رۇنې ستېنبېرگ: «لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ!» (2)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ جەمئىيەتكە قايتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ھەرقايسى ساھەنى تېخىمۇ قىزىقتۇرغان سوئاللارنىڭ بىرى بۇ ھەقتىكى بايانلارنىڭ راست ياكى يالغانلىقى بولدى. بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك گۇمانلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ يەنە بىر قىسىم ئانالىزچىلار لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى بىلەنلا ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى كىرىزىسلارنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى كۈچلۈك رەۋىشتە تەكىتلەپ كەلدى. دانىيەنىڭ كوپېنخاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا پوستدوكتۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رۇنى ستېنبېرگ (Rune Steenberg) نىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىنى ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن دېيىشكە بولىدۇ.

رۇنىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتىكى خەلقئارالىق بېسىملاردىن خالاس بولۇش ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ ئالدىن تەييارلانغان «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ۋە دىپلوماتلىرىغا ئېكىسكۇرسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش بولغان. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ قانداق «ئارامبەخش» مەكتەپلەر ئىكەنلىكىنى كۆز-كۆز قىلماقچى بولغان. ئەمما «قەپەس ئالتۇندىن بولسىمۇ بەرىبىر قەپەس» دېگەندەك خورلۇق ئەۋج ئالغان بۇ ئاتالمىش «مەكتەپ» لەر ئەڭ روشەن دەرىجىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى چاك-چېكىدىن بۆسۈۋېتىشتەك قەبىھلىككە يول ئېچىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى بالايىئاپەتلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئۇنتۇلماس جاراھەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتمەكتە ئىكەن.

«مېنىڭچە بىز تەكىتلەشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بۇ خىل (تەربىيەلەش) مەركەزلىرىدىكى خورلاش قىلمىشلىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى ياكى تۈرمىلەردىكى خورلاش قىلمىشلىرىدىن قايسى دەرىجىدە پەرق قىلىدىغانلىقىدا. ئەمما بۇ خىل تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ماددىي شارائىتى قايسى دەرىجىدە ياخشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ جايلاردا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە بولۇشى يۈز بەرمەكتە. چۈنكى بۇ جايلاردا شەخسلەر، ئۇلار تەۋە بولغان ئائىلە، شۇنداقلا مەھەللىلەر بويىچە ئاتا-ئانىلار، بوۋا-مومىلارنىڭ ئائىلىلىرىدىن ۋە ئۆزلىرى ئۆسۈپ چوڭ بولغان يۇرت-ماكانلىرىدىن ئاي-ئايلاپ، يىل-يىللاپ ئايرىلىپ كېتىشى، ئۇلارنىڭ ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوقلا پەرزەنتلىرىدىن جۇدا بولۇشى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ئاددىيلا ئايرىلىپ كېتىش ئەمەس، بەلكى بۇ كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ قاماققا ئېلىنغاندىن كېيىن بولۇۋاتقان ئىشلار. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك پارىلىرىنىڭ ھالىدىن ھېچقانداق خەۋەر ئېلىش ئىمكانىغا ئىگە بولالمايدۇ، ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق بالا-ۋاقىلىرىنى بېقىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ. بۇ بەلكىم ئەڭ ئېغىر ۋە قاباھەتلىك بولغان خورلاش قىلمىشى ياكى جىنايىتى بولسا كېرەك. چۈنكى مۇشۇ سەۋەبتىن ئائىلىلەر خانىۋەيران بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كېتىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەھەللىلەر بولسا پارچە-پارچە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.»

لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە قانداق قىيناقلارغا دۇچ كېلىشى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن دوكتور رۇنىنىڭ پىكرىچە لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىمۇ بۇنىڭدىن ئانچە چوڭ پەرق قىلىپ كەتمەيدىكەن. بۇ جەھەتتە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرمۇ پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا كۆرۈنۈشكە «ھۆر» بولغان كىشىلەرنىڭ كۆرۈنمەس مەھكۇملۇققا گىرىپتار بولۇشى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. رۇنى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«ئەمدى لاگېرلارنىڭ سىرتىغا قارايدىغان بولساق بۇ جەھەتتە ئاجايىپ ئىشلارنى بايقايمىز. مەن بۇ توغرىلىق ماقالەمدىمۇ يازدىم: ھازىر كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشىمۇ بىر مەسىلە. يەنى لاگېرلارنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەرمۇ ئەركىن ھالدا بىر جايدىن يەنە بىر جايغا بارالمايدۇ. ئۇلار دائىم سىياسىي يىغىلىشلارغا توپلىنىدۇ، سىياسىي جەھەتتىكى مېڭە يۇيۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى 24 سائەت نازارەت ئاستىدا بولىدۇ. ئۇلار ھەرقاچان ئېغىر بۇرۇقتۇملۇق ۋە روھىي بېسىم ئاستىدا ياشايدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى لاگېرنىڭ ئىچىدىكىلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا ھازىرقى دەپسەندىچىلىك لاگېرلاردىن ھالقىپ چىقىپلا قالماستىن، خاراكتېر جەھەتتە لاگېر ئىچىدىكى ئەھۋالنىمۇ بېسىپ چۈشىدىغان يەرگە يەتتى. شۇڭا لاگېرنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى «جەمئىيەتنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلدى» دېيىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب ئۇلارنى «غەلىبىلىك ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا لاگېرلارغا قوشنا بولغان زاۋۇت-فابرىكىلارغا ئىشچىلىققا يۆتكىشى ئىكەنلىكى مەلۇم. ئالاقىدار ئۇچۇرلاردا بۇ كىشىلەرنىڭ تولىمۇ تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ غەرب بازىرىغا ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقى كۆپ قېتىملاپ تىلغا ئېلىنىدۇ. رۇنىمۇ ئۆز ماقالىسىدە بۇ مەسىلە ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ماھىيەتتە بۇ خىل ئەمگەكلەرگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا «شېرىك» بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

