «دېموكراتىيە» چۈشەنچىسى تېخى ئەمدىلا بىخ ئۇرۋاتقان، جۇمھۇرىيەت چۈشەنچىسى دۇنيانىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم رايۇنلىرىدىلا شەكىللەنگەن بىر شارائىتتا، ئەجداتلىرىمىزنىڭ دۇنياغا «جۇمھۇرىيەت» ئېلان قىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ دېموكىراتىك ئېڭىنى نامايەن قىلىشى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر ھادىسە ئىدى.

دېمەك 70 نەچچە يىل ئىلگىرى جۇمھۇرىيەت قۇرالىغان، دېموكراتىيەنى نامايەن قىلالىغان بىر مىللەتنىڭ، «دېموكراتىيە» ئىنسانىيەتنىڭ ئۇمۇمى قىممەت قارىشى ۋە ئەڭ ئادىل ھاكىمىيەت شەكلى بۇلۇپ قوبۇل قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دېموكراتىيەدىن بەھرىمان بۇلۇشى، دېموكراتىك ھەقھوقۇقى ئۈچۈن، ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى مۇقەررەردۇر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى، سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنى ۋە كەڭ ئاۋام خەلقىمىزنى ھەر يىلقىغا ئوخشاشلا، بۇ يىلمۇ ھەر خىل شەكىللەر بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە، بۇ خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى بىلەن ۋەتەنداشلىرىمىزنى، جۈملىدىن ياش نەسىللىرىمىزنى جۇمھۇريىتىمىز ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش، مىللى روھىنى ئويغۇتۇش، مىللى داۋايىمىزغا بولغان ساداقىتىنى كۈچلەندۈرۈشكە چاقىرىدۇ.

جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىز مۇبارەك بولسۇن!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2019 – يىلى 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنى