«خىتاي دۈشمەن ئەمەس» ماۋزۇلۇق ئوچۇق خەت ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر (1)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل سابىق مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇسان سورنتون باشچىلىقىدىكى 5 نەپەر سىياسىيون ۋە ئىلىم ئەھلى پرېزىدېنت ترامپ ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى. «خىتاي دۈشمەن ئەمەس» دېگەن تېمىدا «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئوچۇق خەتكە جەمئىي 95 كىشى ئىمزا قويغان.

«خىتاي دۈشمەن ئەمەس» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ئوچۇق خەتتە «يىللاردىن بېرى ئاسىيا قىتئەسى ۋە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك تاشقى سىياسەت، سودا ۋە ئاكادېمىيە ساھەلىرىدە خىزمەت قىلغان ھەر ساھەگە تەۋە كىشىلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھازىر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، «بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ياخشى بىر يۆنىلىش ئەمەسلىكى، گەرچە خىتاينىڭ بەزى قىلىقلىرى ھەقىقەتەن بەك كىشىنى ئويلاندۇرسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامانلىشىشىغا سەۋەب بولىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتقانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئوچۇق خەتتە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا قاراتقان سىياسەتلىرىگە تۇتقان نۆۋەتتىكى پوزىتسىيەسى «ئەكس تەسىر پەيدا قىلغۇچ» دەپ باھالانغان. ئوچۇق خەتتە مۇنۇلار دېيىلگەن: «بىز خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن دەرھال ۋە كەڭ كۆلەمدە تاقابىل تۇرمىسا بولمايدىغان بىر ئىقتىسادىي دۈشمەن ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ مەۋجۇدىيىتى ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمىز. خىتاينى پەقەت بىر قانچە دۆلەت رەھبىرىنىڭ گېپى بىلەنلا باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت، دەپ قارىمايمىز. گەرچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى خىتاينى خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئۆزىگە بەك ئىشىنىدىغان، ئۆزىنىڭ دېگىنىنى راست قىلىدىغان قىلىپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە نۇرغۇن خىتاي ئەمەلدارلىرى، مۆتىۋەرلىرى غەرب بىلەن مۆتىدىل، ئەمەلىيەتچىل ۋە ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇناسىۋەت قۇرۇشنىڭ خىتاي ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ».

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى يۇقىرىدىكى بۇ ئوچۇق خەت ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خەتتە ئامېرىكىنىڭ كونا سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتەك خاتالىققا ئۈندەلگەنلىكىنى ئىپادە قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنت ئوباما ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى سابىق مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇسان سورنتون قاتارلىقلار ئېلان قىلغان يۇقىرىدىكى بۇ ئوچۇق خەتتە: «ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان خىتاينى دۈشمەندەك كۆرۈش سىياسىتىنىڭ ئاقىۋەتتە ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى بۇزىدىغانلىقى، دۇنيا ئىقتىسادىغا زىيان سالىدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە «خىتاي، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى باشلامچىلىق رولىنى تارتىۋالىدۇ، دېگەن ئوي-پىكىرمۇ بىر مۇبالىغە، خىتاينىڭ ئۇنداق بىر غايىنى زۆرۈر دەپ قارايدىغانلىقى ياكى ئۇنى ئۆزىگە مۇۋاپىق دەپ قارايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس» دېگەندەك سۆزلەر ئورۇن ئالغان.

يۇقىرىدىكى بۇ ئوچۇق خەت «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكا سىياسەت ساھەسىدىكىلەر ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. يۇقىرىدىكى بۇ پىكىر نۇرغۇن تەتقىقاتچى، ئىلىم ئەھلى ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇلارمۇ بەس-بەستە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش ئارقىلىق يۇقىرىدىكى پىكىر ئېقىمىدىكىلەرنى «كاللىسىنى سىلكىۋېتىش» كە چاقىردى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى، ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى ھەرىكىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى دوكتور ياڭ جيەنلىدۇر.

ياڭ جىيەنلى ۋە خەن لىيەنچاۋ قاتارلىقلارنىڭ ئىمزاسى بىلەن «پۇقرالار كۈچى ھەرىكىتى» تور بېتىدە «ئامېرىكا خىتايغا قاراتقان خاتا سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكمۇ؟» ماۋزۇسىدا ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ ئوچۇق خەتنى ئېلان قىلغۇچىلار «40 يىلدىن بېرى ئەگەر ئامېرىكا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ياخشى ئۆتسە، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەم قىلسا، ئۇ ھالدا خىتاي بارا-بارا ئۆزگىرىپ بىزگە ئوخشاش بولىدۇ» دېگەن نەزەرىيەگە ئىشىنىپ كەلگەن ۋە ھازىرغىچە شۇنىڭغا ئىشەنمەكتە.

ياڭ جىيەنلى ئەپەندى بۈگۈن بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يۇقىرىدىكى بۇ كىشىلەر رېئاللىققا قايتىپ كېلىشى كېرەك، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەن يۇقىرىدىكى بۇ خىل كۆز قاراشنى 40 يىللىق خام خىيال، دەپ ئاتايمەن. خىتايدا يۈز بېرىۋاتقانلار بۇ كىشىلەرنى چۈشتىن ئويغىتىشى كېرەك. بۇ كىشىلەر كونا خاماننى سورۇشنى تاشلاپ، رېئاللىققا يۈزلىنىشى، ئاللىقاچان مەغلۇپ بولغان خاتا خىتاي سىياسىتىنى يەنە بازارغا سېلىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك».

ئۇنداقتا يۇقىرىدىكى بۇ كىشىلەر نېمىشقا 40 يىلدىن بېرى ئىشقا ئاشمىغان بۇ سىياسىتىدىن يەنىلا ۋاز كەچمەيدۇ؟ ئەمەلىيەت زادى نېمە، ئامېرىكا خىتايغا قانداق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشى كېرەك؟ بىز كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەردىن سىلەرگە داۋاملىق ئاڭلىتىش بېرىمىز.