دۇق ئاخباراتى : ئۇيغۇر خەلقى، زۇلۇم، بېسىم ۋە قىرغىنچىلىققا ئەسلا تەز پۈكمەيدۇ !

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى سوتى، 12 – ئاينىڭ 22 – 23 – كۈنلىرى 5 – ئىيۇل ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن 22 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، 10 ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا، 8 كىشىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، 4 كىشىنى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

بۇنىڭ بىلەن، قىسقىغىنە ئىككى ئاي مابەينىدە ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان  ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى 28 نەپەرگە يېتى.

5 – ئىيۇل كۈنى ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جەريانىدا مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانخۇمارلىقى پەسىيىپ قالغىنى يوق،  خىتاي ھاكىمىيىتى، خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ شۇنچە كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە ئەيىبلىشىگە قارىماستىن ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي تازىلاش ۋە قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈندىن – كۈنگە ئاشۇرۇپ كەلمەكتە.

5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، قىيناش ۋە ئۆلتۈرۈش ھەرىكەتلىرى ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك كۈچەيتىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان  ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان رايونى سەپى ئۆزىدىن بىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلدى.

ئۇيغۇرلارنى ئۆز ۋەتىنىدە ئازسانلىق ئورۇنغا  چۈشۈرۈپ قويۇش مەقسەت قىلىنغان  خىتاي كۆچمىنى يۆتكەش سىياسىتى تېخىمۇ جىددىي ئىجرا قىلىنماقتا.

ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش، مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، تارىخىنى بۇرمىلاش، مەدەنىيىتىنى يوقىتىش، ” پىلانلىق تۇغۇت ” نىقابى ئاستىدا نەسلىنى قۇرۇتۇش، ئۆزىنىڭ يۇرت – ماكانلىرىدىن مەجبۇرى ھالدا  كۆچۈرۈش، ئىقتىسادى جەھەتتە سۈمۈرۈش ۋە تالان–تاراج قىلىشتەك قويۇق مۇستەملىكىچىلىك تۈسىنى ئالغان بىر قاتار سىياسەتلەر كۈندىن – كۈنگە كۈچەيتىلىپ، رەھىمسىزلەرچە ئىجرا قىلىنىپ كېلىنمەكتە.

ئەكسىچە، بۇ رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە قانۇنىي جەھەتلەردە ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ يەرلىك خەلقنى خالىغانچە بوزەك قىلىشى، خورلىشى ۋە دەپسەندە قىلىشى ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتىمۇ ئازادە زېمىن ھازىرلاپ بېرىلمەكتە.

شۇ بىر ئەمەلىيەتچى، ھازىرغا قەدەر خەلقئارا جامائەتچىلىك، كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلارنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغان، ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى ياكى  ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي تازىلاش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن مۇستەبىت كۈچلەرنى ھەرگىزمۇ جازاسىز قويغان ئەمەس.

ئەينى چاغدا  بوسنىيە ۋە كوسوۋولۇق مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن مۇستەبىت سىربىستان ھاكىمىيىتىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا بىرلىكى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇلغان، ئەمما ئۇلار خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ سەمىمىي نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي، يۈزمىڭلىغان بىگۇناھ ئىنساننىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان، نەتىجىدە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى سىربىستانغا  قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

ھازىرغا قەدەر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلغان سېرب قاتىللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەلقئارا سوتلاردا جازاغا تارتىلدى.

دېمەك، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىپ كەلگەن  ئىرقىي تازىلاش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ كەلگەن كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ ھامان بىر كۈنى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ تېگىشلىك جازاسىغا ئۇچرىغۇسى !

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، 1949 – يىلىدىن بۇيان كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي ئىسيان ۋە توپىلاڭلارغا، شۇنداقلا تۈرلۈك شەكىلدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى قوللىنىپ كەلگەن بىردىن – بىر تۈپ سىياسىتى – ئۆلتۈرۈپ – چېپىپ سىڭدۈرۈش ۋە باستۇرۇش سىياسىتىدىن ئىبارەت. بۇ يولدىن باشقا ھېچ بىر مۇرەسسەگە يول قويغىنى يوق. ھېچ بىر زامان قارشى تەرەپنىڭ دەرد ۋە ئەلەملىرىگە قۇلاق سالغان ئەمەس، مىللىي توقۇنۇش ۋە ئىسيانلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا بىۋاسىتە سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئادالەتسىز سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باققانمۇ ئەمەس !

ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆلتۈرۈپ – چېپىش سىياسىتى كار قىلغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ئاللىبۇرۇن مۇقىم ۋە تەپ – تىنچ بولۇپ كەتكەن بولاتتى.

ئەمما دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈپ – چېپىش سىياسىتىنى كۈچەيتكەنسېرى، شەرقىي تۈركىستاندا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ ئۇلغىيىپ بارماقتا.

شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي توقۇنۇشلارنى پەسەيتىشتە ئۆلتۈرۈپ يوقىتىش سىياسىتىگە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتىگە تايىنىشقا دالالەت قىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئالدىدا پەقەت بىرلا يول بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىپ كېلىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىدىن ۋاز كېچىش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي، ئىقتىسادى جەھەتلەردە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئادالەتسىز سىياسىتىدىن ۋاز كېچىش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆر ۋە ئەركىن ياشاش ئىستەكلىرىگە ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت !

دۇق تەشۋىقات مەركىزى