چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە مەخسۇس جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

17-ئۆكتەبىر كۈنى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگا شەھىرىدىكى چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە بېغىشلانغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى كرىزىس: ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارادىكى تەسىرى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ زور تەسىر قوزغىغان.

يىغىننى «چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى»، «چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسى 21-ئەسىر ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى»، «فورۇم 2000 فوندى»، ئامېرىكانىڭ چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى ئەلچىخانىسى، ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ھەمدە «ئىلھام توختى گورۇپپىسى» بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

بۇ قېتىمقى يىغىندا كۆپلىگەن چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر مەخسۇس جازا لاگېرلىرى تېمىسىدا پىكىر بايان قىلغان. يىغىندا جازا لاگېرلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن تارتىپ ھازىرقى رېئال ئەھۋالى، كېلىچەك يۈزلىنىشى قاتارلىق جىددىي تېمىلار نۇقتىلىق تالاش-تارتىش قىلىنغان.
بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرشۇناسلار، خىتايشۇناسلار، شەرقشۇناسلار، جازا لاگېرلىرى مۇتەخەسسىسلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، دىگىتال تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى ۋە سىياسەتچىلەر بولۇپ كۆپساندا كىشى قاتناشقان. يىغىندا دولقۇن ئەيسا، رۇشەن ئابباس، ئەنۋەرجان، خالمۇرات ھارري قاتارلىق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرمۇ نۇتۇقلار سۆزلەپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىدىن تەپسىلى مەلۇماتلار بەرگەن.

پراگادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش سىياسىتى، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ خەلقارادىكى تەسىرى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى دۇنيادا يېتىم قالدۇرۇش سۈيقەستى قاتارلىقلارنى ئۆز كەچمىشلىرىگە بىنائەن تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنى سۆكۈپ ئۆتكەن.

چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوستراۋا ھەمدە برنو شەھەرلىرىدە ئۈچ كۈندىن بۇيان ئۇنىۋېرسىتېتلاردا، ئاقىللار ئامبىرىدا، دىگىتال تېخنىكا تەتقىقاتى مەركەزلىرىدە ۋە ئامېرىكانىڭ چېختىكى ئەلچىخانىسىدا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا دوكلات بېرىش، مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا گۇۋاھلىق بېرىش، نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلگەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم «شەرقىي تۈركىستاندىكى كرىزىس: ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە خەلقارادىكى تەسىرى» ناملىق بۇ يىغىندىمۇ نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئاتالغان بۇ مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە توختالغاندا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا «مەلۇمات بېرىشتىن، خىتايغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش» مەسىلىسىنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

بۇ يىغىندا «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن. ئۇ بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلىپ، 4 ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسىنىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇش يولىدا ئېلىپ بارغان خەلقئارالىق بۇ پائالىيىتىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىنغا يەنە فىنلاندىيەدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇلغان ياش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن خالمۇرات ھارريمۇ قاتناشىپ نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇ يىغىن ھەققىدە قىلغان سۆزىدە جازا لاگېرلىرىنىڭ ماھىيىتى مەسىلىسىنى بەزى چەت´ئەللىك مۇتىخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشىنىش مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.