سۆھبىتىمىز جەريانىدا بۇ توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ راست بولۇۋاتقان ئىشلار. مەن تۇتقۇن قىلىنغان بۇ كىشىلەرنىڭ بىرنەچچە يىللاپ زاۋۇتلاردا ناھايىتى تۆۋەن ھەق ئۆلچىمى بويىچە ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق لاگېردىن ياكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىن قويۇپ بېرىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرنەچچە خىل مەلۇماتنى كۆردۈم. مېنىڭچە بۇ ئىشلار ھازىر سىستېمىلىق ھالدا ئىجرا بولۇۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ ھازىر ئۇلار ناھايىتى زور ساندا زاۋۇتلارغا يۆتكىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىن ئەتكەن ناھايىتى تۆۋەن ئۆلچەملىك تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇلار ھېچقاچان ئاشۇ كىشىلەر ئۆزلىرى خالاپ تاللىۋالغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى قۇرۇپ چىقىدىغان خىزمەت تۈرلىرى ئەمەس. مېنىڭچە لاگېر تۇتقۇنلىرىنى زاۋۇتلارغا يۆتكەپ ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىن ئېتىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزلىگەن نىشانى ئەمەس، ئۇلارنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى سىياسىي جەھەتتىكى ئىدىيە ئۆزگەرتىش ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە. شۇڭا رايون مىقياسىدا ھازىر ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئەمەس، بەلكى سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزگەرتىشكە ئەڭ زور دەرىجىدە زېھىن قويۇلۇۋاتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ لاگېرلارنى داۋام ئەتتۈرۈش ناھايىتى قىممەتكە چۈشۈۋاتىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ لاگېرلاردا ھېچقانداق ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىلمايدۇ. 2014-يىلىدىن بۇيانقى ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق بۇ رايوندا ‹قاتتىق زەربە بېرىش› ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان ئىقتىسادىي جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك چېكىنىش كۆرۈلۈۋاتىدۇ.»

رۇنىنىڭ قارىشىچە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان لاگېر مەسىلىسى بويىچە خىتاينى ئەيىبلىشى ھازىر بارغانسېرى يۇغۇرى پەللىگە چىقماقتا ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە، لاگېر مەسىلىسى بويىچە خىتاينى ئەيىبلەش كەشمىر مەسىلىسىدە ھىندىستاننى، مۇسۇلمانلار مەسىلىسىدە ئىسرائىلىيەنى، كۇردلار مەسىلىسىدە تۈركىيەنى ئەيىبلەشتىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان بىر ھادىسە ئىكەن. يەنە كېلىپ خىتاينى لاگېرنى تاقاشقا مەجبۇرلاش بىلەنلا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈپلۈك مەسىلىلەر ھەل بولۇپ كەتمەيدىكەن.

ئۇ بۇ توغرىلىق سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئالدى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرىۋەتمەكچى بولغان بىر نۇقتا شۇكى، لاگېرلار جەزمەن تاقىۋېتىلىشى لازىم. ئەمما لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى ئىشنىڭ تۈگىگىنى ئەمەس. چۈنكى لاگېرلار تاقالسا ھەممىمىز خۇشال-خۇرام ئۆيلىرىمىزگە قايتىپ ‹ئەجەب ئوبدان ئىش بولدى. ئاخىرى مەقسىتىمىزگە يەتتۇق› دەپ تەنتەنە قىلىدىغان ئىش يوق. بۇ پەقەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بولۇۋاتقان دەپسەندىچىلىكنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىنىڭ تۈگىشىدۇر، خالاس. ئەمدى بىز دۇنياۋى مىقياسىدىن نەزەر سالساق بۇ ھازىر دۆلەت زوراۋانلىقى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە سىستېمىسىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە سىرتقا يامراۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىمۇ بۇنىڭغا شېرىك بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېرلارنى تاقاشقا مەجبۇرلىيالىساق بۇ ئەلۋەتتە زور غەلىبە ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە مېنىمۇ غايەت زور دەرىجىدە خۇشال قىلىدۇ. ئەمما بىز مۇشۇ غەلىبىمىز بىلەنلا توختاپ قېلىپ ‹تامام، ئەمدى مەسىلە ھەل بولدى› دېيەلمەيمىز. چۈنكى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە بولۇۋاتقان زور كۆلەملىك دەپسەندىچىلىك ئىزچىل داۋام قىلىۋاتىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ ھال سىرتقا كېڭىيىۋاتىدۇ. چۈنكى شىنجاڭ دەپسەندىچىلىك يۈز بېرىۋاتقان، ئەمما تاشقى دۇنيادىن ئايرىپ تاشلانغان يەككە-يېگانە ئارال ئەمەس. بۇ رايوننىڭ سىرت بىلەن بولغان باغلىنىشى سەۋەبلىك بۇ ھال تېخىمۇ زور سىستېمىغا كېڭىيىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بۇ ھالنىڭ مۇشۇ تەرىقىدە داۋام قىلىشىغا يول قويماسلىقىمىز، خۇددى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە نازارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش دېگەنلەرنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە قارشى تۇرغىنىمىزدەك بۇنۇڭغىمۇ قارشى تۇرۇشىمىز لازىم.»

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ بۇ جەھەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا بولۇپ، ئۇلار «لاگېرلار ھامان تاقىلىدۇ. ئەمما لاگېر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسىي مەسىلە ئەمەس. مەسىلىنىڭ نېگىزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىگىدارچىلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىۋېتىش ئارزۇسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت» دېگەننى ئالغا سۈرىدۇ.