ئادريان زېنز: «ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› زادى قانداق جاي؟» (1)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خەلقئارانىڭ كۈچلۈك بېسىمى ۋە پولاتتەك پاكىتلار ئالدىدا «بىزدە ھېچقانداق لاگېر مەۋجۇت ئەمەس» دەپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخىرى بۇ جايلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ پەردازلاشقا ئۆتتى. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن بۇ تېما تېخىمۇ بەكرەك كىشىلەرنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادريان زېنز ئۆزى ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «ھازىر ئاز دېگەندىمۇ بىر يېرىم مىليون كىشى لاگېرغا قامالغان. بۇ سان ئاللىقاچان قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ» دېگەن يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن خىتاي تەرەپنىڭ بۇ لاگېرلارنىڭ قانداق «ئارامبەخش ماكان» ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلىرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تۈركۈم چەتئەل دىپلوماتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، بىر قىسىم «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى. ئەمما شاھىدلار ۋە سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى بۇ خىلدىكى ئېكىسكۇرسىيە نۇقتىلىرىنىڭ ئالدىن تەييارلانغان ئورۇنلار ئىكەنلىكىنى، ئېكىسكۇرسىيەچىلەر سۆزلەشكەن «كۇرسانتلار» نىڭ تاللانغان «ئارتىست مەھبۇسلار» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

دوكتور ئادريان زېنز مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئاساستا «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ زادى قانداق جاي ئىكەنلىكىگە ئوخشاش بولمىغان بىرنەچچە نۇقتىدىن قايتا نەزەر سېلىپ چىقتى. ئۇنىڭ مۇشۇ ئاساستا يېزىپ چىققان «مېڭە يۇيۇش، ساقچىلار مۇھاپىزىتى ۋە مەجبۇرىي قاماق» تېمىسىدىكى ماقالىسى ئەنە شۇ خىل ئىزدىنىشنىڭ مۇكەممەل خۇلاسىسى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى پەردازلاش ھەققىدىكى تەسۋىرلىرىنى ئۈزېل-كېسىل رەت قىلدى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ: «2018-يىلى كەڭ ئومۇملاشقان ‹تەربىيەلەش› ۋە قاماققا ئېلىشقا دائىر كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلار توپلىنىشقا باشلىغان بىر يىل بولدى. دەرۋەقە، بەزى ئەسلىھەلەر ھەقىقەتەنمۇ ‹تەربىيەلەش› خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان ئىدى. ئەمما بىز ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل شىنجاڭ مىقياسىدا تورلاشقان قاماق سىستېمىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىنى كۆردۇق. قىزىق يېرى شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق سورۇنلاردا شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە بىردىنلا ۋەزخانلىق قىلىدىغان بولۇۋالدى. شۇنىڭدەك بۇ ھەقتىكى قارشى پىكىرلەرنى بىردەك ئىنكار قىلىشقا باشلىدى. شۇڭا بۇنى بىر مەيدان سۆز ئۇرۇشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ياكى رېئاللىق ھەققىدىكى داۋا ئۇرۇشى، دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ ‹ئۇرۇش› تا قاماققا ئېلىش قىلمىشى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە بولۇشى دېگەنلەر مۇھىم تېمىلاردىن بولدى. ھالبۇكى، شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ بېيجىڭ تەرەپ ناھايىتى نەپىسلىك بىلەن قۇراشتۇرۇلغان تەشۋىقات ئۇرۇشىنى باشلىۋەتتى. ئۇلار ئۆزلىرى شىنجاڭدا قىلىۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا غەرب دۇنياسىنىڭ ئەيىبلەشلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دەرھاللا ئۇلارنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى ئوتتۇراھال بىر شەيئىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى.»

دوكتور ئادريان زېنز خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي يوسۇندا «لاگېرلار مەۋجۇت ئەمەس» دېگەندىن «بۇ جايلار كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دېگەنگە قەدەر ئېلان قىلغان رەسمىي ھۆججەتلەردىن بايقىغان بىر ئورتاق نۇقتا شۇ بولغانكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ «مەركەز» لەردە «كۇرسانتلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيىدىغانلىقى» نى ئاشكارا ۋە ھېيىقماستىن تىلغا ئالغان. كۈنەس ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ «مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش» ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلىرىنىڭ بىرىدە «تەربىيەلەشتە كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى تازىلاپ، قەلبىنى پاكلاش؛ ھەققانىيەتنى ھېمايە قىلىپ، رەزىللىكنى تۈگىتىش» خىزمەت نىشانى قىلىنغان. BBC ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى زىيارەت قىلغان «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرىمۇ مۇشۇ ئەھۋالنى ئاشكارا تىلغا ئالغان.

ئاپتور بۇ مەسىلىدە بايقىغان يەنە بىر گۇمانلىق نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ بۇ جايغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەلگەنلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ كەلگەن. بۇ ھال BBC ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى سوئال سورىغاندا بىر كۇرسانتنىڭ بەرگەن جاۋابىدىمۇ ئەكس ئېتىدۇ. دوكتور ئادريان زېنز بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «ئۆز ئىختىيارىلىقى بىلەن تەربىيىلىنىش» بايانلىرىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق ھۆججەتنى ياكى كۇرسانتلارنىڭ بۇنىڭغا قاتنىشىش ھەمدە ئايرىلىش ۋاقتى توغرىسىدا ئىمزا قويىدىغان بىرەر جەدۋەل نۇسخىسىنى كۆرمىگەن. شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ توختام بويىچە ئۆگىنىش ۋاقتى توشقاندا بۇ جايدىن ئايرىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق ئۇچۇرنى ئۇچراتمىغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تەكلىپ قىلىپ كەلگەن چەتئەل دىپلوماتلىرى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان لاگېرلاردا تاشقىي دۇنياغا بۇ جاينىڭ قانداق «بەختىيار مەكتەب» ئىكەنلىكى بەكرەك نامايەن قىلىنغان.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ: «يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ئىستراتېگىيەسى مۇشۇ خىلدىكى ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى› ناملىق ئەسلىھەلەرگە بەكرەك مەركەزلىشىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ھازىر ‹شۇنداق، بىزدە بۇ خىل مەكتەبلەر بار. بىز بۇنىڭدا ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرىنى يوقىتىۋاتىمىز. بۇ ناھايىتى ياخشى جاي. ئۇنىڭدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلماقتا. ئۇلار بۇ جايلاردا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، قىيغىتىپ يۈرمەكتە› دېگەنلەرنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ. ئۆرنەك سۈپىتىدە تەييارلانغان ۋە تاللانغان لاگېرلارغا بارغانلار ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ھادىسىلەرنى كۆرۈپ قايتىپ كېلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ جايدا زادىلا ئۇنتۇشقا بولمايدىغان بىر نۇقتا لاگېر ‹كۇرسانتلىرى› نى شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە كۆزگە چېلىقىدىغان ‹تەربىيەلەش مەركىزى› نامىدىكى قاماقخانا شەكلىنى ئالغان ئەسلىھەلەرگە بىر يىل، ئىككى يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت سولاپ قويۇشنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى يوق. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ھېچقانداق قانۇنىدا سوت ھۆكۈمى چىقىرىلمىغان، چەك باسقۇدەك سەۋەبى كۆرسىتىلمىگەن ئەھۋالدا كىشىلەرنى خالىغان مۇددەتتە خالىغانچە بۇ خىل قاماققا ئېلىش بېكىتىلمىگەن.»

دوكتور ئادريان زېنز بۇ خىلدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئورتاق بولغان بىر ھادىسە، بۇ مۇئەسسەسەلەرنىڭ قاتتىق مۇداپىئە قىلىنىشىدۇر. سۈنئى ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن بۇ جايلاردىكى كۆزىتىش مۇنارىنى ئوچۇق كۆرگىلى بولسا، ئۇ بايقىغان ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇنداق مەركەزلەرنىڭ بىرىدىكى مۇھاپىزەتچى ساقچىلارنىڭ سانى شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلار سانىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. باشقا بىر ناھىيىدە بولسا بۇ خىلدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئىشلەيدىغان ساقچىلارنىڭ خىراجىتى مۇشۇ ناھىيەنىڭ پۈتكۈل «تەربىيەلەش» خىزمىتىگە كېتىدىغان خىراجەتنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. يەنە كېلىپ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆججەتلىرىدە بۇ ساقچىلار قوشۇنىنىڭ رولى «تەربىيەلەش» تىن قېچىپ كېتىش قىلمىشىنى چەكلەش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. روشەنكى، بۇلارنىڭ ئۆزى بۇ مەركەزلەرنىڭ مەكتەپكە ئەمەس، بەلكى تۈرمىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئۇ بۇ توغرىلىق سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ: «مۇشۇنداق بىر كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قانچىلىك ساقچى كېتىدۇ؟ بۇ ھەقتىكى خامچوت ھۆججەتلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار بولغان ناھىيەلەرنىڭ بىرىدە ساقچىلار توغرىسىدا ناھايىتى ئېنىق ۋە سەمىمىي قىلىپ ‹بۇ كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزىدە 810 ياردەمچى ساقچى خىزمەت قىلىدۇ› دېيىلگەن. بىر تەربىيەلەش مەركىزى ئۈچۈن بۇ ساندىكى ساقچىلار بەكمۇ كۆپ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى مەن باشقا بىر ناھىيەدىكى تەربىيەلەش مەركىزى ئۈچۈن 260 يۈرۈش ئالاھىدە ساقچى كىيىمى بۇيرۇتمىسىنى بايقىغان ئىدىم.»

دوكتور ئادريان زېنزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقان «بەختىيار مەكتەپ» شەكلىدىكى بۇ مەركەزلەرنىڭ خاراكتېرى يەنە باشقا جەھەتلەردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.