د ئۇ ق نىڭ بېرلىندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

د ئۇ ق ئۇيغۇر دەۋاسىنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن غەربتىكى سىياسىي مەركەزلەردە مەخسۇس ئىشخانا تەسىس قىلماقتا.

22-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا د ئۇ ق تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ئىش بېجىرىش ئورگىنىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمغا گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى، تىبەت، تەيۋەن ۋەكىللىرى ھەمدە گېرمانىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى قاتناشقان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىقلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر دەرد-ئەلەملىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پاراۋوزى بولغان گېرمانىيە ۋە بۇ ئارقىلىق پۈتۈن ياۋروپاغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاڭلىتىش يۈزىسىدىن د ئۇ ق نىڭ پايتەخت بېرلىندا بىر ئىشخانا تەسىس قىلىش قارارىغا كەلگەن» لىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

د ئۇ ق نىڭ بېرلىندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈرەت. 2019-يىلى 22-ئۆكتەبىر، گېرمانىيە.

بۇ مۇراسىمدا گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى مارگارېتا باۋزې خانىممۇ نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ سۆزىدە، د ئۇ ق نىڭ بېرلىندا مەخسۇس بىر ئىشخانا تەسىس قىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇملار شۇ قەدەر ئەۋجىگە چىققان تۇرغۇلۇقمۇ ياۋروپادىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە زۇۋان سۈرمەيۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، مارگارېتا باۋزې قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تەيۋەننىڭ ياۋروپادىكى ئەلچىسى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ بۇ مۇراسىمدا مۇھىم نۇتۇقلار سۆزلىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بېرلىندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ مۇراسىم ھەققىدە توختالغاندا، «ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، شەرقىي تۈركىستاندىكى خەتەرلىك ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى تۈپەيلى ياۋروپادىكى سىياسىي مەركەزلەردە ئىشخانا تەسىس قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق فوندىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندى بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا گېرمانىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيەلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ مۇھىم ئەربابلىرىدىن 45 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق نىڭ بېرلىندىكى ئىشخانىسىغا ستېفان ئىسىملىك بىر ياش گېرمان زىيالىيسى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ د ئۇ ق بىلەن گېرمانىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىكەن.

ئۇ بېرلىندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئاڭلىتىشنىڭ يالغۇز خىزمەت مەجبۇرىيىتى بولۇپلا قالماستىن، ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئىنسانىي مەجبۇرىيىتى بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، 22-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، ئۇلار بىلەن بۇندىن كېيىن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق بۇ يىل 7-ئايلاردا ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىمۇ ئىشخانا تەسىس قىلغان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى ئايلاردا يەنە فىرانسىيە پايتەختى پارىژ ۋە ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىمۇ مەخسۇس ئىشخانا تەسىس قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېرىشىدىكەن.