تىمۇسىي گرۇسنىڭ يېڭى ماقالىسى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى روھىي كېسەللىك دەپ ئاتىشى»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان لاگېرلىرى ھەققىدە نۇرغۇن تەشۋىقات فىلىملىرىنى تارقىتىپ، «مېڭىسى زەھەرلەنگەن» كىشىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن بۇ يەرلەرگە تىزىملىتىپ، ناھايىتى ياخشى مۇھىتلاردا «ئۆگىنىش» قىلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلدى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى تارقىتىۋاتقان بۇ تەشۋىقات فىلىملىرىدىكى كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئىنچىكە تەپسىلاتلار ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان ئىدى.

ئامېرىكا ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان دوكتور تىمۇسىي گرۇس ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ، «خىتاي ئارخىپلىرى» ناملىق ژۇرنالدا «ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتى نورماللاشقاندا ئاندىن جەمئىيەتتە بەختىيار ھالدا ياشايدۇ-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى روھىي كېسەللىك دېيىشى» ماۋزۇسىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىنىۋاتقان بۇ «روھىي كېسەللىك» ئاتالغۇسى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن.

ئۇ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان لاگېرلارنى قانداق تەشۋىق قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ھالدا جۇدا قىلىنىپ، بالىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى «قايتا تەربىيە مەركەزلىرى» دەپ ئاتايدىغان «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دا ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ۋە ئۆزىنىڭ بۇ يەردىن قاچان قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ بىلمىگەن ئاساستا ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمىگە ئائىت بارلىق دېتاللارنى بىرلەشتۈرگەندە بۇنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقاندەك «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» ئەمەس، ئەكسىچە بىر مىللەتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى زوراۋانلارچە ۋە تۈپتىن يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، بۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئوقۇغۇچى ئەمەس، بەلكى مەھبۇس ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

بىز دوكتور تىمۇسي گرۇسنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ ماقالىنى يېزىشتىكى مەقسەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«مەن بۇ ماقالەم ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى بۇ سىياسەتلىرىنىڭ كەينىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسەتلىرىدىكى لوگىكىنى قىدىرىپ چىقىرىشقا تىرىشتىم. نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى تەشكىل قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى، تۈرك ۋە ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ ئامىللارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوقىتىش نىشانىغا ئايلانغانلىقى مېنى ئەجەبلەندۈردى. مەن بۇنىڭغا جاۋاب تېپىش نىيىتى بىلەن يولغا چىقىپ رايوننىڭ تارىخى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە يۈرگۈزگەن سىياسەتلەر تارىخىنى تەكشۈرۈپ چىقتىم»

تىمۇسىي گرۇسنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۈگۈنكى سىياسەت تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان بىر ئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس ئىكەن. ئۇ ماقالىسىدە بۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك ئىزاھات بەرگەن:

«ئەلۋەتتە، كېيىنكى يىللاردا ئامېرىكا باشلامچىلىقىدىكى خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئىسلامدىن قورقۇش خاھىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىي مۇسۇلمانلارغا يۈزسىزلىك بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى كۈچەيتىشىگە جاسارەت بەرگەنلىكى رەت قىلغۇسىز بىر پاكىت. ئەمما بىز يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزى تەھدىت دەپ قارىغان ھەرقانداق بىر مەدەنىيەتنى ‹كېسەللىك› دەپ قارايدىغان ئەنئەنىسى بارلىقىنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.»

تىمۇسىي گرۇس «خىتاي ئارخىپلىرى» دا ئېلان قىلغان بۇ زور ھەجىملىك ماقالىسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەنئەنىسىنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز تېررىتورىيەسى ئىچىدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى پەس كۆرۈپ، ئۇنى قانداقتۇر ئىشغال قىلغۇچى كۈچلەر بېرىپ ساقايتمىسا بولمايدىغان «بىنورماللىق» ياكى «روھىي كېسەللىك» دەپ قارايدىكەن. پارتىيە ئەمەلدارلىرى باشقا مەدەنىيەتلەرنى «كېسەل» ۋە ئۆزلىرىنى شۇ كېسەلنى داۋالايدىغان «دوختۇر» قىلىپ كۆرسەتكەن. خىتاي كومپارتىيەسى خىتاي مەدەنىيىتىنى ئاساسىي ئېقىم قىلىپ، پەرقلىق مەدەنىيەتلەرنى «كەينىدە قالغان»، «قالاق» دەپ تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇنى پۈتۈن ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بولمىغانلارغا قىلىۋاتقان زوراۋانلىقىنى نەزەرىيەۋى ئاساسقا ئىگە قىلغان ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇنى يوللۇق قىلىپ كۆرسەتكەن. ماۋ زىدۇڭ دەۋرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنىڭ قەدىمىي تېبابىتىنى نىشانغا ئېلىپ، ئۇنى ھەدىسىلا «ئىلمىي قىممىتى يوق» دەپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي تېبابەتچىلىكىنى تاڭغان بولسا، 1990-يىللاردا «فالۇنگۇڭ» تەرىقىتىنىمۇ «روھىي بىنورماللىق» دەپ تۇرۇپ زەربە بەرگەن.

تىمۇسىينىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككى ۋەقە زامان ۋە ماكان جەھەتتىن بىر-بىرىدىن پەرقلەنسىمۇ ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىم بولمىغان مەدەنىيەتلەرگە تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ «ئارقىدا قالغان» دەپ قارالغان مەدەنىيەتلەرنى ۋە دىنى گۇرۇپپىلارنى كوللېكتىپ ھالدا جازالىشىغا قانداق ئاساس يارىتىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەمچى بولالايدىكەن.

بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا بولسا، «فالۇنگۇڭ» مۇرىتلىرىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈلگەن 1990-2000-يىللار ئارىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن چېن چۆەنگو بولسا بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

تىمۇسىي ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن:

«خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر كەڭ تۈردە بازارغا سېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى ‹داۋالاشقا تېگىشلىك كېسەل› دەپ ئاتاش ۋە ئۇنى داۋالاش سىياسىتى غەربنىڭ ‹كەشپىياتى› بولماستىن، بەلكى ماۋ زىدۇڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەر نەزەردە تۇتۇلغان ‹نۇقتىلىق نوپۇس› كۆز قارىشى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ يوشۇرۇن تەھدىتى ۋە خىتاي ئالدىدىكى بىر توسالغۇ، دەپ قارايدىغان كۆز قارىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنىپ، تەدرىجىي كۈچلەندۈرۈلۈشىدىن ئوتتۇرىغا چىققان.»

ئۇ، «يۇقىرىقى سىياسەتلەر زامان ئىچىدە ئوخشىمىغان سەۋەبلەر بىلەن تەرەققىي قىلىپ ماڭدى، بىراق 2016-يىلى شى جىنپىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول سىياسىتى› نى رەسمىي تۈردە يولغا قويۇپ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك مەركەزلەشتى. نەتىجىدە فالۇنگۇڭ مەسىلىسىنى ۋە تىبەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا سىناقتىن ئۆتكەن چېن چۆەنگونى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ ئەكەلدى. مانا بۇ ئىككى سىياسىي ۋەقە ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ بۈگۈنكىدەك شەكىل ئېلىشىنىڭ ئىككى ئاساسلىق سەۋەبىدۇر،» دەيدۇ.

تىمۇسىي گرۇس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۆھرەت زاكىرغا ئوخشاش ئەمەلدارلىرى ۋە شىنخۇا قاتارلىق ھۆكۈمەت ئېغىزلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيە مەركەزلىرى» دىن سۆز ئاچقاندا ئەنە شۇ «زىيانلىق ئىدىيەلەر بىلەن يۇقۇملانغان» كىشىلەرنى «داۋالاپ ساقايتىۋاتىمىز» دېگەنگە ئوخشاش ھېكايىلەرنى بازارغا سېلىۋاتقانلىقى ۋە نەتىجىدە ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ سىستېمىلىق ھالدا زوراۋانلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.